ئۈرۈمچى − ئەددىس ئەبېبە يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى
12:01:46 2025-06-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 6- ئاينىڭ 27- كۈنى، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئافرىقا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولغان ئۈرۈمچى − ئەددىس ئەبېبە يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تۇنجى ئۇچۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئېفىيوپىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تافېررا دېربېۋ يىمام قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە قوزغىتىش دەستىسىنى ئىتتىرىپ، تۇنجى ئۇچۇشنى قوزغاتتى.

 تافېررا دېربېۋ يىمام سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى − ئەددىس ئەبېبە يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئېفىيوپىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن، بولۇپمۇ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىقتىساد جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

 نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى − ئەددىس ئەبېبە يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر ھەپتىدە ئىككى نۆۋەتتىن ئۈچ نۆۋەتكىچە ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىنىدۇ، بوئىن 777F تىپلىق ئايروپىلان ئىشلىتىلىپ ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىنىدۇ. ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئەلا سۈپەتلىك مېۋە، سالمون بېلىقى قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ھەم پۈتۈن دۇنيا بازىرىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش ئۈچۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئېچىلىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئېفىيوپىيە ھەم ئافرىقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كالا، قوي گۆشى، ئېسىل قەھۋەسى، خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئىستېمال بازىرىغا كىرىشىگە قولايلىق يارىتىلىدۇ.

 ئۈرۈمچى − ئەددىس ئەبېبە يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى تۇنجى ئۇچۇش شىنجاڭنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت يولىنىڭ يەنە بىر قېتىم سۈپىتىنىڭ ئۆستۈرۈلۈپ، كۆلىمىنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يىل 5- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت ۋە يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا جەمئىي 25كە، 24كە يېتىپ، خەلقئارا يولۇچى ۋە يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارىدىن 301 مىڭ ئادەم قېتىم، 40 مىڭ 200 توننا تاماملىنىپ، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى سىجىل ئاشتى.

 ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى قىسمەن ئورۇنلىرى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى قاتارلىقلار تۇنجى ئۇچۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125