ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق تۈرلەردە تاماملانغان سېلىنما جەمئىي 89 مىليارد 820 مىليون يۈەن بولۇپ، چوڭ- چوڭ تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتى سىجىل تېزلىتىلگەن.
بۇنىڭ ئىچىدە، داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ سېلىنمىغا قوشقان تۆھپىسى 62 مىليارد 950 مىليون يۈەن بولغان، يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەردە تاماملانغان سېلىنما 25 مىليارد 750 مىليون يۈەن بولغان، زاپاس تۈرلەردە 1 مىليارد 120 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشكەن. ساھەلەر بويىچە قارىغاندا، ئېلېكتىر تورى، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە يېڭى ماتېرىيال، يېشىل كانچىلىق ۋە پىششىقلاش، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، ئايرودۇرۇم، تاشيول، نېفىت- تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ھەم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش سۈرئىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئاپتونوم رايوندىكى 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك چوڭ- چوڭ كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ئالدىنقى بەش ئايدا تاماملانغان سېلىنما 33 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولغان.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يىن تىڭتىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالدىنقى بەش ئايدا، «تۈر باشقۇرغۇچى» تۈزۈمى ۋە «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، 94 نۇقتىلىق تۈردە قۇرۇلۇش باشلاشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، پۈتۈن يىللىق يېڭىدىن ئىش باشلاش نىشانىنىڭ %78.3ى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى.
نۆۋەتتە، شىنجاڭ يەر ئىشلىتىش، ئورمان ئىشلىتىش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قاتارلىق ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ تۈرلەردە ماھىيەتلىك ئىش باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىمەكتە.