تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتەيلى | ماۋ زېمىن: قەتئىي تىز پۈكمەس «قىزىل باشقۇرغۇچى»
12:39:33 2025-06-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ماۋ زېمىن: قەتئىي تىز پۈكمەس «قىزىل باشقۇرغۇچى»

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

«1- ئىيۇل» ھارپىسىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ مىڭدې يولى 29- نومۇرغا جايلاشقان ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيىدا ئېھتىرام بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ھويلىدا ماۋ زېمىننىڭ يېرىم بەدەنلىك مىس ھەيكىلى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، چىرايىدا كوممۇنىستلارنىڭ قەتئىيلىكى تولۇق نامايان بولۇپ تۇراتتى.

«مىس ھەيكەلنىڭ كەينىدىكى بىر قەۋەتلىك ئۆي ماۋ زېمىن شىنجاڭدا مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، مۇۋەققەت نازىرى بولغان مەزگىلدە ئىش بېجىرگەن ۋە تۇرغان جاي. شەرق تەرىپى شىنجاڭ ئۆلكىلىك مالىيە مەخسۇس كۇرس مەكتىپى تۇرۇشلۇق جاينىڭ كونا ئورنى بولۇپ، ماۋ زېمىن مەكتەپ مۇدىرى بولغان...»، دېدى 95- يىللاردا تۇغۇلغان چۈشەندۈرگۈچى يىن لۇ. دەل مۇشۇ جايدا، بۇ قىزىل مالىيە- ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ قىيىن ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغان ئاجايىپ مۇساپىنى باشلىغان.

ماۋ زېمىن 1896- يىلى تۇغۇلغان، خۇنەن شياڭتەن شاۋشەندىن. ياش ۋاقتىدا ئاكىسى ماۋ زېدۇڭغا ئەگىشىپ ئىشچى- دېھقانلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتى بىلەن مەخپىي شۇغۇللانغان. 1931- يىلى، مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىدا جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى بانكىسىنىڭ باشلىقى بولغان، سوۋېت رايونىنىڭ بانكا، مالىيە، سودا، زاۋۇت- كان قاتارلىق ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، بىر دېھقاندىن «قىزىل باشقۇرغۇچى»غا ئايلانغان.

قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىدە ماۋ زېمىن «ئەپكەش ئۈستىدىكى دۆلەت بانكىسى»نىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاشلىق ۋە پۇل غەملەپ، ھەربىي لازىمەتنى كاپالەتلەندۈرگەن. 1936- يىلى ماۋ زېمىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شەنشى- گەنسۇ سوۋېت رايونى، شەنشى- گەنسۇ- نىڭشيا چېگرا رايونى ئىقتىساد بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، چېگرا رايوننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان.

زىيادە چارچاپ كەتكەچكە، ماۋ زېمىننىڭ كونا كېسىلى قوزغىلىپ قالغانىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ داۋالىنىشى ۋە دەم ئېلىشىنى قارار قىلغان. ئەمما شىنجاڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارىدىغان مۇھىم خەلقئارا قاتناش لىنىيەسى ئىدى. لېكىن ماۋ زېمىن نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلىدۇ؟

«شۇ چاغدىكى شىنجاڭدا مىلىتارىستلارنىڭ قالايمىقان ئۇرۇشى ئاياغلاشقىنىغا ئۇزاق بولمىغان بولۇپ، ئىقتىساد خارابلاشقان، مالىيە قالايمىقانلاشقان، مال باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەۋاتقان بولۇپ، شېڭ شىسەي بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشنى جىددىي ئۈمىد قىلىۋاتقانىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت- ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەتقىقات 3- باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لياڭ جېشى مۇنداق تونۇشتۇردى: 1938- يىلى 2- ئايدا ماۋ زېمىن دىخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى) ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ داۋالانماقچى بولغان. شېڭ شىسەي بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆپ قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا تېلېگرامما يوللاپ، ماۋ زېمىننىڭ شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، ماۋ زېمىن ئىسمىنى «جوۋ بىن»غا ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى سالاھىيىتى بىلەن شىنجاڭدىكى خىزمىتىنى باشلىغان.

شىنجاڭنىڭ مالىيەسى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ۋەزىيەت ئالدىدا، ماۋ زېمىن ئالدى بىلەن پۈتۈن ئۆلكىنىڭ مالىيە، پۇل مۇئامىلىسىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، «ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، چىقىمنى تېجەش، چىقىمغا كاپالەتلىك قىلىش، كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىش، كىرىم بىلەن چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش»تىن ئىبارەت مالىيە خىزمىتى فاڭجېنىنى بېكىتكەن. ئۇ مالىيە نازارىتىنىڭ ئىشتاتىنى قىسقارتىپ، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا مالىيە ئىدارىسى، ناھىيەلەردە باج ئىدارىسىنى تەسىس قىلغان، ئۆلكە، رايون ۋە ناھىيەلەردە بانكا خەزىنىسى تەسىس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىخۇادا مالىيە مەخسۇس كۇرس مەكتىپى قۇرغان ھەم ئۆزى دەرس ئۆتۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مالىيە- ئىقتىساد ئىختىساسلىقلىرىنى توپلىغان.

پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ماۋ زېمىن پۇل تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، «سەر»نى بىرلىك قىلغان كونا ئۆلكە پۇلىنى بىكار قىلىپ، «يۈەن»نى بىرلىك قىلغان بىرلىككە كەلگەن يېڭى پۇل تارقاتقان ھەم يېڭى پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، يېڭى پۇلنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغان؛ خامچوت سىرتىدىكى چىقىمنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئۇ مالىيە نازارىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ كىرىم- چىقىم ئومۇمىي خامچوتىنى تۈزۈپ، مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتى قۇرغان ھەم ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىكى چىقىمنى كەڭ قويۇۋېتىپ، مائارىپ خىراجىتىنى %4.5تىن %11.5كە كۆپەيتكەن.

ماۋ زېمىن يەنە شىنجاڭنىڭ ئىككىنچى «ئۈچ يىللىق قۇرۇلۇش پىلانى»نى تۈزۈشكە ياردەملەشكەن. كۆپ ساندىكى كۆچمە كاپىتالنى جەلپ قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 4 مىليون خەلق ئاممىسىنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي كۈچىنى ھەرقايسى قۇرۇلۇش تارماقلىرىغا ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇ بانكىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنى قارار قىلغان. 1939- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭ سودا بانكىسى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادىغا ئاساس سېلىنغان.

1941- يىلى 4- ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ماۋ زېمىننىڭ تەشەببۇسى بىلەن 6 مىليون يۈەنلىك قۇرۇلۇش زايومى تارقاتقان. ماۋ زېمىن «شىنجاڭ گېزىتى»گە قۇرۇلۇش زايومى تارقىتىش توغرىسىدا نەشر بېغىشلىمىسى يېزىپ بېرىپ: «ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇش زايومى تارقىتىشتىكى مەقسىتى قۇرۇلۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، 2- قارارلىق <ئۈچ يىللىق قۇرۇلۇش پىلانى>نى تېزدىن تاماملاپ، دۆلەت مۇداپىئە ئارقا سېپىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، ئالدىنقى سەپنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر...» دەپ كۆرسەتكەن. ھەر ساھە بەس- بەستە سېتىۋالغاچقا، تارقىتىلىش مىقدارى 6 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ماۋ زېمىن يەنە شىنجاڭ سودا بانكىسىغا گۆرۈچىلىك كەسپىنى يولغا قويۇش تەكلىپىنى بېرىپ، بۇنىڭغا «گۇڭجىداڭ» دەپ ئىسىم قويغان، %3لىك تۆۋەن ئۆسۈم ئېلىش قاتارلىق خەلققە قولايلىق يارىتىش سىياسىتىنى قوللانغان، بۇ ئارقىلىق نامرات خەلقنى يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيەسىگە ئۇچراشتىن ساقلاپ قېلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

1941- يىلى 7- ئايدا، خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇۋەققەت نازىرلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ماۋ زېمىن ئون نەچچە قۇتقۇزۇش ئورنىنى تەرتىپكە سېلىپ ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇپ، 4000غا يېقىن يېتىم- يېسىر، نامرات ۋە مېيىپنى بېقىۋېلىپ، بۇ كىشىلەرنى ئۆي- ماكانسىز قالغان، كوچا بويلاپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ئېچىنىشلىق تۇرمۇشتىن قۇتۇلدۇرغان. ئۇ يەنە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 13 دوختۇرخانا، تۆت دورىخانا ۋە 16 ئامبۇلاتورىيە قۇرغان ۋە ئۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرغان ھەم ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بىر رېنتىگېن ئاپپاراتى سېتىۋېلىپ، ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك دوختۇرخانىغا ئىئانە قىلىپ، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان.

ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيىدا، بۇ رېنتىگېن ئاپپاراتىنىڭ زاپچاسلىرى ئەتىۋارلاپ ساقلىنىۋاتىدۇ. «بۇ، ماۋ زېمىننىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا رىشتە باغلاپ، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش شارائىتىنى ياخشىلىغانلىقىغا گۇۋاھ بولىدۇ»، دېدى يىن لۇ ھاياجانلانغان ھالدا.

1942- يىلى، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى جىددىي يامانلىشىپ كەتتى، شىنجاڭ مەسئۇل دائىرىلىرى جياڭ جيېشىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەگە قارشى تۇردى. 9- ئاينىڭ 17- كۈنى، ماۋ زېمىن قاتارلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.

«ئەينى چاغدىكى بىر قىسىم تۈرمىداشلارنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۇلار پەقەت سوراقچىلارنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ۋە قامچىلىغان ئاۋازىنىلا ئاڭلىغان، يولداش ماۋ زېمىننىڭ ھېچقانداق مۇرەسسە قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىمىغان.» لياڭ جېشىنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ قالدى.

تۈرمىدە، دۈشمەنلەر ماۋ زېمىننى قورقۇتۇپ ۋە ئالداپ، قاتتىق قىيىن- قىستاققا ئېلىپ ئۇرۇپ، ئۇنى كوممۇنىستىك پارتىيە تەشكىلاتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلاشقا قىستىغان. ماۋ زېمىن قەتئىي تىز پۈكمەي، ئۆلۈمدىن قورقماي قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «مەن كوممۇنىزم مەيدانىدىن ۋاز كېچەلمەيمەن! مەن كوممۇنىستىك پارتىيەدىن ئايرىلمايمەن!».

1943- يىل 9- ئاينىڭ 27- كۈنى، ماۋ زېمىن دۈشمەن تەرىپىدىن مەخپىي ئۆلتۈرۈلدى، شۇ يىلى 47 ياشتا ئىدى.

ماۋ زېمىن شىنجاڭدا تۆت يىلدىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىگەن، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغان، تۇرمۇشتا ئاددىي- ساددا، پاك- دۇرۇس بولغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئىنتايىن قالايمىقانلىشىپ كەتكەن مالىيە- ئىقتىساد خىزمىتىنى نورمال ئىزىغا سېلىپ، مالىيە كىرىم- چىقىمىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، تاشقى قەرزنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، چېگرا رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى قوللاش ئۈچۈن قالتىس تۆھپىلەرنى قوشقان.

زىلزىلىگە سالار يەر- جاھاننى قەھرىماننىڭ جاسارىتى، ئۆتسىمۇ قانچە دەۋر ئۇرغۇپ تۇرار ئەزىمەتنىڭ شىجائىتى. ماۋ زېمىن قىممەتلىك ھاياتىنى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغۋار ئازادلىق ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ھاياتى ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقىتىنى ئىزاھلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد مەدھىيەلەندى، ئۇنىڭ روھى مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قەھرىمانلىق نامى تىيانشان تېغى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىگە مەڭگۈ نەقىشلىنىپ، كۆپچىلىكنى قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125