ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ
ياز كۈنلىرىدىكى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەنزىرىسى كىشىنى جەلپ قىلىدۇ، ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئالدىنقى بەش ئايدا، بورتالا ئوبلاستى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 11 مىليون 351 مىڭ 300 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئاشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى بورتالا شەھىرى، ئارشاڭ ناھىيەسى، سايرام كۆلى ساياھەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، رايون ساياھىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇپ تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، بورتالا ئوبلاستى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى.
6- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە، «چېگرانى بويلاپ تۈمەن چاقىرىملىق سەپەر قىلىش − ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى»نىڭ شىمالىي شىنجاڭ گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بورتالا ئوبلاستىغا كېلىپ، «بورتالا- ئارشاڭ- سايرام كۆلى» مەدەنىيەت- ساياھەت، ساغلاملىق- كۈتۈنۈش كەسپى بويىچە رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ شىفىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.
ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، زەنجىرسىمان تەرەققىي قىلىش
بورتالا ئوبلاستلىق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى خۇاڭ شۆلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بورتالا ئوبلاستى ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، «بىر باشلامچى، بىر مەركەز، ئۈچ گۇرۇپپا ئۆمەك» ساياھەت كەسپى بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تېز بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، «بورتالا- ئارشاڭ- سايرام كۆلى» مەدەنىيەت- ساياھەت، ساغلاملىق- كۈتۈنۈش كەسپى بويىچە رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ زەنجىرلەشكەن، توپلاشقان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
بورتالا ئوبلاستى مەدەنىيەت- ساياھەت، ساغلاملىق- كۈتۈنۈش كەسپىدە «يېمەك- ئىچمەك، قونالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش»نى چىڭ كۆزلەپ، مەدەنىيەت- ساياھەت، ساغلاملىق- كۈتۈنۈش، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى، داۋالاش- كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن ساغلام كۈتۈنۈش، بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ھەرىكىتى كەسپى ۋە تەتقىقات- ئۆگىنىش تەربىيەسى قاتارلىق كەسىپ توپىنى پائال بەرپا قىلىپ، زەنجىرى مۇكەممەل، ئىقتىدارى كۆپ خىل، كەسىپ ھالىتى مول، باغلىنىشى زىچ بولغان «بورتالا- ئارشاڭ- سايرام كۆلى» مەدەنىيەت- ساياھەت، ساغلاملىق- كۈتۈنۈش كەسىپ تەرەققىياتى يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.
بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، «بورتالا- ئارشاڭ- سايرام كۆلى» مەدەنىيەت- ساياھەت، ساغلاملىق- كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولدى.
بورتالا ئوبلاستى سايرام كۆلى ئەتراپىدىكى مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇپ، ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ساياھەت لىنىيەلىرىنى بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئارشاڭ ناھىيەسى مول يەر ئىسسىقلىق بايلىقى ۋە ئۆزگىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا تايىنىپ، ئارشاڭ ساغلاملىق- كۈتۈنۈشى بىلەن ساياھەتچىلىكنى چوڭقۇر يۇغۇردى. بىر تەرەپتىن، ناھىيە رايونىدىكى ئارشاڭ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئېچىپ، ئارشاڭدا كۈتۈنۈش سۈپىتىنى ئۆستۈردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، بورتالا شەھىرىنىڭ ساياھەت بايلىقى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە ساياھىتى، خەلق ئۆرپ- ئادىتى ساياھىتى قاتارلىق كۆپ خىل ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەت لىنىيەلىرىنى بېيىتتى.
بورتالا شەھىرى ساياھەت مۇلازىمىتى يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر ئىچى ساياھەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، ئارشاڭ ناھىيەسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەر مەنبەسىنى ئۆزئارا يەتكۈزۈش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ياخشى ئاساس سېلىش، سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش
ئۇنىۋېرسال قاتناشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش زور مىقداردا ساياھەتچى توشۇشنى ھۆددىگە ئېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى كۆپ تۈگۈنلۈك، تورسىمان، تولۇق قاپلىغان تاشيول تورى بەرپا قىلىپ، بورتالا- ئارشاڭ- سايرام كۆلى تېز سۈرئەتلىك يولى، سايرام كۆلىنى ئايلىنىش يولى، كۆك توخا نەسىللىك چارۋا فېرمىسى- سايرام كۆلى يولىنى ئارقا- ئارقىدىن پۈتتۈرۈپ، مەنزىرە نۇقتىلىرى ئارىسىدا تېز سۈرئەتلىك تۇتىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۈچ تۆمۈريول (لەنجوۋ- شىنجاڭ لىنىيەسى، جىڭ- غۇلجا- قورغاس، بورتالا ئوبلاستى تارماق لىنىيە تۆمۈريولى) 411 كىلومېتىر كېلىدىغان «Y» شەكىللىك تۆمۈريول تورىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، بورتالا ئالاتاۋ ئايرودۇرۇمىدا نۆۋەتتە شىنجاڭ ئىچى- سىرتىغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 18ى بار.
قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىدىن باشقا، «بورتالا- ئارشاڭ- سايرام كۆلى» مەدەنىيەت- ساياھەت، ساغلاملىق- كۈتۈنۈش كەسپى بويىچە رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، بورتالا ئوبلاستى يەنە ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىگە كۈچ سەرپ قىلدى.
سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا، سايرام كۆلى كىچىك بازىرى تۈرىدە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ تۈردە ساياھەت، ئىستىراھەت، دەم ئېلىش، ساغلاملىق- كۈتۈنۈشنى بىر گەۋدە قىلغان ئۇنىۋېرسال ساياھەت كىچىك بازىرى بەرپا قىلىنىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مېھمانساراي، خاس يېمەك- ئىچمەك، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قاتارلىق تۈرلەر كىرگۈزۈلۈپ، مەنزىرە رايونىنىڭ قونالغۇ، يېمەك- ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.
ئارشاڭ ناھىيەسى ئارشاڭ ساغلاملىق- كۈتۈنۈش ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى تۈرىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئارشاڭ مېھمانسارىيى، دەم ئېلىپ داۋالىنىش مەركىزى، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئىستىراھەت سورۇنى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، ئارشاڭ ساغلاملىق- كۈتۈنۈش ساياھىتىنىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.
«داۋالىنىپ كۈتۈنۈشكە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ھەر يىلى %10تىن يۇقىرى سۈرئەتتە كۆپەيدى»، دېدى ئارشاڭ ناھىيەلىك موڭغۇل تېبابىتى دوختۇرخانىسى داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ چياڭ.
بورتالا شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىدارە باشلىقى پېڭ يىڭ مۇنداق دېدى: بورتالا شەھىرى ساياھەت مۇلازىمىتى يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ساياھەت، ئىستىراھەت، ساغلاملىق- كۈتۈنۈش شەھەرچىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئات شەھىرى مەدەنىيەت كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى، شارشىل قاتارلىق يادرولۇق ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، تەتقىقات- ئۆگىنىش ساياھىتى، ساغلاملىق- كۈتۈنۈش ساياھىتى، پىيادە مېڭىش ساياھىتى، ئات مىنىش ساياھىتى قاتارلىقلار بويىچە يېڭى لىنىيەلەرنى پائال ئېچىپ، بورتالانىڭ ساياھەت تەسىر كۈچى ۋە كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
«ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى، كەسىپ سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق»، دېدى خۇاڭ شۆلى.
داڭلىق ماركىنى كۈچەيتىش، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئۇچقاندەك ئۆرلەش
داڭلىق ماركا ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشنىڭ ئاچقۇچى.
6- ئاينىڭ 4- كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ 17- نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش (خەلقئارا) تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى ھەم جۇڭگو ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى بويىچە ۋېلىسىپىت مىنىپ ساياھەت قىلىش يىغىلىشى سايرام كۆلىدە ئاخىرلاشتى. بۇ مەزگىلدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋېلىسىپىت ھەۋەسكارلىرى بورتالا ئوبلاستىغا جەم بولۇپ، ۋېلىسىپىت مىنگەچ بورتالا ئوبلاستىنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى تۈرلۈك مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، «بورتالا- ئارشاڭ- سايرام كۆلى» مەدەنىيەت- ساياھەت، ساغلاملىق- كۈتۈنۈش داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، بازار تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى.
سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى، مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، مۇزىكا بايرىمى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تەنتەربىيە، مەدەنىيەتنى ساياھەت بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە ئىناۋىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. ئارشاڭ ناھىيەسى ئۆتكۈزگەن ئارشاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت باش تېمىلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ئارشاڭ مەدەنىيىتىنى، خەلق ئۆرپ- ئادىتى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ساياھەت داڭلىق ماركا ئوبرازىنى ئۆستۈردى. بورتالا شەھىرىنىڭ تاش ئالما مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى ۋە مەززىلىك تائاملار بايرىمى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئالقات مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەر كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
بۇنىڭدىن باشقا، بورتالا ئوبلاستى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەتچىلىكتىكى باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئارشاڭ- سايرام كۆلى ساياھەتچىلىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە چېگرا ھالقىغان ساياھەتچىلىكنى ھەمتۈرتكە بولۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يۈرۈشتۈرۈش- باشقۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلىدى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولدى. بورتالا شەھىرىنىڭ ساياھەت مۇلازىمىتى يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزىلىك رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شارشىل رايونىنى ئېچىشنى تەرتىپلىك، ئۆلچەملىك ئالغا سىلجىتىپ، سايرام كۆلى، شارشىل، ئارشاڭ «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك» ھەمتۈرتكە بولۇپ تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. «ئارشاڭ- سايرام كۆلى، ئالاتاۋ- ئارشاڭ، جىڭ- ئالاتاۋ»نىڭ ئۆمەك تەشكىللەپ تەرەققىي قىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ تەرەققىي قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.
نۆۋەتتە، «كەسىپ باشلامچىسى سايرام كۆلىدە، تىرەك بولىدىغان كەسىپ ھالىتى ناھىيە، شەھەرلەردە» بولغان كەسىپ زەنجىرى تېز شەكىللەندى، ناھىيە، شەھەرلەر ئارا، مەنزىرە رايونلىرى ئارا ئۆزئارا ئېقىننى باشلاش، ئېقىنغا تۈرتكە بولۇش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز ئۇزاردى، مۇكەممەللەشتى، «ئېقىم مىقدارى»نى «قالدۇرۇلغان مىقدار»غا ئۆزگەرتىش ۋە «قالدۇرۇلغان مىقدار»نى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇشقا تىرەك بولىدىغان ساياھەت كەسىپ ھالىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، سايرام كۆلى كىچىك بازىرى، ئارشاڭ كىچىك بازىرى، باجياخۇ ئالقات كىچىك بازىرى، ۋۇتەي ۋە سەنتەي قەدىمىي ئۆتىڭىنىڭ خاسلىقى روشەن بولدى، بورتالانىڭ كېچىلىك ئىقتىسادى، ئالاتاۋدا ساياھەت قىلىپ مال سېتىۋېلىش كۈنسېرى جانلاندى.
بۈگۈنكى كۈندە، «بورتالا- ئارشاڭ- سايرام كۆلى» مەدەنىيەت- ساياھەت، ساغلاملىق- كۈتۈنۈش كەسپى بويىچە رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، مەملىكەت بويىچە داڭلىق ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.