شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ) 6- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەرلىك، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىپ، ئالماشتۇرۇلۇپ، خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق سىياسىي كېڭەشلەر سىياسىي يۈكسەكلىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۆزلەشنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، قانۇنىيەتنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى شەرەپ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەھەرلىك، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
نۇرلان ئەبىلمەجىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى تەجرىبە، يېڭى نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە نامايان قىلىش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى ئىقتىدار- قابىلىيەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دىققەتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك كېڭىشىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ خاراكتېرى، ئورۇن بېكىتمىسىنى ئىگىلەپ، سۇپا، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەش كېرەك. توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساھەلەر خىزمىتىنى «جانلاندۇرۇش»، «ئەمەلىيلەشتۈرۈش»، مەخسۇس كومىتېتلار خىزمىتىنى «كۈچەيتىش» ئارقىلىق، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئەزالارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.
يىغىندا، ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەشتىكى يەتتە مەسئۇل يولداش پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
جارۇللا ھېسامىدىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، پۇ شۆمېي، ھەسەنجان ئەخمەت يىغىنغا قاتناشتى.