ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن
كىچىككىنە بىر جايدىن دۇنيادىكى ياخشى ماللارنى تاپقىلى، دۇنيانىڭ سالاپىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ بىرنەچچە كۈندە، شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، دۇنيادىكى تاۋارلارنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى بازىرى» بولۇپ قالدى.
بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى 50 دۆلەت(رايون)تىكى 1800دىن ئارتۇق كارخانىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا، 1000دىن ئارتۇق كارخانىنى يىغىنغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، 27 دۆلەت كۆڭۈل قويۇپ دۆلەت (رايون) تاۋار سارىيىنى تەسىس قىلدى، بۇ، ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە قارىغاندا كۆلىمى ئەڭ چوڭ، كۆرگەزمىگە، يىغىنغا قاتناشقان كارخانا سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر نۆۋەتلىك كۆرگەزمە. چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى شەكلى كۆپ خىل يېڭى مەھسۇلاتلار، كۆپ مەيدان نەتىجىلەرنى ئېلان قىلىش ۋە سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى، ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدىغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتى... «ئاسىيا- ياۋروپا ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىش، يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش» باش تېمىسىنى دەلىللەپ تۇراتتى.
ياخشى ماللار توپلاشتى، سودا تېز يولى ياسالدى
بىرازىلىيەنىڭ پۇراقلىق قەھۋەلىرى، موڭغۇلىيەنىڭ نەپىس يۇڭ ئەدىياللىرى، ئافرىقىنىڭ قىزغىن دۇمباق مۇزىكىلىرى، ئافغانىستاننىڭ رەڭگارەڭ ياقۇت زىننەت بۇيۇملىرى، ئىراننىڭ دەمەشىق ئەتىرگۈل تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەملىرى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك سۆرىگۈچى ئاپتوموبىللار قاتارلىقلار بىر سەھنىدە بەس- بەستە نامايان بولۇپ، «دۇنيادىن سېتىۋېلىش، دۇنياغا سېتىش»تەك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىگە گۇۋاھ بولماقتا.
كۆزنى قاماشتۇرىدىغان، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز ئېسىل تاۋارلار، 6- ئاينىڭ 27- كۈنى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنى ئايلىنىپ غۇلجا شەھىرى ئاھالىسى يەن لىدۇن قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەي قىينىلىپ قالدى. ئۇ كۆپ يىل تاۋار سودا كۆرگەزمىسى، جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كۆرگەن بولۇپ، بۇ يىل كۆرگەزمە قىلىنغان تاۋارلارنىڭ تېخىمۇ موللىقىنى ھېس قىلدى. «كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، بۇنىمۇ ئالغۇم كەلدى، ئۇنىمۇ ئالغۇم كەلدى، كۆرگەزمىنى ئۆيۈمگىلا كۆچۈرۈپ كەتكۈم كەلدى»، دېدى ئۇ.
بۇ يىل ئېفىيوپىيە، زامبىيە، كومورو، سېنېگال قاتارلىق ئافرىقا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشتى، خەلقئارا «دوستلار چەمبىرىكى»نى كېڭەيتىش تەدبىرى كۆرگەزمىنىڭ خەلقئارالىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، بۇ يەنە تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ دۇنياۋى تەسىر كۆرسىتىش كۈچى ۋە تەسىرىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە يېڭىدىن قاتناشقانلار ناھايىتى كۆپ بولدى، مالايسىيا GPR سارماي چۈچى پېچىنە- پىرەنىك كارخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى يې تىڭتىڭ 1- قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشتى، «ئايروپىلانغا ئون سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا كەلدىم، شىنجاڭ بەك چوڭ، بازار يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز ئىكەن»، دېدى يې تىڭتىڭ.
يې تىڭتىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كارخانامدا 300دىن ئارتۇق ئىشچى- خىزمەتچى بار، شىنجاڭ بازىرىغا كىرگىلى ئون يىلدىن ئاشتى، مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ شىنجاڭدا سېتىش سودىگەرلىرى بار. بۇ قېتىم مېنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشتىكى مەقسىتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ سۇپا ئارقىلىق مەھسۇلاتلىرىمنى ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا كېڭەيتىش.
ئىرانلىق سودىگەر خالىد كۆپ قېتىم شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە 1- قېتىم قاتنىشىشى بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ دەمەشقنىڭ قىزىلگۈل يۈرۈشلۈك تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى، يۇيۇش، ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كەلدى.
«ئەتىر بارمۇ؟» خالىد ئېكسكۇرسىيەچىنىڭ سوئالىغا ئەپسۇسلانغان ھالدا جاۋاب بېرىپ: بۇ يىل يوق، لېكىن كېلەر يىلى چوقۇم ئەكېلىمەن، دېدى. خالىد ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا كېلىپ 1- قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشقاچقا تەجرىبەم كەمچىل، مەھسۇلاتلىرىمنىڭ قارشى ئېلىنىش دەرىجىسى مۆلچەرىمدىكىدىن ئېشىپ كەتتى، كېلەر يىلى كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشقاندا چوقۇم مەھسۇلاتلىرىمنىڭ تۈرلىرىنى موللاشتۇرىمەن، مەھسۇلاتلىرىمنىڭ سانىنى كۆپەيتىمەن.
گەرچە ئۇنىڭ سۆزلىرى قىسقا بولسىمۇ، لېكىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان نۇرغۇن سودىگەرلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى: سودىگەرلەر توپلاندى، ئېسىل تاۋارلار توپلاندى، سودا پۇرسىتى كۆپەيدى. تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ خەلقئارا سەھنە ئارقىلىق، ھەم مەھسۇلاتلارنىڭ دۇنياۋى تەسىر كۈچى ئاشۇرۇلدى، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيا بازىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان سودا تېز يولى بەرپا قىلىندى، بۇ، ھەمكارلىق پۇرسىتى ئىزدەيدىغان مۇھىم كۆۋرۈك ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئەلا سۈپەتلىك سۇپىغا ئايلاندى.
مەدەنىيەت يۇغۇرۇلدى، ئىستېمال يېڭى مەنزىرىسى بەرپا قىلىندى
ئون ئىككى مۇقام مۇزىكىسى ياڭرىغاندا، T شەكىللىك سەھنىدە مودېللار شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن تالالىق پاختا رەختتىن تىكىلگەن مۇراسىم كىيىمىنى كىيىپ ماڭدى؛ «ئەسلىي تەم مەنزىلى» قەھۋە باش تېما قىلىنغان تېتىش پائالىيىتى كۆرۈرمەنلەرگە ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ قەھۋە مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇردى؛ تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ «سودا مەيدانى»دىن «مەدەنىيەت مەيدانى»غا ئۆزگىرىشى كىشىلەرگە يېڭىلىق تۇيۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلەر كىيىم- كېچەكلىرىنى ھېس قىلىش رايونى، يىپەك يولى مەززىلىك تائاملار كوچىسى قاتارلىق مەنزىرىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، تاۋار كۆرگەزمىسى بىلەن مەدەنىيەتنى ھېس قىلىشنى چوڭقۇر يۇغۇردى. «تاۋار + مەدەنىيەت»تىن ئىبارەت كۆرگەزمە ئەندىزىسى ئىستېمال جەلپكارلىقىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.
زامبىيە كۆرگەزمە ئورنى ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ئىززەت ئابدۇقاھار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئۈنچە- مەرۋايىت، زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللىدى. ئۇنىڭ قول سومكىسىدا سېتىۋالغان ۋيېتنام ليۇليەن پىرەنىكى، مالايسىيانىڭ چۈچى پىرەنىكى بار ئىدى.
«بۇ جايدا چەت ئەل ئۆرپ- ئادەتلىرى گەۋدىلىك، مەدەنىيەت پۇرىقى قويۇق بولۇپ، ئادىمىيەت ھېسسىياتى ۋە قاينام- تاشقىنلىق مەنزىرە كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ»، دېدى ئىززەت تاۋار سودا يەرمەنكىسىنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ.
ئۈرۈمچى باجدىن خالىي كۆرگەزمە سودا مەركىزىنىڭ كۆرگەزمە زالىغا كىرگەندە، كۆرگەزمە سۇپىسىغا ھەر خىل بوتۇلكىلارغا قاچىلانغان فىرانسىيە قىزىل ھارىقى تىزىلغانىدى، ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار نەق مەيداندا قول ھۈنىرى ئارقىلىق ياغاچ ئويما بۇيۇم ئىجاد قىلىۋاتاتتى، قازاقىستانلىق ۋاڭخۇڭ دىكتور AI رەقەملىك ئادەم بىلەن بىرلىكتە چېگرا ھالقىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىۋاتاتتى.
«بىز كۆپ خىللاشقان خەلقئارا مەدەنىيەت ۋە ئىجادىي سودا ئەندىزىسىنى ئېلىپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، سەككىز دۆلەتنىڭ تاۋارلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، تىرىشىپ پۈتۈن دۇنيادىكى سودىگەرلەرگە سودا، مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكىنى بىر گەۋدە قىلغان بىر مەيدان كاتتا زىياپەت تەييارلىدۇق.» 6- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئۈرۈمچى باجدىن خالىي كۆرگەزمە سودا مەركىزىنىڭ تىجارەتكە مەسئۇل خادىمى جاڭ يەنفېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى كۈندە چۇڭچىڭ، شەنشى ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن بىر قىسىم سودىگەرلەر بىز بىلەن ھەمكارلىشىش ئىشلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى.
تاۋار سودا كۆرگەزمىسى تاۋار بازىرى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەدەنىيەت بىلەن ئىدىيەنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى بولۇپ، بۇ يەنە ئۇنى تېخىمۇ «جانلاندۇرۇپ» ۋە «قىزىتىپ»، «كۆرگەزمە» بىلەن «يىغىن»نىڭ ھەمتۈرتكىلىك ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.
«ھەركىم ئۆز گۈزەللىكىدىن زوقلىنىش، گۈزەللىكلەردىن ھۇزۇرلىنىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش، دۇنيا ئېجىل- ئىناق بولۇش» كېرەك. تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە نامايان بولغان كۆپ خىللىق ۋە سىغدۇرۇشچانلىق ئۆتۈشۈپ تۇرغان سودىگەرلەر، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ۋە ساياھەتچىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
پۇرسەت چەكسىز بولدى، ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقى كېڭەيتىلدى
نېپاللىق سودىگەر داكارنىڭ 8- قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىشى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو پۇرسەتكە تولغان چوڭ دۆلەت، بۇ يەردە نوپۇس كۆپ، سودا پۇرسىتى ھەممىلا جايدا بار، مەن جۇڭگولۇقلار بىلەن تېخىمۇ كۆپ سودا ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن».
«بۇ بىزنىڭ تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە 2- قېتىم قاتنىشىشىمىز، 1- قېتىم كەلگەندە كۆرگەزمە ئورنىمىز بەك كىچىك ئىدى، بۇ قېتىم كۆرگەزمە ئورنىمىزنى ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق كېڭەيتتۇق، تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش بىزنىڭ بىر مۇھىم ئىشىمىز بولۇپ قالدى.» موڭغۇلىيە دۆلىتى سودا- سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ شاڭخەيدىكى ۋەكىلى بۇبا مۇنداق بىلدۈردى: كۆرگەزمە ئارقىلىق پۇرسەت بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر، جۇڭگودىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشقان شاڭخەي ئاۋيى ئۇچۇر پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش بازار ئەمەلدارى ۋاڭ جېنكۇن مۇنداق بىلدۈردى: تېخنىكا ئارقىلىق ئاسىيا- ياۋروپا بازىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولۇشنى ھەم شىنجاڭنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەۋزەل شارائىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھازىر شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلماقتا.
بۈگۈنكى كۈندە، تاۋار سودا كۆرگەزمىسى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم يولغا، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەككە، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى.