قابا ناھىيەسى «بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش» بويىچە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ قوي ساتتى
12:26:48 2025-06-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بىر كۈندە 1526 پاقلان «بۇلۇتتىكى ئىگىسى»نى تاپتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ھەبىبە، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ جۈنشيۇ)  «قېرىنداشلار قاراڭلار، ئىككى ئايلىق بولغان بۇ پاقلان تەبىئىي ئوت- چۆپ يەيدۇ، قارلىق تاغدىن ئېرىپ چۈشكەن سۇنى ئىچىدۇ...» 6- ئاينىڭ 14- كۈنى، قابا ناھىيەسىنىڭ تېرەكتى يېزىسى ئاققابا كەنتىدىكى يېگىندې بوشلۇق ئوتلىقىدا، بىر مەيدان «بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش» بويىچە نەق مەيداندا قوي تاللاش بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتى 100 مىڭدىن ئارتۇق تورداش ۋە نەق مەيداندىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. «بىر كۈندىلا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەر 1526 پاقلاننى سېتىۋېلىپ بېقىشقا بەردى» دەپ تونۇشتۇردى شىنجاڭ نۇڭتوۋ لىشىن ئاقىل پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى جىن جۇڭۋۇ.

«<بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش> − توردا مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئورگانىك ئۇسۇلدا ۋاكالىتەن چارۋا بېقىشتىن ئىبارەت بىر خىل ئىجادىي ئەندىزە» دەپ چۈشەندۈردى جۇڭگو بانكىسى ئالتاي شۆبە بانكىسىنىڭ قابا ناھىيەسى سارتام يېزىسى كۇرمىش كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1- شۇجىسى جوۋ كەي. ئىستېمالچىلار ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق پاقلانلارنى يىراقتىن تاللاپ سېتىۋېلىش ئارقىلىق، «بۇلۇتتىكى ئىگىسى»گە ئايلىنالايدۇ، يان تېلېفوندا قوي- كالىلارنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇرالايدۇ، شۇ جايدىكى چارۋىچىلار ۋاكالىتەن بېقىپ بېرىدۇ. ئالتە ئايدىن كېيىن، بۇ قويلار ئۆلچەملىك سويۇش، كىسلاتاسىزلاندۇرۇش، پارچىلاش، تېز توڭلىتىش، سوغۇق ساقلاش ھەم سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش ئارقىلىق، ئاخىرىدا ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

كەنتتە ئۇزاق يىل تۇرغان جوۋ كەي بۇ جاينىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى، چارۋا بېقىش نۇقتىسى بولغان نارىن ئوتلىقىنىڭ قاناس كۆلىگە قوشنا ئىكەنلىكىنى، ئوتلاقتا ياۋا ئۇچقات، چوغلۇق قاتارلىق جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى بايلىقىنىڭ مول ئىكەنلىكىنى، شۇ جايدىكى قوي- كالىلارنىڭ «جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى يەپ، مىنېرال سۇ ئىچىدىغانلىقى»نى، گۆش سۈپىتىنىڭ يېڭى، تەملىك ئىكەنلىكىنى، كۆپ سېتىلىدىغانلىقىنى بايقىدى. «ئەمما سېتىش يوللىرى بىرلا خىل، سېتىلىش باھاسى تۆۋەنرەك بولغاچقا، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى بىۋاسىتە ئاشۇرۇشى تەس ئىكەن. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ سېتىش يولىنى كېڭەيتىش ئىدى»، دېدى ئۇ.

بۇنىڭ بىلەن، جوۋ كەي ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى سېتىش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. 2024- يىلى، شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشىدا، ئۇلار ئالاقە تورىدا مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈپ سېتىش ئەندىزىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، «بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش» پىلانىنى يولغا قويۇپ، «نەرسە تورىدا ھەر ۋاقىت مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش + كۆرۈنمە ئىز قوغلاش + مەدەنىيەت- ساياھەت + بىۋاسىتە كۆرسىتىش»تىن ئىبارەت ۋاكالىتەن بېقىش بويىچە ئورتاق بەھرىلىنىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. قوي- كالىلارغا نەرسە تورى مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىسى تاقاش ھەم سۇپىغا ئۇلاش ئارقىلىق، ۋاكالىتەن بېقىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنىڭ ئاشكارا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

«زاكاز قىلغۇچىلار كىچىك پىروگراممىدا پاقلانلارنىڭ بېقىلىش لىنىيەسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرەلەيدۇ، ئەتىگەن- كەچتە يەنە قوتان ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇرالايدۇ، تاكى تاماق ئۈستىلىگە چىقىرىلغۇچە پۈتكۈل جەرياننى كۆزىتىپ تۇرغىلى بولىدۇ.» جوۋ كەي مۇنداق تونۇشتۇردى: 2024- يىلى، بۇ ئەندىزە كۇرمىش كەنتىنىڭ 1300دىن ئارتۇق قوينى سېتىپ چىقىرىشىغا كۈچ قوشتى، ھەربىر قوينىڭ زاكازلىق باھاسى 950 يۈەنگە يېتىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تەخمىنەن 150 يۈەن يۇقىرى بولۇپ، ئاشقان كىرىم 200 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى.

قابا ناھىيەسىنىڭ چىبار بازىرى ئەلىن ئاقچى كەنتىدىكى چارۋىچى ئېربىك ئېركېنبېك بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى. بۇلتۇر، ئۇ «بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ پاقلان سېتىپ 160 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. بۇ يىل پاقلانلار تورغا چىقىرىلىشى بىلەنلا، ئائىلىسىنىڭ پاقلانلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى زاكاز قىلىنىپ بولدى. «پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلار زاكاز چۈشۈردى، ئائىلىمىزنىڭ پاقلانلىرى بازارلىق مالغا ئايلاندى، ئۆزۈم يېيىشكىمۇ كۆزۈم قىيمايۋاتىدۇ»، دېدى ئېربېك كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئالتاي ۋىلايەتلىك چارۋىچىلىق خىزمەت پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ خەيرۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە قابا ناھىيەسىدىكى 4 مىليون 930 مىڭ مو تۆت پەسىل چارۋىچىلىق مەيدانى ئورگانىك ئېتىراپنامىگە ئېرىشتى، رايون ئىچىدىكى 240 مىڭ تۇياق ئالتاي قويى ھەمدە كالا، ئات قاتارلىقلارمۇ «ئورگانىك سالاھىيەت»كە ئىگە بولدى. «بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش» ئالتاي قويىنى يېپيېڭى شەكىلدە نامايان قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

بۇ ئەندىزە يەنە شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. جىن جۇڭۋۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل شىركىتىمىز «بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش» سۇپىسىغا تايىنىپ، ئەتىياز، كۈز پەسلىدە «كۆكلەم سەيلىسى قىلىپ گۈللەردىن ھۇزۇرلىنىش + يايلاق كۆچۈش ساياھىتى»، ياز پەسلىدە «ئورمانلىقتا ئارام ئېلىش + قونۇپ ساياھەت قىلىش» قاتارلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەتچىلەرنى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى نەق مەيداندا ھېس قىلىشقا، ئاتا- ئانىلار ۋە بالىلار پائالىيىتى، تەتقىقات- ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

بۇ يىل 4- ئايدا، شەندۇڭلۇق تورداش جيا مياۋ بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق بىر پاقلاننى سېتىۋېلىپ بېقىشقا بەرگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ بالىسى ھەر كۈنى كىچىك پىروگراممىدا پاقلاننى كۆزىتىدۇ. «بالام يازلىق تەتىلدە شىنجاڭغا بېرىپ پاقلىنىنى كۆرۈپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.» جيا مياۋ مۇنداق دېدى: مەن 7- ئايدا شىنجاڭغا كېلىپ ئۆي ئاپتوموبىلى ھەيدەپ ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىشنى پىلانلىدىم.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125