ئۇ يالقۇنتاغ ئېتىكىدە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئىللىق ئائىلە بەرپا قىلدى
12:41:54 2025-06-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

6- ئاينىڭ 13- كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى يالقۇنتاغ بازىرى بادام كەنتىدىكى شىمياۋ ئائىلىۋى مېھمانخانىسىنىڭ قورۇسىدا، بۇ مېھمانخانىنىڭ مەسئۇلى مەريەمخان ئوسمان ھويلىدا ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىپ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلىدىغان تۈرلەرنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاۋاتاتتى: بوش يەر بىلەن ئادەتتىكى چۈنچىدىن پايدىلىنىپ، قەھۋە ئۆيى ۋە كىتاب ئوقۇش ئۆيى بەرپا قىلىپ، مېھمانلارغا تېخىمۇ مول تەسىرات بېغىشلىماقچى بولدى.

تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان بۇ ئايال ئادەتتە گۈل- گىياھ ۋە دەل- دەرەخ ئۆستۈرۈشكە تولىمۇ ئامراق ئىدى، ئۆيىنىڭ كەينىدىكى كىچىك باغقا ئۆرۈك دەرىخى، ئۈجمە دەرىخى، نەشپۈت دەرىخى، ئەنجۈر دەرىخى قاتارلىقلارنى زىچ ئۆستۈرگەنىدى، ھەر يىلى ئەتىيازدا رەڭگارەڭ گۈللەر ھويلىنى بېزەپ كۆركەم ۋە يېقىشلىق تۈسكە كىرگۈزەتتى. ياز ۋە كۈز پەسلىدە ھەر خىل مېۋىلەر ئارقا- ئارقىدىن پىشىپ، مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ھويلىنى بىر ئالاتتى.

بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، مەريەمخان بالىسىنى باشقا جايغا ئوقۇشقا ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن بېرىپ ئائىلىۋى مېھمانخانا كەسپى بىلەن ئۇچراشتى، بىر ئىشلارغا خېلى پەمى بار مەريەمخان بىكار تۇرغان ئۆيلىرىگە سودا پۇرسىتىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بايقىدى. بادام كەنتى ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، بېزەكلىك مىڭئۆي قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى بىلەن قوشنا بولسىمۇ، ئەمما كەنتتە بىرمۇ ئائىلىۋى مېھمانخانا يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىنى خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا قىلىپ ئۆزگەرتىپ، قويۇق شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە ئىللىق ئائىلە بەرپا قىلىشنى كەسكىن قارار قىلدى.

2023- يىلى 5- ئايدا، شىمياۋ ئائىلىۋى مېھمانخانىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى تۆت ئېغىز ياتىقى سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. مەريەمخان ئۆيىدىكى مېۋە، ئۆزى ياغقان نان ۋە سامسىلار بىلەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. بۇ ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان سەمىمىي قوشنىلارمۇ ئۆزلىرى ئەتكەن مەززىلىك تائاملارنى بەس- بەستە ئەكېلىپ بەردى. قاينام- تاشقىنلىق كەيپىياتىغا تولغان بۇ خىل قونۇش تەسىراتى ساياھەتچىلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

مەريەمخان ھازىرقى نەتىجىسىدىن قانائەتلىنىپ قالمىدى. ئۇ خاتىرىسىگە ساياھەتچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان ھەربىر پىكىر ۋە تەكلىپنى ئەستايىدىل خاتىرىلەپ، تىجارەت قىلغاچ مۇلازىمەتنى ياخشىلىدى، «دەسلەپتە پەقەت پاكىز، رەتلىك بولۇشنى، ساياھەتچىلەرگە ھەقىقىي تەبىئىي مۇھىت ۋە ئۆرپ- ئادەتنى ھېس قىلدۇرۇشنىلا ئويلىغانىدىم، لېكىن كېيىن ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىنىڭ قونۇش تەسىراتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايقىدىم.» ئۇ سىجىل ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە ئائىلىۋى مېھمانخانا ياتىقىنى ئون ئېغىزغا كېڭەيتتى، ھەربىر ياتاقنىڭ ھەممىسىگە ئايرىم مۇنچا ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ سەپلىدى، ئۇ ئۆز قولى بىلەن ياققان سامسىمۇ ۋاڭخۇڭ مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ، نۇرغۇن خېرىدارنى سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.

شاڭخەيلىك ساياھەتچى ۋاڭ مېڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە قونۇپ مۇشۇ جاينىڭ تەبىئىي مۇھىتى ۋە ئۆرپ- ئادىتىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدىم، ئادەمگەرچىلىك تۈسىگە تولغان مۇلازىمەتتىن بەھرىلەندىم، مېھمانسارايدا تۇرغاندىنمۇ راھەت ئىكەن.» مۇشۇنداق تەرىپلەشلەر شىمياۋ ئائىلىۋى مېھمانخانىسىنى بارغانسېرى ئاۋاتلاشتۇردى، بۇ يىل 6- ئايغىچە، بۇ ئائىلىۋى مېھمانخانا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 2800 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق كۈتۈۋېلىش مىقدارىدىن ئېشىپ كەتتى.

مەريەمخان قوشنىلىرىنى ئائىلىسىدىكى بىكار تۇرغان ئۆيلەرنى ئوڭشاپ تەييارلاشقا پائال ئىلھاملاندۇردى، شىمياۋ ئائىلىۋى مېھمانخانىسى ساياھەتچىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەندە، مېھمانلارغا قوشنىلىرىنىڭ ئۆيىنى تونۇشتۇردى. كەسىپداشلىرى تەجرىبە ئۆگەنگىلى كەلگەندە، ئۇ قىلچە يوشۇرماستىن ئۆز تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.

مەريەمخاننىڭ يان تېلېفونىدا ئىككى ۋېيشىن توپى ئادەتتىن تاشقىرى جانلىنىپ كەتتى. بىرى خېرىدارلار توپى بولۇپ، توپتىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى بۇ ئائىلىۋى مېھمانخانىدا قونۇپ باققان ساياھەتچىلەر ھەمدە يېڭى ساياھەتچىلەر ئىدى. يەنە بىرى «ئائىلىۋى مېھمانخانا كوللېكتىپى» توپى بولۇپ، توپتىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسى كەنتتىكى مېۋە ئۆستۈرۈش، خاس مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يۇرتداشلار ئىدى. ۋېيشىن خېرىدارلار توپىنىڭ ئەزالىرى ھەر قېتىم تۇرپاننىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى سورىغاندا، ئۇ توپتا ياردەم قىلىپ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يۇرتداشلارنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. «ھەممىمىز بىر يېزىدىكى يۇرتداشلار، كۆپچىلىك ئۆزئارا ياردەم بەرگەندىلا، ئاندىن يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنى زورايتقىلى بولىدۇ»، دېدى ئۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، مەريەمخاننىڭ تۈرتكىسىدە يالقۇنتاغ بازىرىدا يېڭىدىن ئالتە ئائىلىۋى مېھمانخانا قۇرۇلۇۋاتىدۇ. بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىسى يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈپ يەتتى ھەم بۇ ئىشقا ئاتلىنىپ، يالقۇنتاغ ئېتىكىدىكى بۇ تۇپراقتا كەلگۈسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقىشنى تاللىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125