​پىندىق ياڭىقى دەرىخى «چاي- ياغ- ساياھەت» يۇغۇرما ئىقتىسادىنى جانلاندۇردى
12:31:16 2025-06-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ ۋېي

6- ئاينىڭ 11- كۈنى، شىنجاڭ سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى شىنجاڭ لۈگۇەنگۇ يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ پىندىق ياڭىقى ئۆستۈرۈش بازىسىدا، 14 مىڭ مو يەردىكى پىندىق ياڭىقى دەرەخلىرى ياپيېشىل تۈسكە كىرگەنىدى. پىندىق ياڭاقلىقىدا، ئىشچىلار چاي ياساشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، دەرەخ شېخىدىكى يۇمران يوپۇرماقلارنى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

«پىندىق ياڭىقى دەرىخى <شەرق خاسىيەتلىك دەرىخى> دېيىلىدۇ، ئۇنىڭ ھەممە يېرى گۆھەر. ئۇ ئېسىل مەنزىرە دەرىخى بولۇپ، يۇمران يوپۇرمىقىدىن چاي ياسىغىلى، غولى ۋە يوپۇرمىقىنى دورىغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، مېغىزىنىڭ ياغ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ياغ تارتقىلى بولىدۇ»، دېدى پىندىق ياڭىقى دەرىخىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە قىممىتىنى پىششىق بىلىدىغان شىنجاڭ لۈگۇەنگۇ يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يەن شىباۋ پىندىق ياڭاقلىقىدا تۇرۇپ.

يەن شىباۋنىڭ كۆچەت ئۆستۈرۈش، يېتىشتۈرۈش كەسپى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىۋاتقىنىغا 30 يىل بولدى. 2011- يىلى ئۇ 60 مو يەرگە پىندىق ياڭىقى كۆچىتىنى سىناق قىلىپ تىكتى. 2018- يىلى، ئۇ لياۋنىڭ، گەنسۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ باغۋەنچىلىك كەسپى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، پىندىق ياڭىقى دەرىخىنىڭ دورىغا ئىشلىتىش، ياغ تارتىش، ئېكولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم قىممىتىنى ئىگىلىدى. تەكشۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇرۇق سېلىپ كۆچەت يېتىشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، پىندىق ياڭىقى دەرىخى ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى تەدرىجىي 8400 موغا كېڭەيتتى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، ئۇ ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتتى، نۆۋەتتە، پىندىق ياڭىقى دەرىخى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 14 مىڭ موغا يەتتى، شىركەتمۇ شىنجاڭ سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى خاس باغۋەنچىلىك كەسپى بويىچە ئۈلگە كارخانىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

پىندىق ياڭىقى ئۆستۈرۈش بازىسىغا تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى شىنجاڭ رۇنگۇەن گويې دېھقانچىلىق- ئورمانچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ پىندىق ياڭىقى چېيى پىششىقلاش زاۋۇتىدا، چاي ياساش ئۇستىلىرى ئىنتايىن ئالدىراش ئىدى. ئۇلار پىندىق ياڭىقى دەرىخىنىڭ يۇمران يوپۇرمىقىنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق چاي كۆكىنى يوقىتىش قازىنىغا سېلىپ، تېز سۈرئەتتە قورۇش ئارقىلىق ئالاھىدە بەلگىلەنگەن تېمپېراتۇرىدا يۇمران يوپۇرماقلارنىڭ قىرتاق تەمىنى يوقىتىدۇ ھەم خۇش پۇرىقىنى ساقلاپ قالىدۇ.

«ئېتىز بېشىدىن چاي ئىستاكانىغىچە، پىندىق ياڭىقى چېيىنى چايقاپ چاي كۆكىنى يوقىتىش، دۈملەپ قورۇش، يىمىرىش، ئېچىتىش، مىكروبسىزلاندۇرۇش، قۇرۇتۇش، ئىلغاش، چاي ياساش قاتارلىق توققۇز ئىش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ»، دېدى شىنجاڭ رۇنگۇەن گويې دېھقانچىلىق- ئورمانچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چاڭ جيەنجۇڭ تونۇشتۇرۇپ.

بۇ شىركەت پىندىق ياڭىقى چېيىنى پىششىقلاش ۋە سېتىشقا مەسئۇل. چاڭ جيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: پىندىق ياڭىقى ئۆستۈرۈش بازىسىدا يىلدا ئۈچ پەسىل يۇمران يوپۇرماق ئۈزگىلى بولىدۇ، ھەر مو يەردىن تەخمىنەن 200 كىلوگىرام پىندىق ياڭىقى يۇمران يوپۇرمىقى چىقىدۇ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 50 كىلوگىرام تەييار چاي ياسىغىلى بولىدۇ. پىندىق ياڭىقى چېيى تور ۋە تور سىرتى يولى ئارقىلىق ئاساسلىقى بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، شىئەن قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

دەرەخ يوپۇرمىقىدىن چاي ياسىغىلى بولىدۇ، پىندىق ياڭىقىنىڭ ئۇرۇقى تېخىمۇ ئەتىۋارلىق.

«پىندىق ياڭىقى دەرىخى ئادەتتە 3- يىلىدىن باشلاپ شالاڭ مېۋىلەيدۇ، 8- يىلى تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرىدۇ. بۇ يىل، ئۆستۈرۈش بازىسىدا 8000 مودىن ئارتۇق يەردىكى پىندىق ياڭىقى دەرىخى شالاڭ مېۋىلەش مەزگىلىگە كىردى، مۆلچەرىمىزچە 150 توننا ئۇرۇق يىغىۋالغىلى، 90 توننا ياغ تارتقىلى بولىدۇ.» يەن شىباۋ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز پىندىق ياڭىقى چېيى پىششىقلاش زاۋۇتى ۋە ياغ تارتىش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇردى، نۆۋەتتە ئۆز ئالدىمىزغا ئىشلەپچىقارغان پىندىق ياڭىقى مەھسۇلاتلىرىمىزغا دۆلەت جۇغراپىيەلىك بەلگىسى ئېتىراپنامىسى ئىلتىماس قىلىۋاتىمىز.

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان تەتقىقات- ئۆگىنىش ساياھىتىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، پىندىق ياڭىقى ئۆستۈرۈش بازىسى ۋاڭخۇڭ داكا جايغا ئايلاندى. ھەر يىلى ئەتىياز، ياز، كۈز پەسلىدە، نۇرغۇن ساياھەتچى «شەرق خاسىيەتلىك دەرىخى»نىڭ چەكسىز سىرى ئۈستىدە ئىزدەنگىلى كېلىدۇ.

يەن شىباۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل شىركىتىمىز ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەتقىقات ئورنى قاتارلىق پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىندىق ياڭىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پىندىق ياڭىقى ئاقسىل تالقىنى، پىندىق ياڭىقى پېپتىدى قاتارلىق چوڭقۇر پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنى ياساۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125