تومۇز يازدا
ئالتاي ۋىلايىتى جېمىنەي ناھىيەسىدىكى چارۋا يولىدا
ئاتلار تۇياقلىرىدىن تاقىراقلىتىپ ئاۋاز چىقارغىنىچە چاپماقتا ئىدى
تۈمەنلىگەن ئاتنىڭ بەيگىگە چۈشكەن بۇ مەنزىرىسى
كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالاتتى
6- ئاينىڭ 20- كۈنى
شۇ جايدىكى چارۋىچىلار توپ- توپ ئارغىماقلارنى ھەيدەپ
ھەيۋەتلىك ھالدا
سۇ ۋە ئوت- چۆپ مول بولغان يازلىق يايلاققا كۆچتى
يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان كۆچمەن چارۋىچىلىق ئەنئەنىسى
چارۋىلارنى يېڭى ئوت- چۆپلەردىن بەھرىمەن قىلىپلا قالماي
قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىنى ئارام ئېلىش، ئەسلىگە كېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ
يايلاق ئېكولوگىيەسىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى
ئارداق بېيىسقان فوتوسى