خېمىر ھەيكەل پەقەت قول ھۈنەرۋەنچىلىكىلا ئەمەس
ئۇ ھەم جانلىق ۋارىسلىق قىلىش، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتۇر
شىنجاڭ ئۇزاق ھەم پارلاق ئۇن تائاملىرى مەدەنىيىتىگە ئىگە
ئۇن تامىقى بار يەردە چوقۇم خېمىر ھەيكەل ياسىغۇچى ھۈنەرۋەنلەرنىڭ سايىسى بار
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ خېمىر ھەيكەللىرى قىسقا سىن سۇپىسى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنمەكتە
كامېرا ئاستىدا، ئۇستىلارنىڭ بارماقلىرىدا خېمىر ئۇسسۇل ئوينىماقتا
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، «ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىز»، «ئوماق بالا» ئۇستىلارنىڭ ئالىقىنىدىن سەكرەپ چىقتى
تورداشلار بەس- بەستە ئالقىشلاپ: «بۇ ھۈنەر بەك قالتىسكەن، <خېمىر> ئىكەنلىكىگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ!» دېيىشتى.
كۆپ مىللەتنىڭ تۇرمۇشىنى ئېستېتىكىلىق ئۇسۇلدا ئىجادىي ئىپادىلەش
ئۈرۈمچى شەھەر دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خېمىر ھەيكەل تۈرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى خۇەي يۈەنچېننىڭ خېمىر ھەيكەل ئەسىرى.
خېمىر ھەيكەل ئادەتتە خېمىر ئادەم دەپمۇ ئاتىلىدۇ
ئۇننى ئاساسىي ماتېرىيال قىلىپ قولدا ياسالغان خەلق ئىچى ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئىتى
تەننەرخى تۆۋەن، ماتېرىيال ئېلىش ئاددىي، بەدىئىيلىكى ۋە قىزىقارلىق دەرىجىسى يۇقىرى
شىنجاڭنىڭ خېمىر ھەيكەللىرىنىڭ تېمىسىدا دىققەت دائىم شۇ جايدىكى تەبىئىي مۇھىت ۋە ئۆرپ- ئادەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن.
مەسىلەن: بازار، كارۋان، تاش غار سەنئىتى قاتارلىقلار
ئۇنىڭ ئۆزگىچە يېرى شۇكى
كۆپ مىللەتنىڭ تۇرمۇشىنى ئېستېتىكىلىق ئۇسۇلدا ئىجادىي ئىپادىلەش يۇغۇرۇلغان
ئوچۇق، مەردانە، نەپىس...
ھەممىسى خېمىر ئارقىلىق مۇكەممەل نامايان قىلىنغان بولۇپ
ئۇستىلار ئەتراپىدىكى ھېكايىلەرنى ئىنتايىن ئوبرازلىق بايان قىلغان
ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت ئىچىدىكى قايناق تۇرمۇش
ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى نا دىڭخاۋ ئىجاد قىلغان خېمىر ھەيكەل «سەپەردىكى شادلىق ناخشىسى».
شىنجاڭدا خېمىر ھەيكەل سەنئەت بولۇپلا قالماستىن
تېخىمۇ مۇھىمى تۇرمۇشنىڭ ئىخچام كارتىنىسى
شىنجاڭ خېمىر ھەيكەللىرى ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ۋە بېزەش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ
دائىم بايرام، خەلق ئۆرپ- ئادىتى، توي- تۆكۈن قاتارلىق سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ
بازار كۈنى، پېشقەدەم سەنئەتكارلار يەنە نەق مەيداندا خېمىر ھەيكەللەرنى ياسايدۇ
ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان بالىلار «ياخشى» دەپ تەنتەنە قىلىشىدۇ
دەل مۇشۇنداق قايناق تۇرمۇش
خېمىر ھەيكەلنى ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى كاتېگورىيەسىدىن ھالقىتىپ
ھېسسىيات ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇردى
خۇددى خوتەندىكى بىر پېشقەدەم سەنئەتكار ئېيتقاندەك:
«خېمىردىمۇ ھېسسىيات بار، ئۇ بارماقنىڭ كۈچىنى ئېسىدە ساقلايدۇ، شۇنداقلا كىشىلەر قەلبىنىڭ ئىللىقلىقىنى ئېسىدە ساقلايدۇ».
بارماق ئۇچىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى «سېھىرگەرلىكى»
ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىغا جايلاشقان نەسىردىن ئەپەندى ئېسىل سوۋغاتلىق بۇيۇم سارىيىغا قويۇلغان خېمىر ھەيكەللەر.
بۈگۈنكى كۈندە ياش ھۈنەرۋەنلەر
ئەنئەنىۋى ھۈنەرگە ھازىرقى زامان ئېلېمېنتلىرىنى سىڭدۈرۈپ
قەدىمىي ھۈنەرنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا
بەزى خېمىر ھەيكەل ئۇستىلىرى كارتون ئۇسلۇبىغا بىرلەشتۈرۈپ
«Q نۇسخىسىدىكى ئەپەندى»نى ياساپ چىقتى
بەزىلىرى بولسا 3D مودېلى ياساشتىن ئۆرنەك ئالدى
خېمىر ھەيكەل ئادەمنى جانلىق تۈسكە ئىگە قىلدى
شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت ئىجادىيەت بازىرىدا
ھەتتا «نان پالۋان»، «ئۈزۈم پەرىزات» قاتارلىق IP ئوبرازىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
يېڭىلىق يارىتىش يەنە ماتېرىيالدا ئىپادىلىنىدۇ
ئەنئەنىۋى خېمىر ھەيكەل ئاسانلا يېرىلىپ كېتىدىغان بولۇپ، ساقلاش تەس
ھازىرقى زامان ھۈنەرۋەنلىرى مۇھىت قوغداش تىپىدىكى يىلىمنى سىناق تەرىقىسىدە قوشۇپ
ئەسەرنى تېخىمۇ چىداملىق قىلدى
بۇنىڭدىن باشقا، خېمىر ھەيكەل تىزىپ قويۇلىدىغان ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى سۈپىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن
يەنە تۇرمۇشقا قەدەم قويدى −
ھالقا، ئاچقۇچ ئاسقۇچ، ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلىدىغان ئاسما زىننەت بۇيۇملىرى...
بۇ خىل توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش پوزىتسىيەسى
دەل شىنجاڭ خېمىر ھەيكەللىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىدىكى سىر ھېسابلىنىدۇ.