يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش | بۇلۇتلار ئۈستىدە تۇرۇپ نەزەر سېلىش! ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا سايرام كۆلىنىڭ كۆك رەڭلىك گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن ئۇچرىشىش
17:03:59 2025-06-30 تىيانشان تورى

6- ئاينىڭ 25- كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى.  (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى) 6- ئاينىڭ 25- كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر» زىيارەت ئۆمىكى ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (G30)نى بويلاپ سايرام كۆلىگە كەلدى. «ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە كۆز يېشى» دەپ نام ئالغان بۇ سېھىرلىك ماكاندا سۇ كۆپكۆك ھەم سۈپسۈزۈك بولۇپ، قارلىق تاغ ۋە بۇلۇتلارنىڭ سايىسى سۇ يۈزىدە ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، كۆل بويىدىكى يايلاق خۇددى يېشىل گىلەمدەك يىراقلارغا سوزۇلۇپ، گۈللەر باشلىرىنى ئىرغاڭلىتىپ، ياز پەسلىدىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كۆك رەڭلىك گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغانىدى.

6- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىۋاتقانلار سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا كۆلنى ئايلىنىپ ماڭماقتا. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)

6- ئاينىڭ 25- كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى پىرىستانى.

6- ئاينىڭ 25- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان دىنامىكىلىق پاراشۇت سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئۇچماقتا.

 ھازىر، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، مېھمانساراي، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى. پىرىستاندا يەلكەنلىك كېمە ھەيدەش، تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇش قاتارلىق يېڭى كەسىپلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، ئەنئەنىۋى گۈزەل مەنزىرە بىلەن يېڭى ئېقىمنى ھېس قىلىش ئۆزئارا گىرەلىشىپ، ساياھەتچىلەر كۆرۈش سېزىمى بىلەن ھېس قىلىشتىن ئىبارەت قوش زىياپەتتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

6- ئاينىڭ 25- كۈنى، ساياھەتچىلەر سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا دىنامىكىلىق پاراشۇتتا ئۇچماقتا.

6- ئاينىڭ 25- كۈنى، ساياھەتچىلەر سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا سەيلە- ساياھەت قىلماقتا.

6- ئاينىڭ 25- كۈنى، ساياھەتچى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى كۆلنى ئايلىنىش تاشيولىدا ۋېلىسىپىت مىنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125