شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى
12:07:26 2025-07-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، تۈزىتىشنى تۇتۇپ، قاتتىق بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ ئىستىلنى ياخشىلىدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

 دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزەتتى، بىلگەن ھامان تۈزەتتى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسىلە يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىشنى تۇتۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، ماددىمۇماددا، تۈرمۇتۈر تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنى ھېس قىلىش ۋە مەنپەئەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان ئالاقىدار تىپىك دېلو مىساللىرى قاتارلىقلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ھازىرقى ئۆگىنىش- تەربىيەسى، كۆزىتىش، قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىدە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بەردى. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى سىستېمىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ- ئىچىشنى مەركەزلىك تۈزەشنى ئۆگىنىش- تەربىيەسىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قاتار تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇش، قاتتىق زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ- ئىچىشتەك ناچار ئىستىلنى قەتئىي توسۇشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىققەتنى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش، دۆلەت كارخانىلىرى تۈرلىرىدە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى ھەل قىلىش قاتارلىق نىشان- ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەرز قىلىش، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس-  تەلەپلىرىنى كەڭ توپلاپ ھەم مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش- تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى نازارىتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەر تىزىملىكى، بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ- ئىچىشنى مەركەزلىك تۈزەش نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى قاتارلىقلارغا سېلىشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى قاتارلىق يوللاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەنبەنى چوڭقۇر قازدى، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تاپتى، تۈزىتىشنى ياخشى تۇتتى. ئالاقە تورى سۇپىسى، ئەرزىيەت قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق يوللاردىن پايدىلىنىپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ھەم مۇلازىمەت ئوبيېكتى، ئاممىدىن پىكىر ئېلىپ، نازارەت سىستېمىسىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇرۇق تالاش- تارتىش قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى كونكرېت تەدبىر قاتارلىقلارنى تۈزۈپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال تۈزەتتى. تۆت خاھىش چىرىكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش دېلو مىساللىرى، بولۇپمۇ ئەتراپتىكى سەلبىي تىپىك دېلو مىساللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق روھ ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ كۆزىتىش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تېپىپ چىققان مەسىلىلەرگە قارىتا كونكرېت تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆججەت، يىغىن پىلانىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «ئازايتقىلى بولسا ئازايتىش، بىرلەشتۈرگىلى بولسا بىرلەشتۈرۈش، ئىخچاملىغىلى بولسا ئىخچاملاش» ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى، تۈزۈپ تارقىتىلىشى ئىخچاملاش بويىچە ئىستاتىستىكا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ھۆججەتلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.9 تۆۋەنلىدى، ئېچىلىشى ئىخچاملاش بويىچە ئىستاتىستىكا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن يىغىنلار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.3 تۆۋەنلىدى. ئاممىنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك بولغان قاتناش باشقۇرۇش كۆزنىكىدىكى قانۇنسىز ۋاسىتىچىلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، «كىچىك دائىرە» ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىپ، مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، قەتئىي قاتتىق زەربە بېرىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.

 تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپى ۋە كۈتۈۋېلىش ئۆلچىمىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، تاماق، ياتاق ئۆلچىمىنى ئىنچىكىلەشتۈردى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.3 تۆۋەنلىدى؛ ناھىيە بويىچە ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىلنى «بىر ئاپتوموبىلغا بىر ئارخىپ» بويىچە ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى... قورغاس ناھىيەسى «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى»نى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىشتا «ئىشتىن بۇرۇن مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش − ئىش داۋامىدا نازارەت قىلىش − ئىشتىن كېيىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش»تىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىشتا تولۇق ئىز قالدۇرۇش، سۈرۈشتۈرگىلى بولۇشنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇردى. ئاممىۋى ئاپپاراتلارنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، تېجەش تىپىدىكى ئاممىۋى ئاپپاراتلار بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى بەرپا قىلىش ۋە ئاممىۋى ئاپپاراتلاردا سۇ تېجەش تىپىدىكى ئورۇن قۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، سۇ تېجەش ئەسۋابلىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %92.45كە يەتكۈزدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، «مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش + نەق مەيداندا نازارەت قىلىش- يېتەكچىلىك قىلىش + نەق مەيداندا نازارەت قىلىش- بېجىرىش» ئىستېرېئولۇق نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش تۈزۈم توسمىسىنى قەتئىي مۇستەھكەملىدى.

 «كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلەر، مەن كۇچا جىنگويۈەن باغ- ئورمانچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسى. بۇ سۇپىدا كۆپچىلىككە شىركىتىمىزنىڭ ئۈجمە كونسېرۋاسى، گىلاس كونسېرۋاسى قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرغىنىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن...» يېقىندا، «كۈسەن مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى» بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە ئاسىگۈل تۇرسۇن تورداشلارغا كارخانىنىڭ خاس تاۋارلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن تونۇشتۇردى. بۇ، كۇچا شەھەرلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى.

 بۇ مەركەز ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، 16 مەيدان «مەمۇرىي ئىشلار +كارخانىلارغا ياردەم بېرىش» بويىچە ساھە ھالقىغان بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، يەرلىكتىكى 25 كارخانىنىڭ بۇلۇت تېرمىنالىدا كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشىغا كۈچ قوشۇپ، 105 مىڭ ئادەم قېتىمنى كۆرۈشكە جەلپ قىلىپ، كارخانىلارنىڭ بازارنى كېڭەيتىشىگە يېڭى يول ھازىرلاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «كود ئارقىلىق بېجىرىش» مۇلازىمەت سېپىنى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق 26 تارماقنىڭ ئىش بېجىرىش ئىككىلىك كودى ھەم كىچىك پىروگراممىسىنى بىرىكتۈرۈپ، پۈتۈن شەھەردىكى ئۈچ دەرىجىلىك مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرىنى قاپلاپ، 49 «چۈشىنىپ بېجىرىش» ئىش تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقىپ، ئاممىنى ئىش بېجىرىشتە «ساۋما قىلسىلا بىلىش، بىر قاراپلا چۈشىنىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ «ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېجىرىش» «ئالدىن كېلىشىپ بېجىرىش» «ئىشىك ئالدىغا بېرىپ بېجىرىش» قاتارلىق خاسلاشقان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراش، ئاممىنى غەمدىن خالاس قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

 قەشقەر تېخنىك شۆيۈەنى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئىنكاس قىلغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرى ئۇدۇللاشماسلىق، پىراكتىكا يولى بىرلا خىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، 190 ھەمكارلىق كارخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئىش ئورنى ئېھتىياجى بىلەن كەسىپنى ماسلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى رەتلەپ، زاكازلىق سىنىپنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش + شىنجاڭ سىرتىدىكى پىراكتىكا بازىسىنى كېڭەيتىش لايىھەسىنى تۈزدى. بۇ يىل 5- ئايدا، مەكتەپتىكى تەكلىپ قىلىش يىغىنى 100دىن ئارتۇق كارخانىنى جەلپ قىلىپ، 4000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، نەق مەيداندا قوش يۆنىلىشلىك تاللاش مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلىش نىسبىتى %85كە يەتتى؛ تۇنجى تۈركۈمدە 127 ئوقۇغۇچىنى شىنجاڭ سىرتىغا پىراكتىكا قىلىشقا ئەۋەتىش پىلانلاندى، نۆۋەتتە 55 كىشى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرى، جىنخۇا شەھىرى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ سۈيجوۋ شەھىرى قاتارلىق جايلاردا پىراكتىكا قىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل شۆيۈەننى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %95تىن ئاشتى، ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش- تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى ئۈنۈمنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125