ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ
كۇشان دەرياسىنىڭ دەريا قىنىدىكى تاش تالقىنى ئالاھىدە نىسبەت بويىچە مىنېرال سۇ بوتۇلكىسىغا قاچىلىنىپ بوياق ماتېرىيالى قىلىنىدۇ، ئاسما ئوكۇل نەيچىسىنىڭ بىر ئۇچى سۇ بوتۇلكىسىغا ئۇلىنىپ يەنە بىر ئۇچى يانتۇ كېسىلىپ قەلەم ئۇچى قىلىنىدۇ. ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسىدىكى مىراس ساپال قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ھۈنەرۋەنلەر بۇ خىل ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن ساپال چىنىلەرگە سىزىق سىزماقتا ئىدى. «ئاسما ئوكۇل نەيچىسىدىكى تەڭشىگۈچ بوياقنىڭ ئېقىش سۈرئىتىنى كونترول قىلالايدۇ، ئىلگىرى موي قەلەم بىلەن بىر كۈندە ئاران 15 چىنىگە نەقىش سىزغىلى بولاتتى، ھازىر ئاز دېگەندىمۇ 80 چىنىگە سىزغىلى بولىدۇ». 6- ئاينىڭ 27- كۈنى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى، ساپال پىشۇرۇش ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ 7- ئەۋلاد ۋارىسى ئوبۇلتالىپ مۇخبىرغا «سەنئەتلىك ئاسما ئوكۇل سېلىش»نى تونۇشتۇرماقتا ئىدى.
ئاقتۇ بىلەن جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭدېجېن بازىرى ئارىسىدا دائىم بېرىپ- كېلىپ تۇرىدىغان ئوبۇلتالىپ ساپال پىشۇرۇش بىلەن جىڭدېجېن بازىرىنىڭ ساپال بۇيۇم ياساش ھۈنەر- سەنئىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، قەدىمىي ھۈنەر- سەنئەتكە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. 2011- يىلى ئۇ ئائىلە ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، «مىراس» ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ ساپالچىلىق كەسپىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇردى.
ئاسما ئوكۇل نەيچىسىنى رەسىم قەلىمى قىلىش ئىلھامى شاگىرتىنىڭ بىر قېتىملىق داۋالىنىش كەچۈرمىشىدىن كەلگەن. «شاگىرتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاسما ئوكۇل سالدۇرۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاسما ئوكۇل نەيچىسىدىن ئىلھام ئېلىپ، نەقىش سىزىش قوراللىرىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپى بەردى، مەن زور كۈچ بىلەن قوللىدىم، ناھايىتى تېزلا سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق.» ئوبۇلتالىپ مۇنداق دېدى: جىڭدېجېندىكى ئۇستازلار بىزگە ئىنتايىن زور ياردەم قىلدى.
ئىلگىرى كونا خۇمداندا ساپال پىشۇرغاندا، سۈپەتلىك مەھسۇلات چىقىش نىسبىتى تۆۋەن ئىدى، ۋاقىت ۋە كۈچ كېتەتتى. 2016- يىلى، جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىنىڭ مەدىتىدە، ئوبۇلتالىپ يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، پىشۇرۇلغان سۈپەتلىك مەھسۇلات نىسبىتى %50تىن تېز ئېشىپ %80تىن كۆپرەككە يەتتى.
«جىڭدېجېنغا ئالتە قېتىم ئۆگىنىشكە بېرىپ، ھەر قېتىمدا يېڭى ھاسىلاتقا ئېرىشتىم، ئەڭ چوڭ ھاسىلاتىم تەشمە نەقىشلىك ساپال لوڭقا ۋە ئاق ساپال لوڭقا ياساش بولدى.» ئوبۇلتالىپ مال جازىسىدىكى ئەۋرىشكە مەھسۇلاتلارنى كۆرسىتىپ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىلگىرى ساپال لوڭقىنىڭ رەڭگى بىرلا خىل، نەقىشلىرى ئاددىي ئىدى، ئاساسەن ئېماللىمايتتۇق، يەنە كېلىپ تېخنىكا چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئەزەلدىن تەشمە نەقىشلىك ئويمىنى سىناپ باقمىغانىدۇق. جىڭدېجېندىكى تەشمە نەقىشلىك لوڭقىدىن ئىلھام ئېلىپ، دادام ۋە شاگىرتلىرىم بىلەن بىرلىكتە ئەتلەس، مودەنگۈل ۋە ئانار نەقىشلىرى يۇغۇرۇلغان نۇسخىلارنى تەتقىق قىلىپ چىقتۇق، ساپال لوڭقىغا تەشمە نەقىش سىزىۋېلىپ ئاندىن ئويدۇق، «بىر ساپال چىنىنىڭ باھاسى ئون نەچچە يۈەن، تەشمە نەقىشلىك ساپال لوڭقىنى 1000 يۈەندىن كۆپرەككە ساتقىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بازار باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىدى. نۆۋەتتە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز يىغىپ ساقلاش ۋە مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە 110 خىلدىن ئارتۇق ساپال ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇمىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى».
نېجانىڭ خۇشاللىق، غەزەپ، قايغۇ ۋە خاتىرجەملىك چىقىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى سىزىلغان بىر ساپال لوڭقا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، بۇ، ئوبۇلتالىپنىڭ داشۆ پۈتكۈزگەن شاگىرتىنىڭ ئەسىرى. «يېقىن ئەتراپتىكى كەنتتە گۈزەل سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغان بىر بالىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنى تەكلىپ قىلدىم.» ئوبۇلتالىپ مۇنداق دېدى: ياشلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ھۈنەرگە ۋارىسلىق قىلىشتىكى ئاچقۇچ.
ساپال لوڭقا شەكلىنىڭ كۈنسېرى كۆپ خىللىشىشى ھەمدە «توردا + تور سىرتىدا» سېتىش ئەندىزىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 13 مىڭ ساپال بۇيۇم سېتىپ، تەخمىنەن 700 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. ئوبۇلتالىپ بۇ جايدىكى كىشىلەر قول يۇيغاندا دائىم ئىشلىتىدىغان بىر ساپال لوڭقىنى قولىغا ئېلىپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ، داۋاملىشىپ كېلىۋاتقىنىغا ئەڭ ئۇزاق بولغان نۇسخا، بارلىق شاگىرتلار كەسىپكە كىرىشكەندە جەزمەن ئالدى بىلەن ئۇنى ياساشنى ئۆگىنىشى كېرەك. قانچە كۆپ يېڭىلىق ياراتقان تەقدىردىمۇ، ئەسلىي نۇسخىلارنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ».
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)