ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېي
سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرىنىڭ ئوشاقباي غەربىي كەنتىدىكى ئالقاتلىققا كۈن نۇرى چۈشۈپ، ياپيېشىل شاخ- يوپۇرماقلار ئارىسىدا، سانجاق- سانجاق «قىزىل ھېقىق مېۋىسى» شاخلارغا لىق تولغانىدى. ئالقات ئۆستۈرگۈچى ۋاڭ لېي ئېتىزدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، نەچچە تال ئالقاتنى خالىغانچە ئۈزۈپ ئالىقىنىغا قويدى، «بۇ مېۋىگە قاراڭ، دانىسى توق، ھازىر مو بېشى مەھسۇلاتى ئاشتى، كىرىممۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ». ئىلگىرىكى ئاق تاشلىۋېتىلگەن يەردىن بۈگۈنكى كۈندىكى كىرىمنى ئاشۇرىدىغان باغلارغىچە، ۋاڭ لېي يەر ئوبوروت قىلىشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ، كەنتتىكى ئىسمى- جىسمىغا لايىق ئالقات ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىسىگە ئايلاندى.
6- ئاينىڭ 26- كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت ئۆمىكى جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرىنىڭ ئوشاقباي غەربىي كەنتىدىكى ئالقات يۇقىرى ئۆلچەملىك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا كەلدى.
2022- يىلى، ئوشاقباي غەربىي كەنتى جەمئىي 8000 مو يەرنى ئوبوروت قىلدى، كەنت ھەمكارلىق كوپىراتىپى 3500 مو يەردە ئالقات ئۆستۈردى. ۋاڭ لېي يىراقتىكى تۇتاش كەتكەن ئالقات ئېتىزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت «شىركەت + دېھقان ئائىلىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى» ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن مەن يۈرەكلىك ھالدا يەرنى 100 موغا كېڭەيتىپ ئالقات ئۆستۈرۈشكە باشلىدىم، «دەسلەپتە بۇنچە كۆپ يەرنى قانداق باشقۇرىمەن؟ دەپ ئويلاپ كۆڭلۈم دەككە- دۈككىگە چۈشتى».
ۋاڭ لېينى خاتىرجەم قىلغىنى ھۆكۈمەت ۋە كارخانىنىڭ سورت بىرتۇتاش بولۇش، تېرىقچىلىق ئۆلچىمى بىرتۇتاش بولۇش، پەرۋىش تېخنىكىسى بىرتۇتاش بولۇش، تەربىيەلەش بىرتۇتاش بولۇش، سېتىۋېلىش بىرتۇتاش بولۇشتىن ئىبارەت «بەش بىرتۇتاش بولۇش» تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى يولغا قويۇشى بولدى.
كارخانا تېخنىكلىرى ھەر ھەپتىدە ئېتىزغا كېلىدۇ. «نىڭچى 10- نومۇر»نى تاللاشتىن كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشكىچە، ئۇنىڭغا ئىلمىي تېرىقچىلىقنى قولمۇقول ئۆگەتتى. «ئىلگىرى ئوغۇتلاشنى بىلمەيتتىم، مېۋىلەرنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس ئىدى، ھازىر تېخنىكلارنىڭ دېگىنى بويىچە بىيولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىپ، دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنى كونترول قىلدىم، مېۋىلەرنىڭ سۈپىتى ئۆستى، سودىگەرلەر تالىشىپ سېتىۋالىدىغان بولدى». ۋاڭ لېينىڭ خۇشاللىقتىن ئاغزى يۇمۇلماي قالدى: «بۇ يىل مو بېشى ھوسۇلنىڭ 500 كىلوگىرامغا يېتىشىنى، 100 مو يەردىن قىلىدىغان ئومۇمىي كىرىمنىڭ 600 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىشىنى مۆلچەرلىدىم».
جىڭ ناھىيەسىدە ئالقات كەسىپ زەنجىرىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئالقات پىششىقلاش كارخانىلىرىمۇ تېخنىكىنى ئېلىپ بۇ جايغا كەلدى.
«بىز ۋاكۇئۇملۇق مەنپىي بېسىم ئۈسكۈنىسى بىلەن ئالقاتنى توڭلىتىپ ۋاكۇئۇملاشتۇرۇپ ساقلايمىز، ھېچقانداق خۇرۇج ئىشلەتمەيمىز، قۇرۇق مېۋىلەر نەملەشسىمۇ كاللەكلىشىپ قالمايدۇ، ئوكسىدلانمايدۇ، تەمى يېڭى مېۋىلەردىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ». شىنجاڭ چىمىڭشىڭ ئالقات كەسپى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكا باش نازارەتچىسى خې ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بىز شاخلارنى چاتاشتىن باشلاپلا تېخنىكلارنى ئېتىزغا ئەۋەتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ دېھقانلارغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدۇق.
«بىز جۇڭتۇڭ، پوچتا، شۇنفېڭ بىلەن ھەمكارلاشتۇق، يېڭى مېۋىلەرنى ئۈزۈپ ئۈچ كۈندىلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا يەتكۈزەلەيمىز، سۈرئەت ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە تېزلەشتى.» خې ۋېي مۇنداق دېدى: ئالقات شىرنىسى ۋە توڭلىتىپ ۋاكۇئۇملاشتۇرۇلغان قۇرۇق مېۋە پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلىپلا قالماي، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگىمۇ ئېكسپورت قىلىندى.
ئوشاقباي غەربىي كەنتى شىمالدا G30 يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بىلەن، جەنۇبتا جىڭ ناھىيەسى X214 لىنىيەسى بىلەن قوشنا، ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئەشيا ئوبوروتى ئاپتوموبىللىرى بىۋاسىتە ئېتىز بېشىغىچە بارالايدۇ.
«ئىلگىرى ئالقات ساتقاندا، ناھىيە بازىرىدىكى توپ سېتىش بازىرىغا ئۆزىمىز ئاپىرىپ ساتاتتۇق، باھاسىمۇ يۇقىرى ئەمەس ئىدى.» ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: ھازىر ئەشيا ئوبوروتى ئاپتوموبىللىرى بىۋاسىتە ئېتىزغا بېرىپ يېڭى مېۋىلەرنى قاچىلايدۇ، ئالقاتنى توڭلىتىپ ۋاكۇئۇملاشتۇرۇش ئاپتوموبىللىرى پىششىقلاش زاۋۇتلىرىغا ئاپىرىدۇ، ۋاقىت ۋە كۈچنى تېجەيدۇ.
كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنغاندا، ۋاڭ لېي كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر نۇرغۇن ياشلار يۇرتىغا قايتتى، بەزىلىرى كوپىراتىپتا باشقۇرغۇچى بولدى، بەزىلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە بىۋاسىتە كۆرسىتىش بىلەن شۇغۇللاندى، كەنتىمىز بارغانسېرى ھاياتىي كۈچكە تولدى.» ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما ۋېنجۈن ئالدىراپ تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل بىز يەنە يېڭىدىن 2000 مو يېشىل ئالقات ئۆستۈرۈش بازىسىنى كۆپەيتىمىز، يېڭى مېۋە ھوسۇلى تېخىمۇ يۇقىرىلايدۇ، تېخىمۇ يىراققا سېتىلىدۇ».
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)