ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل
تارباغاتاي ۋىلايىتى 25 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، كېلىشىم سوممىسى 49 مىليارد 154 مىليون يۈەن بولدى؛ بېيچىڭ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە پەن- تېخنىكا (ئۈرۈمچى) چەكلىك شىركىتى ئۈچ كارخانا بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى؛ ئالاتاۋ شەھىرى جۈرۇي سودا چەكلىك شىركىتى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئالتاي جۇمھۇرىيىتى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى سېرگېي مېيرېننىڭ نەق مەيداندا ۋاسىتىچى بولۇشى ئارقىلىق، يېڭى ھەمكارلىق ھەمراھى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇدۇللاشتى...
بىرقانچە كۈندىن بۇيان، 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە سودىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەر زىچ ئۆتكۈزۈلدى، كۆرگەزمىگە، يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئىقتىساد- سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى، كارخانىلار، سودىگەرلەر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يېڭى سودا پۇرسىتى ئىزدەپ، يېڭى بازار ئېچىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كېلىشىم سوممىسىدا ئارقا- ئارقىدىن يېڭى سەۋىيە يارىتىپ، تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ ئەمەلىي قىممىتىنى ئاشۇردى.
كەسىپ تۈرلىرى تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولدى
6- ئاينىڭ 27- كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا ئىمزالانغان 16 تۈردىكى ھەمكارلىق كېلىشىمى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يورۇقلۇق ۋولت، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قاتارلىق كۆپ ساھەنى قاپلىدى.
«ئىلگىرىكى نۆۋەتتىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىم كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەرنىڭ سېلىنما كۆلىمى زور، بازار ئىستىقبالى ياخشى، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ تەرەققىيات ئورۇن بېكىتمىسى ۋە كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ»، دېدى سانجى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياۋ جىن.
«باش ئۈستىدىكىسى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، دەسسەپ تۇرغىنى قارا ئالتۇن، قۇچاقلاپ تۇرغىنى بوستانلىق، تايانغىنى يىپەك يولى»، سانجى ئوبلاستىنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى گەۋدىلىك، كەسىپ ئەۋزەللىكى روشەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» ۋە سانجى ئوبلاستىنىڭ 24 كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ، مول ئېنېرگىيە بايلىقى، مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى ۋە قولايلىق قاتناش تورىغا تايىنىپ، سانجى ئوبلاستى شىنجاڭنىڭ زامانىۋى كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسپى يادرولۇق توپلاشقان رايونغا ئايلاندى.
«<زەنجىر باشلامچىسى> كارخانىسى كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىنىدىكى كارخانىلارنى توپلىشىشقا جەلپ قىلىدىغان كەسىپ زەنجىرى بويىچە سودىگەر چاقىرىش مېخانىزمىغا تايىنىپ، مارجانسىمان زەنجىر ھاسىل قىلىش، زەنجىرنى توپلاپ توپ ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق»، دېدى ياۋ جىن.
بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، توقسۇن ناھىيەسى بىر قېتىمدىلا يېڭى ئېنېرگىيە، يۇقىرى دەرىجىلىك خىمىيە سانائىتى، زامانىۋى ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار چوڭ- چوڭ كەسىپ تۈرىدىن يەتتىنى ئىمزالاپ، 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپ ئېگىزلىكىگە يېڭى قۇۋۋەت قوشتى.
توقسۇن ناھىيەسى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ قاتناش مۇھىم يولىغا جايلاشقان، قولايلىق قاتناش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە كۆپلىگەن ساھە باشلامچى كارخانىلىرىنى يىلتىز تارتىشقا جەلپ قىلىپ، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى، يېشىل قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، يېڭى ئېنېرگىيە، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ھەم خاس پىششىقلاش كەسپى قاتارلىق يېتەكچى كەسىپلەرنى شەكىللەندۈردى.
شىنفا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ كېشىن خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتى بۇ قېتىم يىللاردىن بۇيانقى سوممىسى ئەڭ زور بىر كېلىشىم ئىمزالىدى، ئۇنىڭ 2- قارارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك يېڭى ماتېرىيال تۈرىنىڭ سېلىنما سوممىسى 8 مىليارد 647 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان بولۇپ، يىلىغا 60 مىڭ توننا سۇسىز ھىدروفىتورىد، 30 مىڭ توننا لىتىي ھېكسافتورفوسفات ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى بەرپا قىلىدۇ.
«توقسۇن ناھىيەسىنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، كەسىپ ئاساسى بىزنىڭ يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىمىز بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ، تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، رايوننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك فىتور خىمىيە سانائىتى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسپى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ»، دېدى شىنفا گۇرۇھىنىڭ ۋەكىلى ۋاڭ شوۋتىڭ.
ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش تېخىمۇ خەلقئارا ئۇسلۇبقا ئىگە بولدى
بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، 50 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 2800دىن ئارتۇق كارخانا مەھسۇلات، تېخنىكا ۋە ھەمكارلىق ئارزۇسىنى ئېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشتى، ئېفىيوپىيە، زامبىيە، كومورو، سېنېگال قاتارلىق ئافرىقا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشتى، تاۋار سودا كۆرگەزمىسى يىغىنغا قاتناشقان ئىقتىساد- سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار، سودىگەرلەرنىڭ خەلقئارا «يېڭى ھەمراھلار» بىلەن كەڭ دائىرىدە تونۇشۇشىدىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى.
6- ئاينىڭ 27- كۈنى، «بايىنغولىن ئوبلاستى يىپەك يولى بىلەن تۇتىشىش . ئىقتىساد- سودا ئارقىلىق ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىدىكى 2025- يىللىق شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاشقى ئىقتىساد- سودا تونۇشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە، نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاس كەسىپلىرىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى.
بۇ يىل، كورلا نەشپۈتى بىلەن لوپنۇر كېۋەز ئۇرۇقى ئۆزبېكىستاندا بازار ئاچتى. ھازىرغىچە، كورلا نەشپۈتىنىڭ ئۆزبېكىستاندا سېتىلىش مىقدارى 3 مىليون توننىغا يېقىنلاشتى؛ 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، لوپنۇر ناھىيەسى ئۆزبېكىستانغا ئېكسپورت قىلغان كېۋەز ئۇرۇقى 170 مىليون يۈەندىن ئاشتى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىنىڭ ئون ھەسسىسىگە تەڭ. «7- ئايدا، بىز قازاقىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ كېلىشىم ئىمزالاپ، كورلا نەشپۈتىنى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە يۈزلەندۈرۈشنى پىلانلىدۇق»، دېدى كورلا لىشو تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى جاۋ لىڭلىڭ.
شىنجاڭنىڭ ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنىڭ كۈنسېرى ئېنىق بولۇشىغا ئەگىشىپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەرقايسى كارخانىلار ھەم سودىگەرلەر تاۋار سودا كۆرگەزمىسى سۇپىسىغا تايىنىپ، مەبلەغ سېلىش مۇددىئانامىسى ئۈستىدە كېڭەشتى، ھەمكارلىق سودا پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدەندى، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى توپلىدى.
6- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن، «يىپەك يولى ئېنېرگىيە تۈگۈنى، تارباغاتاي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقىنىڭ كەلگۈسى» باش تېمىسىدىكى تارباغاتاي ۋىلايىتى كەسىپلەر باغچە رايونى سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، رۇسىيە- جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېرگېي شارونوف مۇنداق دېدى: «تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ياخشى، بايلىقى مول، سىياسىتى ياخشى، رۇسىيە- جۇڭگو ئىككى دۆلەت ناھايىتى ياخشى قوشنا، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور، رۇسىيە كارخانىلىرىنىڭ بۇ تەرەققىيات پۇرسەتلىرىنى كۆرۈپ يېتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشى، ئەۋزەللىك ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
«تاۋار سودا كۆرگەزمىسى بىزنى يېڭى ھەمكارلىق ھەمراھى بىلەن ئۇدۇللىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بىزگە تېخىمۇ كۆپ خىللاشقان خام ئەشيا مەنبەسى تېپىپ بەردى، كارخانىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ كۆپ تاللاش بار بولدى، بۇ، دېھقانچىلىق دورىسى چېچىلمىغان، خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىلمىگەن تېخىمۇ كۆپ يېشىل مەھسۇلاتلارنىڭ بازاردا سېتىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ»، دېدى ئالاتاۋ شەھىرى جۈرۇي سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چىن شياۋنى.
تىجارەت- سودا مۇھىتى تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولدى
«تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت بەرپا قىلغان ياخشى تىجارەت- سودا مۇھىتىدىن ئايرىلالمايدۇ.» 6- ئاينىڭ 27- كۈنى ئېچىلغان تارباغاتاي ۋىلايىتى كەسىپلەر باغچە رايونى سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، دامۇجى پاي كونترول گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى سۈن جياڭرۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە تولى ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن يىلىغا 2 مىليون 100 مىڭ توننا سېرپېنتىننى بىر تەرەپ قىلىپ ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ئىمزالىدۇق، ئاپتوموبىللارنى يېنىك قىلىش، ئاۋىياتسىيە تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق كەسىپلەرنى يادرولۇق ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيمىز، 14 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى مۆلچەرلىدۇق، بۇنىڭ بىلەن شۇ جايدىكى 3000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ».
بۇ يىلدىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان «تارباغاتاي تېز ئىشلەش» ۋە كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان «تارباغاتاي ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش» كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى. تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا تەرتىپنى ئىخچاملاشتىن «قوش باشقۇرغۇچى» پۈتۈن مۇساپىدە ھەمراھ بولۇپ قاتراشقىچە، سىياسەتلەرنى نەقلەشتۈرۈشتە «دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىش»تىن ئامىل كاپالىتىنى «يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇش»قىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتى باشتىن- ئاخىر «تەلەپنى چوقۇم قاندۇرۇپ، ئىش بولمىسا دەخلى قىلماسلىق»تەك مۇلازىمەت ئىدىيەسى بىلەن، كارخانىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك «داڭلىق دۇكان خىزمەتچىسى» بولدى.
«مەبلەغ سېلىش شارائىتى ئەۋزەل، سىياسەت ئالاھىدە ياخشى.» زىيارەت جەريانىدا، كېلىشىم ئىمزالىغان نۇرغۇن كارخانىنىڭ جاۋابى بىردەك بولدى.
بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى مول ھاسىلاتقا ئېرىشتى، جەمئىي تۆت تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، ئومۇمىي سوممىسى 19 مىليارد 850 مىليون يۈەن بولدى.
«بىز سودىگەرلەرگە يېقىن بولۇش، سودىگەرلەرنى خاتىرجەم قىلىش، سودىگەرلەرنى بېيىتىش ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت ۋە مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلىشىشى، تېز قۇرۇلۇشى، بالدۇرراق ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز»، دېدى مىدۇڭ رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى فېڭ جۈشىن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)