قاشتاش بەلباغ ئالتۇن تاغنى ئورىدى، يېڭى يولدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى
11:23:36 2025-07-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

 6- ئاينىڭ 30- كۈنى، ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان G681 لىنىيەسىدىكى ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى، بۇنىڭ بىلەن «ئالتاي شەھىرى − قۇمقاناس كەنتى − بۇرچىن ناھىيەسى − ئالتاي شەھىرى» ساياھەت قاتناش چوڭ ئايلانما لىنىيەسى شەكىللىنىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

6- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلارنى كۈتۈۋالدى.  ساڭقار جېڭىسبېك فوتوسى

 ئالتاي شەھىرى بىلەن قۇمقاناس كەنتىنى تۇتاشتۇرىدىغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 209.45 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ 3- دەرىجىلىك تاشيول ئالتاي تېغىدىكى جىلغىلارنى قاشتاش بەلباغدەك ئوراپ تۇرغان بولۇپ، ئىككى جاي ئارىسىدىكى ئاپتوموبىللىق قاتناش ۋاقتىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتتى، تېخىمۇ مۇھىمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تاشما تەسىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە ئۈزلۈكسىز خۇشاللىق بېغىشلىدى.

 چارۋىچىلار تاغدىن چىقىپ، يېرىم كۈندە قايتىپ كېلەلەيدىغان بولدى

 ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولىنى بويلاپ تاغلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بىر يېرىم سائەت ماڭمايلا ئالتاي شەھىرىنىڭ بالباغاي يېزىسى سارغارىن كەنتىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، ئىلگىرى بۇ سەپەرگە بىر كۈن ۋاقىت كېتەتتى.

 «20 يىل ئىلگىرىمۇ دېمەيلى، ئون يىل ئىلگىرى، شەھەرگە بىر قېتىم بېرىشقا ئاز دېگەندە بىر كۈن كېتەتتى»، دېدى 55 ياشلىق جانات باتۇ.

 سارغارىن كەنتىدە 190 نەچچە ئائىلىلىك چارۋىچى بار، كەنتنىڭ ئالتاي شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 60 نەچچە كىلومېتىرلا كېلەتتى. لېكىن شەھەر رايونىغا بېرىشتا، پەقەت بىرلا چارۋا يولى بار بولۇپ، چارۋىچىلارنىڭ چارۋا يولىنى بويلاپ تاغلاردىن ھالقىپ، دەريالاردىن كېچىپ ئۆتۈشىگە توغرا كېلەتتى.

 ياز پەسلىدە، كەلكۈن يامراپ كەتكەندە، ئەگەر دەريانىڭ «ئاچچىقى كېلىپ» قېلىپ، چىغىر يوللارنى بۇزۇۋەتسە، چارۋىچىلارنىڭ ئۆيىگە قايتىشى تەسكە توختايتتى. قىش پەسلىدە، تاغنى قېلىن قار قاپلىغاچقا، سىرتقا چىقىش- كىرىش مۇمكىن بولمايتتى. «بەزى ياشانغانلار ئۆمۈر بويى ئالتاي شەھىرىگە بېرىپ باقمىغانىدى»، دېدى جانات ئەسلەپ.

 2019- يىلى، شۇ جاي ئورمان رايونى يولى قۇرۇلۇشى تۈرىگە تايىنىپ «گالنى بوغىدىغان» يول بۆلەكلىرىنى راۋانلاشتۇردى، 2020- يىلى ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولىنى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2021- يىلى يەنە پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئۆزگەرتىلىپ، 4- دەرىجىلىك ئۆلچەمدىكى قۇم- شېغىللىق يولنى راۋانلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. گەرچە قۇم- شېغىللىق يول بولسىمۇ، چارۋىچىلارنىڭ چىقىش- كىرىشى ئۈچۈن ھېچبولمىغاندا تۈزۈكرەك بىر يول بار بولدى.

 2022- يىلى 9- ئايدا، ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولى 3- دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىشقا باشلىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جانات ھاياجانلانغانلىقىدىن كىگىز ئۆيىدە سەكرەپ كەتتى.

 ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، جانات ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ بىر قېتىم مېڭىپ باقتى، تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تونۇش تاغ- دەريالارنى كۆرۈپ، ئۇ خۇشال ھالدا ئوغلىغا تېلېفون قىلىپ: «قاتناش قولايلاشتى، بۇنىڭدىن كېيىن قەيەرگە بارغۇڭ بولسا بارالايدىغان بولدۇڭ»، دېدى.

 بىر تاشيول چارۋىچىلارنىڭ بېكىنمە تۇرمۇشىنى بۇزۇپ تاشلىدى. بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇنىۋېرسال قاتناش تورى تاغ ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتمەكتە.

 نۆۋەتتە، ئالتاي ۋىلايىتى ھەممە ناھىيەلەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1- دەرىجىلىك) يول تۇتاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى، ئۈچ ئايرودۇرۇم، تۆت ۋوگزال بار بولدى، «جۇڭگو قار- مۇز شەھىرى . ئالتاي» ناملىق ساياھەت پويىزى قاتناپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئۈزلۈكسىز زىچلىشىپ، سىرت بىلەن بولغان ئالاقە تېخىمۇ قويۇقلاشتى.

 ئاپتوموبىللار قاتناپ، ھەممە كەسىپ جانلاندى

 بىر يول ئېچىلىپ، بىر تاغ جانلاندۇرۇلۇپ، بىر جايدىكى كىشىلەر بېيىدى.

 سارغارىن كەنتىدىكى 26 ياشلىق كەنت ئاھالىسى قابىل خاۋكېن ئەقىللىق يىگىت ئىدى، بۇ يىللاردا ئالتاينىڭ ساياھەتچىلىكى كۈنسېرى قىزىپ كەتتى، ئۇ ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى.

 ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولىدا سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ يەنە ئائىلىسىنىڭ بەش كىگىز ئۆيىدىن پايدىلىنىپ چارۋىچىلار ئارامگاھى ئاچتى. ساياھەتچىلەر كىگىز ئۆيدە شۇ جاينىڭ مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تېگەلەيدۇ، كەچتە يەنە يۇلتۇز سانىيالايدۇ.

 ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولىدا رەسمىي قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، يان تېلېفوندا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر توختىماي چىقىپ تۇردى، قابىل ناھايىتى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 يۈەن كىرىم قىلىۋاتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، سودىمىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ».

 ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولىنىڭ ئوشئېرىق مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا، شىنجاڭ پەييۈ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شۆ يۈچۇن قەھۋە ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىدا ساياھەتچىلەرگە قەھۋە تەييارلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى، تىجارەت باشلىغىنىغا بىر ھەپتىمۇ بولمىغان بۇ قەھۋە نۇقتىسى ساياھەتچىلەر ئارام ئالىدىغان يېڭى جايغا ئايلاندى.

 ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولىنىڭ تاشما ئۈنۈمىنى كۆرۈپ، شۆ يۈچۇن قەھۋە ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ناھايىتى تېزلىك بىلەن يېتىپ كېلىپ، مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا قەھۋە، ماروژنى، قاقلىما قېزا قاتارلىقلارنى ساتتى، «بىر كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى تىجارەت سوممام 1000 يۈەندىن ئاشتى، ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولىدىكى غايەت زور ئاپتوموبىل ئېقىمى مېنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىمنى ئىنتايىن ئاشۇردى».

 بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسى قۇمقاناس كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئودۇڭ خۇا موڭغۇل قىز بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ ياغاچ ئۆيىنى ئائىلىۋى مېھمانخانا قىلىپ ئۆزگەرتتى، ئەسلىي قۇرۇلمىسى ۋە ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىللە، ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى كۆپەيتتى، ھازىر مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.

 ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ تاشما ئۈنۈمى تاشيولنى بويلاپ سىجىل تارقالدى.

 سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولىدا قاتنىغان ئاپتوموبىل 49 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمدىن ئاشتى، 160 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

 غايەت زور يولۇچىلار ئېقىمى ئالتاي ۋىلايىتىگە كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى. ئالتاي ۋىلايىتىدىكى مېھمانسارايلارنىڭ مېھمان بىلەن تولۇش نىسبىتى بۇلتۇرقى %33.3تىن بۇ يىلقى %45.09كە كۆپىيىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

 جىنجياڭ مېھمانسارىيى (جۇڭگو رايونى) ئالتاي تەۋەلىك رايونىنىڭ دىرېكتورى ياڭ جىكەي مۇنداق تونۇشتۇردى: 2023- يىلىدىن بۇيان، مېھمانسارىيىمىزنىڭ تىجارەت سوممىسى يىلدىن- يىلغا ئاشتى، «ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى، بۇ يىلقى نەتىجىمىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ».

 مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورىدا پادىچى ناخشىسى ياڭرىدى

 ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولىدا قاتناش باشلانغان كۈنى، شاڭخەيدىن كەلگەن چېن يۆ فوتو ئاپپاراتىنى كۆتۈرۈپ، ماڭغاچ يول بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتتى، «بۇ سەپىرىم بىھۇدە بولمىدى، كېلەر يىلى مەن دوستۇمنى ئېلىپ يەنە بىر قېتىم كەلمەكچى».

 ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولى شياۋدۇڭگوۋ ئورمان باغچىسى، ئوشئېرىق سۇلۇق يەر باغچىسى، تۇڭبا ئىپتىدائىي ئورمانلىقى، ئىلىك تاش ئورمانلىقى، تولقايت قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، «ئالتاي شەھىرى- قۇمقاناس كەنتى- بۇرچىن ناھىيەسى- ئالتاي شەھىرى» ساياھەت قاتناش چوڭ ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ساياھەتچىلەر يول بويى جىلغا، يايلاق، تاش ئورمان قاتارلىق كۆپ خىل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.

 ئالتاي ۋىلايەتلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى جيەنگو مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولى چوڭ قاناس ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى مۇھىم ئايلانما لىنىيە تاشيولى، ئالتاي مىڭ چاقىرىملىق يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت كارىدورىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇھىم يول بۆلىكى، تۈر پۈتكەندىن كېيىن، قاناس چوڭ ئايلانما لىنىيەسى مۇشۇ جايدا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئالتاي شەھىرىنىڭ «يانچۇق تېگى» بولۇشتەك ھازىرقى ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تاشيول قاتنىشىنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

 ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولىنىڭ يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرىمۇ تېز ياسىلىۋاتىدۇ، يول بويىدا مەنزىرە تاماشا قىلىدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىدىن 31ى، ۋاقىتلىق ھاجەتخانىدىن 25ى ياسالدى. «لىنىيە بويىدىكى مۇلازىمەت پونكىتى، ماي قاچىلاش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلار مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ، سودا كەسىپ ھالىتى كۈنسېرى موللىشىۋاتىدۇ، ساياھەتچىلەر يول بويى بىرقەدەر ياخشى تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ»، دېدى ئالتاي قاتناش قۇرۇلۇشى سېلىنما تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور جاڭ فېڭ.

 ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولىنىڭ تاشما ئۈنۈم ئېففېكتى تېخىمۇ كەڭ بوشلۇققا تەسىر كۆرسەتمەكتە.

 ئالتاي ۋىلايىتى رايون ئالاھىدىلىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «نۇقتىلاردىن رايون شەكىللەندۈرۈش، رايونلاردىن بەلباغ شەكىللەندۈرۈش، بەلباغ بىلەن شەھەر ھەمتۈرتكە بولۇش، پۈتۈن رايون بويىچە يۇغۇرۇلۇش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» پىكىر يولى بويىچە، قاتناش بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلغان «مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى» بەرپا قىلىپ، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشيولنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.

 G216 لىنىيەسىدىكى خۇڭشەنزۇي پورتى- ئالتاي تاشيولى، G217 لىنىيەسىدىكى ئالتاي- بۇرچىن تاشيولى، G331 لىنىيەسىدىكى چىڭگىل- كۆكتوقاي- ئالتاي تاشيولىدىمۇ شۇ كۈنى قاتناش باشلاندى.

 «ئالتايدىكى نۇرغۇن تاشيولنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلانغانلىقى ئالتاي ساياھەتچىلىكىدىكى <تېز كىرىپ ئاستا ساياھەت قىلىش>نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئالتاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كېلىشكە جەلپ قىلىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا، رايون جەمئىيىتى، ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ»، دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شى جىچياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125