ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجى
6- ئايدىكى مىشا يېزىسىدا، جىگدە چېچىكىنىڭ خۇش ھىدى ئېتىزلارنى قاپلاپ، ياپيېشىل شىنمېيلار شېخىدىكى مېۋىسىنى كۆتۈرۈلمەي قالغانىدى. 17 ياشلىق ئادىلە ھامۇت ئۆز ئۆيىنىڭ مېۋىلىك دەرەخلىرى ئاستىدا ئولتۇرۇپ، بارماقلىرىنى مېۋىگە يېنىك تەگكۈزۈپ قويدى، ئۇنىڭ چېھرىدە ئارزۇ- ئىستەك ئىپادىلىنىپ تۇراتتى: «بۇلتۇر ئەڭ ياخشى بەش مو يەردىكى شىنمېينى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى 300 مىڭ يۈەنلىك باھادا تالىشىپ سېتىۋالدى، بۇ يىل كەنت ئېغىزىغا سوغۇق ساقلاش ئامبىرى سېلىندى، باھاسى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ». ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يېقىندىن بۇيان ئېتىز ئىشلىرىغا ياردەملەشتى، بۇ باغ ئۇ ۋە ئاتا- ئانىسىنىڭ يەنە بىر ئىمتىھان مەيدانى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شىنمېي كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى ئىدى.
يېقىندا، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت ئۆمىكى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ مىشا يېزىسى يېڭىمەھەللە كەنتىگە كېلىپ، ئاسفالت يوللارنىڭ كەنتنى كېسىپ ئۆتكەنلىكىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دەرەخ سايىسىدە پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان شىنمېي مول ھوسۇل پەسلى توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ئادىلەنىڭ ئائىلىسى 24 مو يەردە شىنمېي ئۆستۈرگەنىدى. 2015- يىلى، تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەلا سۈپەتلىك سورتلارنى ئۆستۈرۈشكە ئۆزگەرتتى، ئىلمىي ئۆستۈرگەندىن كېيىن ھوسۇلى ۋە سۈپىتى يىلمۇيىل ئاشتى.
«<ھەممە كەنتنى تۇتاشتۇرۇش> قۇرۇلۇشىدا ياسالغىنى يول بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يۇرتداشلارنىڭ بېيىش داغدام يولى بولدى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، كەنتنىڭ يوللىرى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى». مىشا يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى مىرئالىم سوپۇر مۇنداق تونۇشتۇردى: قۇرۇلۇۋاتقان مىشا يېزىسى شىنمېي سودا مەركىزىنىڭ كۆلىمى 20 مو بولۇپ، 45 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، ئىچىدە 6400 كىۋادرات مېتىرلىق سوغۇق ساقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرى بار. 7- ئاينىڭ ئاخىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، 7000 توننا شىنمېي ساقلىغىلى بولىدۇ، باغۋەنلەر ئەمدى 40 كىلومېتىر يول يۈرۈپ ناھىيە بازىرىغا بېرىپ، شىنمېينى ئامباردا ساقلاشقا بەرمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.
پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى شىنمېينىڭ «مېۋىسى چوڭ، ئۇرۇقى كىچىك، ئېتى قېلىن، شىرنىسى كۆپ» بولۇشتەك ئۆزگىچە سۈپىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شىنمېي كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك تىرەككە ئايلىنىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى.
2024- يىلى، پۈتۈن ناھىيەدە شىنمېي ئۆستۈرۈش كۆلىمى 570 مىڭ مو بولۇپ، 410 مىڭ مو يەردىكى شىنمېي مېۋىگە كىردى، ھوسۇلى 370 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 7 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق باغۋەننىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 17 مىڭ يۈەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل، 450 مىڭ مو يەردىكى شىنمېينىڭ مېۋىگە كىرىدىغانلىقى، ھوسۇلىنىڭ 410 مىڭ توننىدىن ئېشىشى، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 8 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەندى.
بۇ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەتىجە قەغىزى ئېتىزدىن سېخقىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن كەلگەن.
گۇاڭدۇڭ- پەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىقىغا تايىنىپ، تېز ئېرىيدىغان شىنمېي تالقىنى قاتارلىق 22 خىل ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ ئوتتۇرىغا چىقاردى، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش نىسبىتى %65كە يەتتى.
ناھىيە بويىچە 400 مىڭ توننىلىق سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، «ناھىيەدە 10 مىڭ توننا دەرىجىلىك، يېزىدا 1000 توننا دەرىجىلىك، مەركىزىي كەنتتە 100 توننا دەرىجىلىك» ئامباردا ساقلاش تورى قۇرۇلۇپ، شىنمېينى يېڭى پېتى ساقلاش مۇددىتى ئۇزارتىلدى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جېجياڭ داشۆ، ۋۇخەن داشۆ قاتارلىق داڭلىق ئاپپاراتلار ۋە مەكتەپلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. كۈچ مەركەزلەشتۈرۈلۈپ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇۋۋەتلىك- ساغلام يېمەكلىك كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات ئورنى قاتارلىق سەككىز پەن تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇپ، ئىختىساسلىقلارنى جانلىق كىرگۈزۈش مېخانىزمى ئارقىلىق، 30دىن ئارتۇق پەن تەتقىقات خادىمى پەيزاۋات ناھىيەسىدە دائىم تۇرۇشقا جەلپ قىلىندى، ئۇلار دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
قولايلىق قاتناش تورى پەيزاۋات شىنمېيلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە تېخىمۇ تېز يەتكۈزدى. 2024- يىلى يېڭىدىن ياسالغان شىمالىي لىنىيەدىكى 68 كىلومېتىرلىق 2- دەرىجىلىك تاشيول (S213 لىنىيەسى) G3012 يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلۇپ، پەيزاۋات ناھىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىش مۇساپىسى قىسقارتىلدى؛ 10- ئايدا تۇتاشتۇرۇلىدىغان جەنۇبىي لىنىيەدىكى 79 كىلومېتىرلىق تاشيول مەكىت- قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلۇپ، «شىمال بىلەن جەنۇبنى تۇتاشتۇرىدىغان» يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروت تورىنىڭ شەكىللىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
«يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى بارغانسېرى زىچلاشتى، يۈك ئاپتوموبىللىرى بىۋاسىتە ئېتىز بېشىغىچە بارالايدۇ». ئادىلە كۈلۈپ مۇنداق دېدى: تېخنىكلار ئائىلىمىزنىڭ بۇ يىل شىنمېيدىن يەنە مول ھوسۇل ئالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، «تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان يول تورى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى يۇرتىمىزنىڭ شېرىن تەمىدىن بەھرىلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن».