تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدىن شىنجاڭ پۇرسىتىگە نەزەر
11:56:20 2025-07-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 − 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان (1)

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

 تىيانشان تېغى گۇۋاھ، يىپەك يولىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

 6- ئاينىڭ 30- كۈنى، بەش كۈن داۋاملاشقان 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. كۆلىمى ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىكتىن ئېشىپ كەتكەن بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا- ياۋروپا ئىقتىساد- سودا كاتتا مەرىكىسى دۇنياغا ھەمكارلىق بىلەن پۇرسەت گىرەلەشكەن يېڭى ۋە پارلاق مەنزىرىنى جانلىق نامايان قىلدى. شىنجاڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئارقىلىق بارغانسېرى كۆپ جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە.

 زەنجىرنى توپلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى، كەسىپلەر «يېڭى» بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىدى 

 تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدىكى «ئون چوڭ كەسىپ توپى» سارىيىغا كىرگەندە، يېڭىلىق يارىتىش N + 10 + 1 كۆرگەزمە رايونىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى ھەم يېڭى ئېنېرگىيە، يېشىل كانچىلىق ھەم پىششىقلاش، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق كەسىپلەر توپى سارىيى تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرى دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى، جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى قاتارلىق دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك مەركەز كارخانىسى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئىلغار نەتىجىلەرنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.

 شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى.

 ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا بۇ جايدا توپلاندى. كۆرگەزمىدە تۇنجى قېتىم سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىپ، «يېڭىلىق تەركىبى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەركىبى، يېشىللىق تەركىبى»گە ئىگە مەھسۇلاتلار بىر سەھنىدە مۇسابىقىلىشىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىكى قەتئىي قەدىمىنى ئەكس ئەتتۈردى.

 «كارخانىمىز شىنجاڭ بىلەن <ئون چوڭ كەسىپ توپى> قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ» دەپ بىلدۈردى جىپىڭفاڭ (شېنجېن) پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى گو يەندۇڭ. بۇ شىركەت دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەنلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم كارخانىسى بولۇپ، بۇ قېتىمقى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە ئېلىپ كەلگەن ھەممىباب ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم «ئەيباۋ 2» بوشلۇقتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېزىش ۋە ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، يۈك توشۇش، ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى جانلىق ئورۇندىيالايدۇ.

 تاۋار سودا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە تونۇشتۇرۇش ھەم نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، جەمئىي 169 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ئىمزالانغان كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 213 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولدى، بۇ، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە، كۆمۈر پىششىقلاش، مەدەنىيەت- ساياھەت مېھمانسارىيى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلدى، 2- كەسىپنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %90تىن ئاشتى.

 «بىز توقسۇ ناھىيەسىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئايلانما ئىقتىساد كەسىپلەر باغچىسىنىڭ 2- قارارلىق قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدۇق، بۇ، زاپچاسلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش، باتارېيەنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ»، دېدى شىنجاڭ جىڭچېڭ ئېنېرگىيە پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شاۋ فېڭچىڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

 جىشىڭ ئاپتوموبىل پەن- تېخنىكىسى (ۋېنجوۋ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لىن يۈ 70 مىليون يۈەنلىك چوڭ زاكاز ئىمزالىدى − 100 دانە يىراق مۇساپىلىك ئالكوھول- ھىدروگېنلىق يۈك ئاپتوموبىلى شىنجاڭدىكى كۆمۈر كانلارغا كىرگۈزۈلىدۇ. «كېيىنكى قەدەمدە شىنجاڭ بازىرىغا ماكانلىشىمىز، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق بازارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىمىز.» لىن يۈنىڭ پىلانى نۇرغۇن كارخانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيەلىك سودا ئاپتوموبىللىرىنىڭ پۈتۈن ھالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كارخانا شىنجاڭنى سەكرەش تاختىسى قىلىپ، توك قاچىلاش، باتارېيە ئالماشتۇرۇش، ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق ئۇزارتىلما كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.

 ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ خېشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى نۇقتىلىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس- تەلىپىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، تەرەققىياتنى قوللاشنى «بىرىنچى نىشان» قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئەڭ ياخشى تىجارەت- سودا مۇھىتى يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىمىز.

 ئېچىۋېتىش يۈكسەلدى، ئالتۇن يولنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسى ئۇرغۇتۇلدى 

 تاۋار سودا كۆرگەزمىسى خەلقئارا تاۋارلار سارىيىغا كىرگەندە، دۇنيا كۆز ئالدىمىزدا تۇرغاندەك ھېسسىياتقا كېلىمىز: بىرازىلىيەنىڭ قەھۋە پۇرچىقىنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغان، ئىراننىڭ تىۋىت پوپايكىسى يېنىك، يۇمشاق ئىدى، ئافرىقا دۇمبىقى شوخ ياڭراپ تۇراتتى.

 ئىران گىلەم سارىيىنىڭ مەسئۇلى فېيدىيانىڭ 6- قېتىم كۆرگەزمىگە قاتنىشىشى: «شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلار قولدا توقۇلغان گىلەمنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ قېتىم ئۆلچىمى تولۇق بولغان 100 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى ئېلىپ كەلدۇق».

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولىغا جايلاشقان شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

 بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە بىر تۈركۈم يېڭىدىن قاتناشقانلار بار. ئېفىيوپىيە، زامبىيە، كومورو، سېنېگال قاتارلىق ئافرىقا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشتى، بۇ، تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ دۇنياۋى تەسىر كۆرسىتىش كۈچى ۋە تەسىرىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 ئېفىيوپىيە «قەھۋە ماكانى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، بۇ دۆلەتتىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەر نىجىستى چالا دېجياجيا نەق مەيداندا ئەنئەنىۋى ساپال چەينەكتە قەھۋە دەملەش ھۈنەر- سەنئىتىنى نامايان قىلدى، قەھۋە پۇرچىقى قورۇلغاندىن باشلاپلا، خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى. كۆرگەزمە مەزگىلىدە، ئېفىيوپىيە، كولومبىيە، بىرازىلىيە، زامبىيە قاتارلىق دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەھۋە ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ ۋەكىللىرى تېتىش- باھالاش يىغىنىدا جەم بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك خام قەھۋە پۇرچىقى بايلىقىنى كىرگۈزۈش، بازاردا سېتىش، كەسىپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىق پۈتۈن زەنجىرلىك ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.

 تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشقان سېنېگاللىق سودىگەر دىئوپ مالىم ئاننىك ئۇچىسىغا يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان يېشىل كۆڭلەك كىيگەن بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرگە رەڭگارەڭ خىرۇستال زىننەت بۇيۇملىرى ۋە لافېي ئوتىدىن پايدىلىنىپ قولدا توقۇلغان توقۇلما بۇيۇملارنى قىزغىن تونۇشتۇردى. كۆرگەزمە ئورنىدا، غەربىي ئافرىقىنىڭ غايەت زور بولكا دەرىخى مېۋىسى، نيۇيۈ بېلىقى ۋە دورىلىق مۇجىن گۈلى قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

 كومورولۇق يىگىت ئابدۇللا دانىيېل راۋان جۇڭگو تىلىدا كانانگىئۇم جەۋھەر مېيىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىر- ئىككى تېمىم تېمىتىپ قويسىلا پۈتۈن ئۆينى خۇش پۇراق قاپلايدۇ.» كۆرگەزمە ئورنىنىڭ ئالدى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، 250 بوتۇلكا ئەۋرىشكە جەۋھەر ماي ئىككى كۈندە سېتىلىپ بولدى.

 يۇقىرى ئۈنۈملۈك «بىرگە بىر» ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، تۈركىيەلىك سودىگەر رۈيزىجيا خېنەنلىك سودىگەر دۇڭ خۇڭۋېي بىلەن ئۈسكۈنە ئىمپورت قىلىش تۈرى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش بىلەن بىللە، ئۈچ ئاي ئىچىدە پىشلاق بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئۈرۈمچىگە ماكانلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى.

 سودىگەرلەر توپلاندى، ئېسىل تاۋارلار توپلاندى، سودا پۇرسىتى كۆپەيدى. تاۋار سودا كۆرگەزمىسى پۈتۈن دۇنيا بازىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان سودا تېز يولىنى بەرپا قىلىپ، ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۆۋرۈككە ئايلاندى.

 قوش ئايلىنىش جانلاندى، ھەمكارلىق بوشلۇقى كېڭەيتىلدى

 تاۋار سودا كۆرگەزمىسى كاتتا سودا كۆرگەزمىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان كۆرەك، ئۇنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قىممىتى دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوننىڭ گۈللىنىشىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت.

 بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «تاشقى سودا ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭخۇا سەپىرى» شىنجاڭ بېكىتى پائالىيىتى ماس قەدەمدە باشلاندى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى 42 ئەلا سۈپەتلىك تاشقى سودا كارخانىسى پاختا توقۇمىچىلىق، يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى 1000 خىلدىن ئارتۇق تاشقى سودا ئەلا مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىپ، دۆلەت ئىچى بازىرىنى كېڭەيتىدىغان يېڭى يول بەرپا قىلدى.

 تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭدىكى بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى جېن سەيجېن سودىگەرلەرگە ئەتلەس نۇسخىسىدىكى ئۇزۇن تىۋىتلىق پاختا يېپىنچىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھەربىر مەھسۇلات شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى تارقىتىدىغان نام كارتىسى».

 خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئېچىۋېتىشنىڭ پايدىسىنى پۇقرالارغا بىۋاسىتە يەتكۈزدى. بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى تۇنجى قېتىم ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى، ئۈرۈمچىدىكى 100دىن ئارتۇق كارخانا «تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ئالاھىدە ئېتىبارى»نى يولغا قويدى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ چىنچېڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى خەلقئارا تاۋارلارنى توردا سېتىۋالاتتىم، ھازىر ئىشىك ئالدىمىزدىلا ياخشى كۆرىدىغان خەلقئارا تاۋارلارنى سېتىۋالالايدىغان بولدۇق، بەك قولايلىق».

 ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ۋە چېگرادىن كىرىش بويىچە باجدىن خالىي كۆرگەزمە سودا سىياسىتى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۈرۈمچى باجدىن خالىي كۆرگەزمە سودا مەركىزى تاۋار سودا كۆرگەزمىسى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، دۇنياۋى ئەلا سۈپەتلىك ئىمپورت داڭلىق تاۋار ماركىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، جۇڭگو ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا بازارلىرىنى ئېچىشتىكى ئالدىن تاللاش دەرۋازىسىغا ئايلىنىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، «دۇنيادىن سېتىۋېلىش، دۇنياغا سېتىش، دۇنياغا مۇلازىمەت قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

 تاۋار سودا كۆرگەزمىسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەمەلىي بولغان خەلقئارا ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى. كۆرگەزمە مەزگىلىگە سىڭدۈرۈلگەن 60 نەچچە مەيدان سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى تونۇشتۇرۇش، كېڭىشىش، كېلىشىم ئىمزالاشتىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. دىققەت «تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادى»غا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تۇنجى قېتىم يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش سۇپىسى تەسىس قىلىنىپ، AI، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، بىيوتېببىي دورا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئېسىل مەھسۇلاتلارنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىشقا تۈرتكە بولدى؛ يېڭىلىق يارىتىلغان «بىرگە بىر» ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە «ئاددىي ھەم گۈزەل» بولغان ئىقتىساد- سودا پائالىيىتى ئېھتىياجنى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم يېڭى ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ زىچ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

 شىنجاڭ پۇرسىتى سىجىل كېڭىيىۋاتقان خەلقئارا «دوستلار چەمبىرىكى» بىلەن كۈنسېرى راۋانلىشىۋاتقان ئىقتىساد- سودا «چوڭ تومۇرى»دا سىجىل جارى قىلدۇرۇلدى. بۈگۈنكى شىنجاڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ سىياسەت پايدىسىغا تايىنىپ، تېز سۈرئەتتە ئاسىيا- ياۋروپا ئىقتىساد- سودا ئالاقىسىدىكى يادرولۇق تۈگۈن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلمەكتە. تېخىمۇ كەڭلىككە ۋە چوڭقۇرلۇققا ئىگە ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا ھەرقايسى تەرەپلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان ھەمكارلىق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىگە كۈچ قوشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125