چېگرانى قوغدىغان 60 يىل، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا تولغان ئائىلە تەلىمى
11:29:10 2025-07-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

 «ياشلار چوقۇم پارتىيە ۋە دۆلەتتىن مىننەتدار بولۇشنى بىلىشى، كۆز ئالدىدىكى بەختنى قەدىرلىشى كېرەك. سىلەر كۆرگەن نۇرغۇن كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە دۆلەت پۇقرالارغا قىلىپ بەرگەن چوڭ ئىشلار». 6- ئاينىڭ 25- كۈنى، «چېگرانى بويلاپ تۈمەن چاقىرىملىق سەپەر قىلىش − ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى» جەنۇبىي شىنجاڭ گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسى ساز كەنتىدىكى چېگرا قوغدىغۇچى بۇرماقان مولدونىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، چېگرانى 60 نەچچە يىل قوغدىغان بۇ ياشانغان ئايال شۇنداق دېدى.

 بۇرماقاننىڭ ئۆيى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، پامىر ئېگىزلىكىدىكى داڭلىق ۋەتەننى سۆيۈپ چېگرانى قوغداش روھىغا ۋارىسلىق قىلىش تەربىيە بازىسىغا ئايلاندى، ھەر كۈنى كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ. بۇ يەردە، ئېكسكۇرسىيەچىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا چېگرا رايوندا بارلىققا كەلگەن تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ، بۇرماقاننىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا ئىپادىلىگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ھېس قىلالايدۇ، يەنە بۇرماقان ھەمىشە تىلغا ئالىدىغان «مىننەتدار بولۇش» ۋە «چېگرانى قوغداش» ئائىلە تەلىمىنى ئاڭلىيالايدۇ.

 «مەن 12 يېشىمدىن باشلاپلا ئانامغا ئەگىشىپ دۆڭگۇرمۇ تاغ ئېغىزىدا چېگرا چارلىدىم، چېگرا قوغدىدىم. ئانام ماڭا: كوممۇنىستىك پارتىيە بىزنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، بىزنىڭ مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشىمىز دەل پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرغانلىق، دەپ تەربىيە بېرەتتى»، دېدى بۇرماقاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى مەرگەن تويچىبەگ.

 ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىش قايسى ئىشنى كۆرسىتىدۇ؟ چېگرانى قوغداش كەچۈرمىشلىرى كۆپەيگەندىن كېيىن، مەرگەن ئانىسىنىڭ دائىم ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىغان بۇ سۆزىنى چۈشەندى، چېگرانى چارلاش يولىدا ئانىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن دائىم تاشقا «جۇڭگو» دېگەن ئىككى خەتنى ئويۇپ قويىدىغانلىقىنى بىلدى.

 بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن مەرگەننىڭ بىر ئاكىسى، بىر ئىنىسى، ئىككى سىڭلىسى بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى چېگرا قوغدىغۇچى، ئۇلارنىڭ جورىلىرىمۇ چېگرا قوغدىغۇچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى چېگرا لىنىيەسىدىكى ئىسمى جىسمىغا لايىق «چېگرا قوغدىغۇچىلار ئائىلىسى» ھېسابلىنىدۇ. بالىلىرىنىڭ قەلبىدە، ئانىسى بۇرماقاننىڭ سۆزلىرى داۋلىلىق بولۇپ، قىلغان ئىشلىرى كىشىنى قايىل قىلاتتى، «جۇڭگو تېشى» ئويۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى مىسالغا ئېلىپ، بۇرماقان چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «چېگرا لىنىيەسىدىكى تاشلارغا <جۇڭگو> دېگەن ئىككى خەتنى ئويۇپ قويساق، جۇڭگو پۇقرالىرى كۆرسە كۆڭلى خاتىرجەم بولىدۇ، چەت ئەللىكلەر كۆرسىلا جۇڭگو چېگراسىغا كەلگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ».

 ۋەتەننى سۆيۈپ چېگرانى قوغداش روھىغا ۋارىسلىق قىلىش تەربىيە بازىسىنىڭ بىر تېمىغا نۇرغۇن كونا سۈرەتلەر چاپلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بۇرماقاننىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ سۈرىتى ۋە ئۇنىڭ 19 ياش ۋاقتىدىكى سۈرىتى بار. بۇ بىرنەچچە پارچە سۈرەت ئالدىدا توختىغاندا، ئاتا- ئانىسىنىڭ تەلىمىنى ئويلاپ، شۇ يىللاردىكى جاپا- مۇشەققەتلەرنى ئويلاپ، ئاندىن ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشقا قاراپ، بۇرماقان كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى.

 بۇرماقاننىڭ دادىسى يېتىم بالا بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپلا ئاكا- سىڭىللىرى بىلەن مال بېقىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئازادلىق ئارمىيە كۆپ قېتىم ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئاشلىق يەتكۈزۈپ بەرگەن. دادىسى بالىلىرىغا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئازادلىق ئارمىيەگە رەھمەت ئېيتىش توغرىسىدا تەربىيە بەرگەن، دادىسىنىڭ سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، بۇ مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بۇرماقاننىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن.

 «1961- يىلى، ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن بۇرماقان جىغىن يېزىسىنىڭ چېگرا قوغدىغۇچىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، قىلچە ئىككىلەنمەي تىزىمغا ئالدۇرغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ 60 نەچچە يىلغا سوزۇلغان چېگرانى قوغداش ھاياتىنى باشلىغان»، دېدى ۋەتەننى سۆيۈپ چېگرانى قوغداش روھىغا ۋارىسلىق قىلىش تەربىيە بازىسىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى خې خۇافاڭ. خې خۇافاڭ غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى بولۇپ، 2022- يىلى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسىغا كەلگەندىن كېيىن، بۇرماقاننىڭ ھېكايىسىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، ۋەتەن زېمىنىنىڭ ئەڭ غەربىدە يىلتىز تارتىپ ياشلىق باھارىنى بېغىشلاشنى قارار قىلغان.

 جىغىن يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات ھەيئىتى لىن فېڭشياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇرماقان ئانىنىڭ ھەممە پەرزەنتى چېگرا قوغدىغۇچى بولدى، نەۋرىلىرىنىڭ بەزىلىرى چېگرا ساقچىسى بولدى، بەزىلىرى چېگرادىكى كەنتتە كەنت كادىرى بولدى. بۇرماقان ئائىلىسىدە بىرنەچچە پارتىيە ئەزاسى بار، بۇ يىل «1- ئىيۇل»دا، يېزا كادىرلىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەم ئۇنى «1- ئىيۇل» پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

 بۇرماقان ئائىلىسىنىڭ ئائىلە تەلىمى، ئۇنىڭ كىچىك ئائىلىسىنىڭ ئائىلە تەلىمى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى چېگرا قوغدىغۇچىلىرى قوشۇنىنىڭ «چوڭ ئائىلە تەلىمى». گەرچە 83 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەر ئايدا يەنىلا چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسى، چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئۇ دائىم چېگرا قوغدىغۇچىلارغا مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى خىزمەت شارائىتى بەك ياخشى، ھۆكۈمەت ئارام ئالىدىغان ۋە تاماق ئېتىدىغان جاي قۇرۇپ بەردى، كىيىم- كېچەك، موتوسىكلىت سەپلەپ بەردى، يەنە چېگرا قوغدىغۇچىلارغا ياردەم پۇل تارقىتىپ بەردى، سىلەر چوقۇم قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى جاۋاب قايتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاڭلار».

 ئادەتتىكى كۈنلەردە، بۇرماقان چېگرا قوغدىغۇچىلارنى ئۆيىدە مېھمان بولۇشقا قىزغىنلىق بىلەن تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت مېنىڭ ئۆيۈمنى مۇشۇنداق ياخشى سېلىپ بەردى، بۇ يالغۇز مېنىڭلا ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭمۇ ئۆيى. سىلەر مېنىڭ ئۆيۈمنى ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆيى دەپ بىلىڭلار».

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125