جياڭسۇ − ئىلى رىشتى چېگرا رايوننى ئوزۇقلاندۇردى
11:37:18 2025-07-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو، ئىختىيارىي مۇخبىر لى تاۋ

 «بۇ جاي بۇلتۇرلا ياۋا ئوت- چۆپ باسقان جاي ئىدى، بۇ يىل قاينام- تاشقىنلىققا تولغان ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇت ئۆيلىرى سېلىندى، بۇ، شۈجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭ كۈيتۈن شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ <شۈجوۋ خىزمەت گۇرۇپپىسى> دېيىلدى)نىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت»، دېدى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى شىنجاڭ خۇڭبو پولات قۇرۇلما ياسىمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چى چۇنلىن.

 چى چۇنلىن تىلغا ئالغان زاۋۇت ئۆيى كۈيتۈن − مايتاغ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان. بىكار تۇرغىنىغا ئون يىل بولغان بۇ بىر پارچە يەردە بۈگۈنكى كۈندە يېڭى ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى: ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇت ئۆيلىرى قەد كۆتۈردى، ئىشچىلار زاۋۇت ئۆيىدە رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان ئىستانوكتا مەشغۇلات قىلىپ، پولات پىروكاتلاش، كېسىشنى تاماملىدى، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان پولات تاختىلار ئارقا- ئارقىدىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن چىقتى. گەرچە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگىنىگە ئىككى ئاي بولمىغان بولسىمۇ، كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بولدى، بۇ يىل 20 مىڭ توننا پولات مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 100 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش مۆلچەرلەندى.

 سېتىۋېلىشتىن قايتا قۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكىچە، بۇ كارخانا پەقەت سەككىز ئايلا ۋاقىت سەرپ قىلدى، يۇقىرى ئۈنۈمنىڭ ئارقىسىدا شۈجوۋ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ پۈتۈن جەريانلىق كاپالەتلەندۈرۈشى بار. ئاچقۇچلۇق بولغان سېتىۋېلىشتىكى سۆھبەتلىشىش باسقۇچىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار كۆپ قېتىم ئوتتۇرىدا تۇرۇپ ماسلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا 150 مىليون يۈەنلىك باھادا سېتىۋېلىشقا تۈرتكە بولدى. «مەبلەغ قىيىنچىلىقىغا يولۇققاندا، يەنە ئۇلار مېنىڭ باغچە رايونى e قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشىمغا ياردەم بېرىپ، جىددىي ئىشىمنى ھەل قىلىپ بەردى. ھازىر كارخانا نورمال يۈرۈشۈۋاتىدۇ، كارخانىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشەنچىم بار»، دېدى چى چۇنلىن.

 چى چۇنلىن ۋە شۈجوۋ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ھېكايىسى «جياڭسۇ − ئىلى رىشتى»نىڭ جانلىق ئىزاھاتى. «14- بەش يىل»دىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جياڭسۇنىڭ ئىلىغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى» دېيىلدى) كەسىپ ئارقىلىق يېتەكلەش، مائارىپ، سەھىيە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كادىرلارنى تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بەش چوڭ قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

 2024- يىلىغىچە، «14- بەش يىل» مەزگىلىدە جياڭسۇنىڭ ئىلىغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى جەمئىي 2 مىليارد 9 مىليون يۈەن شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىپ، جياڭسۇدىكى 60تىن ئارتۇق  ياسىمىچىلىق كارخانىسىنى ئىلى ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى كەسىپلەر باغچىسىغا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.

 كەسىپ تەرەققىياتى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى، مائارىپ، داۋالاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشمۇ ئىلى ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تولۇپ تاشقان بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى. 2022- يىلى 12- ئايدا، يەنچېڭ شەھىرىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى 72 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى سالدى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 250 مىليون يۈەنگە يەتكەن چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى دوختۇرخانا رايونى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، يېڭى دوختۇرخانا رايونىدا كىلىنىكىلىق بۆلۈم، جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى، ساغلاملىق باشقۇرۇش مەركىزى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك بۆلەكلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شۇ جايدىكى ئامما داۋالىنىشتا قىينالمايدىغان بولدى.

 مائارىپ ساھەسىدىمۇ ئوخشاشلا يارقىن نۇقتىلار بەس- بەستە نامايان بولدى، 1000دىن ئارتۇق جياڭسۇلۇق ئوقۇتقۇچىدىن تەشكىللەنگەن «مائارىپقا ياردەم بېرىش چاسا سېپى» «جياڭسۇ − ئىلى لوڭقىسى» ئوقۇتۇش مۇسابىقىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ، شۇ جايدىكى 3000دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۈچ قوشۇپ، ئىلى ئوبلاستى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4- شى، 7- شىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.

 ئىقتىساد ساھەسىدىكى 100دىن ئارتۇق كادىر جياڭسۇ كەسىپلەر باغچىسىغا ئەمەلىي چېنىقىشقا باردى، 274 تۈر ئەمەلىيلەشتى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا نەقلەشكەن مەبلەغ 8 مىليارد 452 مىليون يۈەن بولدى... بۇ گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتنىڭ ئارقىسىدا جياڭسۇنىڭ ئىلىغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە قالدۇرغان پۇختا ئىزلىرى بار. جياڭسۇنىڭ ئىلىغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى فاڭ يۈەنچىڭ ئېيتقاندەك: «بىز شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلار ئۈچۈن <كەتمەيدىغان، يىمىرىلمەيدىغان، كۈرەش قىلالايدىغان> قوشۇن بەرپا قىلىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك».

 «بېسىپ ئۆتتۇق بىر يولنى، بىر ئۇزۇن گۈللىنىش يولىنى، بۇلۇت يېرىپ چىققان ئايدەك چاچتۇق بەخت نۇرىنى...» 6- ئاينىڭ 21- كۈنى، جياڭسۇدىن ئىلىغا ياردەمگە كەلگەن كادىر لو جىۋېي تېكىستىنى يازغان «ليەنيۈنگاڭ − قورغاس ناخشىسى» كۆپلىگەن مۇزىكا سۇپىسىدا تورغا چىقىرىلىپ، جياڭسۇ بىلەن ئىلى ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر مۇھەببەتنى يەتكۈزىدىغان يۈرۈشلۈك «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش چاتما ناخشىسى»دىكى يەنە بىر مەدەنىيەت داڭلىق ئەسىرى بولۇپ قالدى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭسۇنىڭ ئىلىغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچىدى، «تىيانشاندىكى ئۆستەڭلەرگە سوئال»، «كىچىك ئاق تېرەك»، «ئوخشاشلا جياڭنەن» قاتارلىق ئىجادىي تىياتىرلار جياڭسۇ ئۆلكىسى، ئىلى ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا قويۇلدى؛ «چيۇبەي بىلىم يۇرتى»، «ئانار دانىسى كىتاب ئوقۇش ئۆيى» مەھەللە ۋە يېزا- كەنتلەرگە ماكانلىشىپ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مەنىۋى رىشتىگە ئايلاندۇردى؛ «ياش مايسىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ھەرىكىتى، «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»لەر تۇغقانلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەر جياڭسۇ ئۆلكىسى بىلەن ئىلى ئوبلاستىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىغا تېخىمۇ گۇۋاھ بولماقتا...

 «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىم مېنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، مەن بىر قىسىم ناخشىلارنى ئىجاد قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان تىلەكلىرىنى ئىپادىلەشنى ئۈمىد قىلىمەن». لو جىۋېينىڭ ئىجادىيىتىدە ئىپادىلەنگەن يۈرەك ساداسى جياڭسۇدىن ئىلىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئورتاق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى ماشىنىلارنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازىدىن دوختۇرخانا، مەكتەپلەردىكى خەلق تۇرمۇشى ئىللىقلىقىغىچە، مەدەنىيەت سەھنىسىدىكى سەنئەتنىڭ خۇش پۇرىقىدىن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئىزلىرىغىچە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى بەش چوڭ قۇرۇلۇش خۇددى بەش سىزىقلىق نوتىدىكى سەكرەپ تۇرغان نوتىلاردەك ئىلىنىڭ كەڭ تۇپرىقىدا يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىنىڭ شانلىق مېلودىيەسىنى ياڭراتتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125