ئەركىن تۇنىياز دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن كۆرۈشتى
11:35:06 2025-07-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 7- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سەھىيە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى باش ئىشتابىنىڭ تېخنىكا ئەمەلدارى سارا باراگان مونتېز ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

 ئەركىن تۇنىياز سارا باراگان مونتېز ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ قورغاس تاشيول پورتىدا «خەلقئارا سەھىيە قۇرۇقلۇق پورتى» بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار رايىش بولغان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. بىز شەھەر- يېزىلارنى قاپلىغان، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سىستېمىسى، تېببىي قۇتقۇزۇش- داۋالاش سىستېمىسى ۋە سەھىيە نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن پۇختا ساغلاملىق قالقىنى بەرپا قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «خەلقئارا سەھىيە نىزامى (2005)»نى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا پورتىنىڭ سەھىيە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. بىز مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەلىپى بويىچە يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، پورتنىڭ يادرولۇق ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى پۇرسەت بىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 سارا باراگان مونتېز مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسى، شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر قورغاس تاشيول پورتىنىڭ «خەلقئارا سەھىيە قۇرۇقلۇق پورتى» بەرپا قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپتۇ. بىز ئومۇميۈزلۈك، ئىنچىكە، كەسپىي بولغان تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەر، قولايلىق پورت مۇھىتى يارىتىشقا كۈچ قوشىمىز.

 جۇ لىفەن، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئۈرۈمچى تاموژنىسى، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125