ئەركىن تۇنىياز بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنا پارلامېنت ۋەكىللەر پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چاۋالا بىلەن كۆرۈشتى
11:07:53 2025-07-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

نۇرلان ئەبىلمەجىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 7- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنا پارلامېنت ۋەكىللەر پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چاۋالا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن چاۋالا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل دەل جۇڭگو- بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، بىز بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنا تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنا دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدىدى. ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى بەزى دۆلەتلەر كۈچىنىڭ بارىچە جۇڭگو شىنجاڭغا قارىتا پىتنە- ئىغۋا ئويدۇرۇپ چىقتى ۋە تارقاتتى، بىز قەتئىي قوشۇلمايمىز. كۆپچىلىكنىڭ ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 چاۋالا رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭدا ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلدى، بولۇپمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، ئۆگىنىشكە ۋە ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇرغۇن تەرەپلەر بار ئىكەن. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن مەدەنىيەت، ساياھەت، ئىقتىساد- سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ئېلزات ئەخمەتجان، ھەسەنجان ئەخمەت، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125