2025- يىللىق تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق تۈرى بويىچە ئىمزالانغان كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 410 مىليارد يۈەندىن ئاشتى
11:11:55 2025-07-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ 7- ئاينىڭ 2- كۈنى ئېچىلغان 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى نەتىجىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە جەمئىي 365 ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق تۈرى ئىمزالانغان بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى 417 مىليارد 924 مىليون يۈەن بولغان؛ كۆرگەزمە سارىيى نەق مەيدانىدىكى پۈتۈشۈش سوممىسى 1 مىليارد 890 مىليون يۈەن بولغان، مۇددىئانامىدىكى سېتىش سوممىسى 3 مىليارد 252 مىليون يۈەن بولغان.

 بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ كۆلىمى 140 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، 50 دۆلەت (رايون) ۋە دۆلەت ئىچىدىكى 29 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەم ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر كۆرگەزمىگە، يىغىنغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىندى. چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى 1800دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى، 1000دىن ئارتۇق كارخانا يىغىنغا قاتناشتى، جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان كۆرۈرمەن 256 مىڭ 800 ئادەم قېتىم بولدى. جەمئىي 65 مەيدان سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى، يېڭى مەھسۇلات ۋە نەتىجىلەرنى ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، 50 مەيدان مودا كىيىم- كېچەك كۆرگەزمىسى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى تەشكىللەندى.

 بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە چېگرا ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى ھەم كەسپىي ئېكسكۇرسىيەچىلەردىن تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشتى، كۆلىمى ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتتىكىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى. دۆلەت ئىچى كۆرگەزمە ئۆمەكلىرى سېپى كۈچلۈك بولدى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 29 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلار ئۆمەك تەشكىللەپ كۆرگەزمىگە قاتناشتى، شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»دىكى زەنجىر باشلامچىسى كارخانىلىرى كوللېكتىپ ئۆزىنى نامايان قىلدى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، رەقەملىك تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك كۆرگەزمە قىلىندى.

 خەلقئارادىن كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش دائىرىسى سىجىل كېڭەيدى، ئېفىيوپىيە، زامبىيە، كومورو، سېنېگال قاتارلىق ئافرىقا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشتى. 27 دۆلەت دۆلەت (رايون) تاۋار سارىيى تەسىس قىلدى، بىرازىلىيە قەھۋەسى، موڭغۇلىيە دۆلىتى گىلىمى قاتارلىق دۇنياۋى خاس تاۋارلار توپلاندى.

 بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە يەنە دىققەت سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ساھەسىدە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمە رايونىغا مەركەزلەشتى. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كۆرگەزمە رايونىدا ئادەم سىياقىدىكى ماشىنا ئادەم، داۋالاش ئارقىلىق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ماشىنا ئادىمى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىندى. تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى كۆرگەزمە رايونىدا ئېغىر يۈك كۆتۈرەلەيدىغان قوش پىرقىرىما قاناتلىق تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋىياتسىيە ئادەملىك ئۇچار تەخسە ئۇچقۇسى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى. رەقەملىك تېخنىكا كۆرگەزمە رايونىدا پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك AI چوڭ مودېلى، مەۋھۇم رېئاللىق قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىش مەنزىرىسى تولۇق نامايان قىلىندى.

 ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى شۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكىنى تۇنجى تارقىتىش سۇپىسى تۇنجى قېتىم بەرپا قىلىندى، «كىچىك ھەم كۆركەم» ئىقتىساد- سودىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى، 65 مەيدان ئىقتىساد- سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدە «يېڭى، ئەمەلىي، مەخسۇس، ئالاھىدە» بولۇش گەۋدىلەندۈرۈلدى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى، خەلقئارا ئادەم كۈچى بايلىقى ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا، سېلىنما ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، كارخانىلارنىڭ دۇنياۋى بازار بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللىشىشىغا كۈچ قوشۇلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125