ئاپتونوم رايون پېشقەدەم كادىرلارنى قومۇلغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىش قىلىشقا تەشكىللىدى
11:25:35 2025-07-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تەرەققىيات تومۇرىنى ھېس قىلىپ، گۈزەل كەلگۈسى توغرىسىدا ئورتاق سۆزلەشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ، پىراكتىكانت مۇخبىر ليۇ دەن

 6- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون پېشقەدەم كادىرلارنى قومۇل شەھىرىگە بېرىپ «جاۋاب خەتنىڭ روھىنى ئۆگىنىش. ئىسلاھات، تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش» ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. ئۇلار ئىۋىرغول رايونى، ئاراتۆرۈك ناھىيەسى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، قومۇل شەھىرىنىڭ بۇ يىللاردىكى يېڭى تەرەققىياتى، يېڭى كەيپىياتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

 مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇش، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە گۇۋاھ بولۇش

 قومۇل شەھىرىدە ئېنېرگىيە مول توپلاشقان، كۆمۈر، تۆمۈر كېنى، نىكېل كېنى قاتارلىق بايلىقلار مول، شامال رايونىنىڭ كۆلىمى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ %66.3ىنى ئىگىلەيدۇ. پېشقەدەم كادىرلار جۇڭگو ئېلېكتىرى قومۇل قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىسسىقلىقىدىن توك چىقىرىش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جۇڭنېڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، ئاراتۆرۈك سانائەت باغچە رايونى قاتارلىق جايلارغا باردى، يورۇقلۇق ۋولت، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلار ئۇلارنى جەلپ قىلدى، قومۇل شەھىرىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىش جەھەتتىكى نەتىجىلىرىنى ئالقىشلىدى.

 «مەن قومۇل شەھىرىنىڭ مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى كۆردۈم، بۇ مېنى چەكسىز خۇشال قىلدى، قەلبىم قوغۇن يېگەندىنمۇ شېرىن تۇيغۇغا چۆمدى». قومۇل شەھىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلغان پېشقەدەم يولداش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم.

 جۇڭگو ئېلېكتىرى قومۇل قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىسسىقلىقىدىن توك چىقىرىش چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ يۈرۈشتۈرگەن ئاراتۆرۈك سانائەت باغچە رايونى جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش گۇرۇھى قومۇل ئېرىتىلگەن تۇز مۇنارسىمان 50 مېگاۋاتلىق يورۇقلۇق- ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تۈرى نەق مەيدانىدا، 14 مىڭ 500 دانە قۇياش ئەينىكى يۇمىلاق شەكىلدە تىزىلغان بولۇپ، مەركىزىدىكى 220 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى مەركىزىي ئېرىتىلگەن تۇز ئىسسىقلىق يىغىش مۇنارىغا قۇياش نۇرىنى قايتۇراتتى، ئەينەك مەيدان خۇددى يەردە پورەكلەپ ئېچىلغان بىر ئاپتاپپەرەسكە ئوخشايتتى. پېشقەدەم كادىرلار كۈچلۈك قىزىقىش بىلەن تېخنىكلاردىن خىزمەت پىرىنسىپى، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، توك چىقىرىش مىقدارى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بەس- بەستە سورىدى ھەم رومبا شەكىللىك قۇياش ئەينىكىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆزەتتى.

 «مەن ئىلگىرى قومۇلدا خىزمەت قىلغان، 20 يىلدىن كېيىن بۇ جايغا قايتا كېلىپ، ھەم يېقىملىق ھېس قىلدىم ھەم ھەيران قالدىم». ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى چيەن جى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: پىششىق تونۇش بۇ تۇپراقتا نۇرغۇن يېڭى ساھە، يېڭى كارخانىلار بەرپا قىلىنىپتۇ، شەھەردە جۇشقۇن يېڭى كەيپىيات نامايان بوپتۇ، بۇلار دەل قومۇل شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى. ئېنېرگىيە مول توپلاشقان بۇ مېھىرلىك تۇپراقنىڭ داۋاملىق توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سابىق باش تەپتىشى قاسىم مامۇت نۇرغۇن كارخانىنىڭ شىنجاڭغا كىرىپ، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشقانلىقىنى كۆردى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، لېكىن قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداش ئەسلىي مەقسىتىم ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى. مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن».

 ئېكولوگىيەنى قوغداشنى كۈچەيتىش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قومۇل شەھىرى ئېكولوگىيەنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى ياخشى قوغداش بىلەن بىللە، يېزا- كەنت تەبىئىي ئېكولوگىيە ساياھەت مەنزىرە رايونىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلدى، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە ۋە كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان ئۇل ئەسلىھەلەر بولغاچقا، جاي- جايلاردىكى ساياھەتچىلەر بەس- بەستە كەلدى، شۇ جايدىكى دېھقان- چارۋىچىلار دېھقانلار ئارامگاھى، ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، بېيىش يولىنى تېپىپ چىقتى.

 باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى گاۋجياخۇ سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى ئۆزگىچە ئېكولوگىيە بۇ جاينى كۆك غاز، قىزىل چىپار ئۆردەك قاتارلىق قۇشلارنىڭ ماكانىغا ئايلاندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. پېشقەدەم كادىرلار يول بويى ئېكولوگىيەنى تۈزەش نەتىجىلىرىگە گۇۋاھ بولۇپ، چۈشەندۈرگۈچى تونۇشتۇرغان يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئاڭلىدى.

 «قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا قومۇلنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بۇنچە تېز بولغانلىقىنى، GDPسىنىڭ 100 مىليارد يۈەندىن ئاشقانلىقىنى، مالىيە كىرىمىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئاشقانلىقىنى، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. بۈگۈنكى كۈندە ھەرقايسى رايون، ناھىيەدە جەمئىيەت تىنچ- ئامان، ئىقتىساد گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق ئىكەن، بۇ دەل شىنجاڭنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى». ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي مۇنداق دېدى: قومۇل شەھىرىنىڭ تەبىئىي بايلىقى مول، بۇ بايلىقلارنى ئىلمىي قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش دەل دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم يول.

 «بىز پېشقەدەم كادىرلارمۇ تەستە قولغا كەلگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ئىنتايىن قەدىرلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى چۆرىدەپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك»، دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى لى شياڭلىن.

 قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى قوبۇل قىلىش

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قومۇل شەھىرى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئۈلگە ۋە تىپلارنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، زو زۇڭتاڭغا دائىر تارىخ- مەدەنىيەت قىياپىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش پىلان تۈرى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو ئىشچى- دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ قىزىل تارىخى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش ئىدىيەۋى ئاساسى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى.

 زو زۇڭتاڭ سۇمۇرغ سۇپىسى تارىخ، مەدەنىيەت باغچىسىدا، پېشقەدەم كادىرلار قەدىمكى بىلەن بۈگۈنكى گىرەلەشكەن بۇ مەنزىرىلەردىن يىللار جۇغلىغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي ھېس قىلىپ، ھازىرقى بەخت ۋە خاتىرجەملىككە تولغان قايناق تۇرمۇشتىن سۆيۈندى.

 جۇڭگو ئىشچى- دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە سارىيىغا كىرگەندە، «مەڭگۈلۈك شىڭشىڭشيا» باش تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىدە جۇڭگو ئىشچى- دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ قان كېچىپ باتۇرانە جەڭ قىلىپ، خېشى كارىدورىدىن شىڭشىڭشيا (ھازىرقى قومۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونى شىڭشىڭشيا بازىرى)غا يېتىپ كەلگەنلىك تەسىرلىك مۇساپىسى قايتا نامايان قىلىنىپ تۇراتتى.

 «شىنجاڭدا زو زۇڭتاڭ سۇمۇرغ سۇپىسى تارىخ، مەدەنىيەت باغچىسى، جۇڭگو ئىشچى- دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە سارىيىغا ئوخشاش ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى جانلىق دەرسلىكلەر كەڭ تارقالغان، بۇ بايلىقلارنى ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش تارىخنى ھۆرمەت قىلغانلىق ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرغانلىق، شۇنداقلا كەلگۈسىگە بولغان مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق ھېسابلىنىدۇ». ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ ئوبۇل مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. پېشقەدەم كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بەخت- سائادەتتىمۇ، جەبىر- جاپادىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات- ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتەك ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا كۈچ قوشىمەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125