ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ
تاڭ نۇرى ئەمدىلا كۆتۈرۈلۈشى بىلەن، تارباغاتاي ۋىلايىتى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى خۇرشى ۋە خىزمەتداشلىرى پېچەتلەنگەن تۆت ساندۇق كىتابنى ئاپتوموبىلغا ئېلىپ چىقتى. ئۇ كىتابلار تىزىملىكىنى يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، شوپۇر ئۇستامغا: «تولۇق بوپتۇ، ماڭايلى!»، دېدى.
بۇ قېتىم، ئۇلار «ئات ئۈستى كۇتۇپخانىسى»نى بايىنئوۋا يېزىسىنىڭ بۇخىت كەنتىگە يۆتكەپ، ئاندىن يەنە ئاتقا مىنىپ كىتابلارنى يازلىق يايلاقتا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان چارۋىچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزىدۇ.
ئاپتوموبىل بىلەن 70 نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ، بىر سائەتتىن ئارتۇق ماڭغاندىن كېيىن، ئۇلار بۇخىت كەنتىگە كەلدى، كەنت كادىرلىرى ۋە پىدائىيلار كىتاب توشۇيدىغان ئاتنى بۇرۇنلا تەييارلاپ قويغان بولۇپ، ئاپتوموبىل داۋاملىق ئىلگىرىلىيەلمەيدىغان جايدا ساقلاپ تۇرغانىدى. 5- ئايدا تارباغاتاي ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ بۇ يىلقى تۇنجى مەيدان «ئات ئۈستى كۇتۇپخانىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يەنە يېڭى كىتاب ئوقۇشقا تەقەززا بولدى.
«بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسەن». خۇرشى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ كۈلگىنىچە ئاتنى يېتىلەپ، ئاتنىڭ قاشقىسىدىكى قىزىل پۆپۈككە قارىدى ۋە ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ئارتىلغان خۇرجۇننى سىلاپ قويدى، بۇنى كەنتتىكىلەر مەخسۇس رەڭلىك تىۋىتلىق رەختتىن تىككەن بولۇپ، يەنە نۇرغۇن كەشتە نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلگەنىدى. خۇرجۇننىڭ جەمئىي ئالتە يانچۇقى بار بولۇپ، ھەرقايسى ئائىلىلەرگە كېرەكلىك كىتابلارنى تۈرگە ئايرىپ قاچىلاشقا يېتەتتى.
پىدائىي قاجىتبېك بىر دۆۋە كىتابنى ئاتقا ئارتقاندىن كېيىن، ئاتنىڭ بوينىغا يېنىك شاپىلاقلاپ تۇرۇپ: «جاپا چېكىدىغان بولدۇڭ بۇرادەر، يولغا چىقايلى»، دېدى. ئات ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنگەندەك بېشىنى كۆتۈرۈپ قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ قويدى، ئۇ مىنگەندىن كېيىن، ئات مەزمۇت قەدەملىرى بىلەن شېغىل چارۋا يولىنى بويلاپ تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ يېرى كەڭ، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، كەڭ كەتكەن يايلاق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى ۋە ئىپتىدائىي ئورمانلار بار. چارۋىچىلار بىرقەدەر تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت تۇرمۇش بايلىقىدىن قولاي بەھرىمەن بولۇشى ناھايىتى تەس ئىدى. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 2024- يىلى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانا «ئات ئۈستى كۇتۇپخانىسى» تۈرىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىك كۇتۇپخانىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن كىتابلارنى چارۋىچىلارغا يەتكۈزۈپ بەردى.
«ئات ئۈستى كۇتۇپخانىسىنىڭ قىممىتى كىتاب يەتكۈزۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، بەلكى بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە زامانىۋى مەدەنىيلىككە بولغان چۈشىنىشى ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتتۇق، بۇ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى»، دېدى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانا كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بى جىگاڭ.
«ئالدىنقى قېتىم ئېلىپ بارغان <تەڭداشسىز گىلەم> ناملىق رەسىملىك كىتابنى بالىلار بەك ياقتۇردى، بۇ قېتىم يەنە ئازراق رەسىملىك كىتابلارنى ئېلىپ ماڭدۇق». «كەنتتىكى ئاياللار كېلەر ئايدا كەشتىچىلىك كۇرسىغا تەشكىللىنىدىكەن، ئۇلارغا <جۇڭگو ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىكى> ناملىق كىتاب لازىم بولىدۇ، كېلەر قېتىم ئالغاچ بارساق بولغۇدەك». «يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلدى، چارۋىچىلار، بالىلىرىمىزغا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقىدىن كۆپرەك ئېلىپ كېلەلەمسىلەر، دېدى». كۇتۇپخانا ھەر قېتىم كىتاب يەتكۈزگەندە، ئۇچۇر توپلاپ، چارۋىچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن كىتاب تەقسىملەپ بېرىدۇ. كىتاب يەتكۈزۈلىدىغان جايلار يېقىن بولغاندا نەچچە ئون كىلومېتىر، يىراق بولغاندا يۈز كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، يېڭى كىتابنى يەتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئالدىنقى قېتىم ئارىيەت بېرىلگەن كىتابلار يىغىۋېلىنىدۇ.
2024- يىلى ياز، كۈز مەزگىلىدە، كۇتۇپخانىدىكى كىتاب يەتكۈزگۈچى خادىملار ئارقا- ئارقىدىن تولى ناھىيەسىنىڭ ئاقبېلدىۋ يېزىسى لابا كەنتىدىكى يازلىق يايلاق، ساۋەن شەھىرىنىڭ بورتۇڭگى يېزىسىدىكى يازلىق يايلاق، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئالتۇن ئېمىل يېزىسى جاڭا بۇلاق كەنتىدىكى كۈزلۈك يايلاق قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، چارۋىچىلارغا «ئات ئۈستى كۇتۇپخانىسى»نى تونۇتتى.
قۇياش بارغانسېرى ئېگىز كۆتۈرۈلدى، كىتاب يەتكۈزىدىغان ئاتلىق ئەترەتمۇ چارۋىچىلار تۇرىدىغان جايغا بارغانسېرى يېقىنلاشتى، خۇرشىنىڭ مەڭزى قىزىرىپ، تەرى پېشانىسىنى بويلاپ ئاقماقتا ئىدى، «مەنزىرىسى ياخشى جايلاردا تىك دۆڭلەرمۇ كۆپ بولىدۇ، كۆپچىلىك ئېھتىيات قىلىڭلار». قاجىتبېك كۆپچىلىككە شۇنداق ئەسكەرتىپ تۇراتتى، يىراقتىكى ئاق كىگىز ئۆينىڭ ئۆگزىسى كۆز ئالدىدا كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
ئۇلار ئاتتىن چۈشۈشى بىلەنلا، ئۆي- ئۆيلەردىن چارۋىچىلار، بالىلار توپ- توپ بولۇپ كەلدى: «مەن ئالماقچى بولغان <نەسىردىن ئەپەندى ھېكايىسى> دېگەن رەسىملىك كىتابنى ئالغاچ كەلدىڭلارمۇ؟» «بۇ قېتىم ئېلىپ كەلگەن كىتابلار ئىچىدە قوي- كالا كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى كىتاب بارمۇ؟» «ۋاھ، <غەربكە ساياھەت> بار ئىكەن، بەك ياخشى بولدى». كىتاب يەتكۈزگۈچى كىتابلارنى چارۋىچىلار ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئۈستەلگە قويدى.
«ئېلىشقا ئالدىرىماڭلار، قايسى كىتاب لازىم بولسا، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ تىزىملىتىپ ئىمزا قويۇپ ئاندىن ئېلىڭلار». پىدائىي ئامانكەلدى مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك كىتابلارنى ياخشى ئاسراڭلار، يىرتىلىپ كەتمىسۇن، كىتابقا بەلگە سالماڭلار، سىزماڭلار، بىز كېلەر قېتىم كەلگەندە قايتۇرۇپ بېرىسىلەر».
چارۋىچى نۇربولات بېسبېك ھايۋانات تېبابىتىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى، تاغدىمۇ قوي- كالىلارنىڭ كېسىلىنى كۆرەلەيتتى، «ئائىلىمىزدە قوي- كالا كۆپ، كىچىك كېسەللەرنى داۋالىيالايمەن، مەن كۇتۇپخانا ئەكېلىپ بەرگەن <مال دوختۇرلۇق قوللانمىسى>دىن يەنە نۇرغۇن ئۇسۇلنى ئۆگىنىۋالدىم، ھەممىسىنى يان تېلېفوندا خاتىرىلىۋالدىم. مەسىلەن، قوزىلىرىمىزنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا ئۇلارنى ئايرىۋېتىپ، ئېلېكتىرولىت تولۇقلاش ئەڭ مۇھىم ئىكەن»، دېدى ئۇ.
ئاينار كىلاسسىك داڭلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، رەسىم سىزىشقا ئامراق ئىنىسى بارات رەسىملىك كىتاب كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىلگىرى تەتىل قويۇۋەتكەندە ئۇلارنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى كۇتۇپخانىغا بېرىشى ناھايىتى قولايسىز ئىدى، «ئات ئۈستى كۇتۇپخانىسى» بار بولغاندىن كېيىن، تەتىل مەزگىلىدىكى تۇرمۇش مەزمۇنى بېيىدى.
«كېلىڭلار، كېلىڭلار، كىچىك دوستلار ھەممىڭلار كېلىڭلار». خۇرشى يۇقىرى ئاۋازدا چاقىرغاچ، چىملىقتا باداشقان قۇرۇپ ئولتۇردى، ئاندىن قولىدىكى «يايلاقتىكى قەھرىمان كىچىك ئاچا- سىڭىللار» ناملىق رەسىملىك كىتابنى ئاچتى، بالىلار پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلاپ، ھېكايىگە ئەگىشىپ، باتۇر لۇڭ مېي بىلەن يۈ رۇڭ باشتىن كەچۈرگەن ئاشۇ بوران- چاپقۇنلۇق كېچىگە كىرىپ كەتتى...
بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانا ھەرقايسى ناھىيە دەرىجىلىك كۇتۇپخانىلار بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرغان «ئات ئۈستى كۇتۇپخانىسى» پائالىيىتى ئارقىلىق چارۋىچىلىق رايونىدىكى 1500 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئوقۇرمەن ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى. «ئات ئۈستى كۇتۇپخانىسى»نىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ كىتاب ئوقۇش ئۇرۇقى يول بويى چېچىلدى ھەم كەڭ كەتكەن يايلاقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)