ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن
6- ئاينىڭ 26- كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسى قۇم كەنتىدە، 3000 مودىن ئارتۇق لۇسۈن شامالغا ئەگىشىپ تەۋرىنىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جانلىق مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ تۇراتتى.
«بۇ جايدىكى قۇم تەركىبى يۇقىرى تۇپراقنىڭ ھاۋا ئۆتۈشچانلىقى ياخشى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، تېرىغان لۇسۈننىڭ تالاسى ئاز، چۈرۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى». جياڭشى ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى كۆكتات، گۈل- گىياھ تەتقىقات ئورنى لۇسۈن تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لو شاۋچۇن تەجرىبە ئېتىزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، بارمىقى بىلەن تۇپراقنى يېنىك چېكىپ تۇرۇپ تونۇشتۇردى. لۇسۈن «يېشىل ئالتۇن»، «كۆكتات شاھى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ھەم بازار ئېھتىياجى كۈچلۈك. ئۇ ئۆسۈش مۇھىتىنى بەكلا تاللايدۇ، ئەمما ئاقتۇنىڭ تۇپرىقى، كىلىماتى قاتارلىق شارائىتلىرى ئۇنىڭغا تەبىئىيلا ماس كەلدى.
2024- يىلى، جياڭشىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئىختىساسلىقلار 5000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، 12 خىل لۇسۈن سورتىنى ئېلىپ كېلىپ قۇم كەنتىدە تۇنجى ئۈلگە بازىسى قۇردى. تۇپراقنى ياخشىلاش، سورتلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، «جىڭگاڭخۇڭ» قاتارلىق تاللانغان ئەلا سورتلارنىڭ ئاساسىي غولىنىڭ ئېگىزلىكى 1.2 مېتىرغا يەتتى، يۇمران غولىنىڭ توملۇقى ئون مىللىمېتىردىن ئاشتى، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەرنىڭ لۇسۈن ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭكىنى بېسىپ چۈشتى. جياڭشى ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ ئىشتابى» دېيىلدى) جياڭشى گوكاڭ يېزا ئىگىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، قۇم كەنتىنى لۇسۈن كەسپى بويىچە ئۈلگە بازىسى يادرولۇق رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.
نۆۋەتتە، بۇ ناھىيەنىڭ جامالتېرەك يېزىسى 2800 مو يەرنى بىرلەشتۈرۈپ، 3.2 كىلومېتىرلىق زەيكەش ۋە بەش ماشىنىلاشقان قۇدۇق پومپا ئۆيىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، لۇسۈن كەسپى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. ھۆكۈمەتنىڭ مۇكاپات- ياردەم پۇل سىياسىتى «كاتالىزاتور»غا ئوخشاش، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى. جامالتېرەك يېزىسى باغلا كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئايگۈل ئابدۇرېھىم كىرىمىنى ئاشۇرۇش ھېساباتى قىلدى: «يەر ئوبوروتىدىن ھەر يىلى 3000 يۈەن كىرىم بولىدۇ، بازىدا ئىشلىسەك كۈنىگە 120 يۈەن پۇل تاپقىلى بولىدۇ».
جامالتېرەك يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى رامىلە مۇختەر مۇنداق تونۇشتۇردى: لۇسۈن ئۆسۈپ ئۈزۈش مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، بازا 50 ئۇزاق مۇددەتلىك ئىش ئورنى، 200دىن ئارتۇق ۋاقىتلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بارىن يېزىسى، جامالتېرەك يېزىسىنى يادرو قىلىش ئارقىلىق، ئاقتۇ ناھىيەسى كۈز ۋە قىشتىكى ئېڭىز ئالماشتۇرۇش پەسلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ تۆۋەن ئۈنۈملۈك سورتنى ياخشىلاپ، لۇسۈن كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەرقايسى يېزا- بازارلارغىچە كېڭەيتىپ، «نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.
جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ ئىشتابى «جياڭشى- ئاقتۇ ئۇستاز- شاگىرت قوشماقلىشىش» مېخانىزمى ئارقىلىق، 32 نەپەر جياڭشىلىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكا تايانچى بىلەن يەرلىكتىكى كادىرلارنى قوشماقلاشتۇرۇپ، «ئۆلكە دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر − ناھىيە دەرىجىلىك تايانچلار − يېزىلاردىكى يەرلىك ماھىرلار»دىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك تېخنىكا تورىنى بەرپا قىلدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار مەبلەغ، تېخنىكا ئېلىپ كېلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەقلىي كۈچ مەدىتى ئېلىپ كەلدى». بارىن يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى مەمەتجان تۇراپ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇتەخەسسىسلەر بولغاچقا، لۇسۈن كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىشكە ئىشەنچىمىز بار».
بۈگۈنكى كۈندە، ئاقتۇ ناھىيەسىدە «لۇسۈن كەسپىنىڭ ئىستېرېئولۇق تەرەققىيات خەرىتىسى» ئاستا- ئاستا يېيىلدى: لۇسۈننىڭ شاخ- شۇمبىلىرى يەم- خەشەك پىششىقلاش زاۋۇتىغا كىرگۈزۈلۈپ، يۇقىرى ئاقسىللىق سىلوس ماتېرىيالى ياسالدى؛ ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرى تەتقىق قىلىپ چىققان تۈرلۈك لۇسۈن مەھسۇلاتلىرى پات ئارىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش كوللېكتىپى تەق تۇرۇپ، «مۇزتاغ چوققىسى ئېتىكىدىكى يېشىل ئالتۇن»نى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيلىرىدە نامايان قىلىشقا تەييارلاندى.
بۇ يىل، ئاقتۇ ناھىيەسى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ ئىشتابىنىڭ قوللىشى بىلەن، «ئىنچىكە پىششىقلاش + سېتىش + سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى» بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال گەۋدە نىشانىغا قاراپ ئاتلانماقتا. ناھىيە بويىچە ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى يېڭىدىن 5000مو كۆپەيتىپ، ئۆستۈرۈش ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا يۆلەك بولۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى باشلاشنى پىلانلىدى.
«ياخشى ئۆستۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ياخشى سېتىش كېرەك». ئاقتۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جياڭشىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر دۇ شياۋجېن مۇنداق دېدى: «كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق قوشۇلما قىممەت ئاشۇرۇلدى، كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 10 مىڭ مو، ئومۇمىي ھوسۇلنى 15 مىڭ توننا، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 1 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە يەتكۈزۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، لۇسۈننى ئىسمى- جىسمىغا لايىق <كىرىمنى ئاشۇرۇش گۆھىرى>گە ئايلاندۇرىمىز».
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)