ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا
دۇكاندا خېرىدار كۆرگىلى بولمىسىمۇ، سودىسى ياخشى، بۇ سۆزلەرنىڭ بىر دۇكان توغرىسىدا دېيىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
6- ئاينىڭ 29- كۈنى، مۇخبىر قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئىچىگە جايلاشقان دۇنياۋى سودىنى راۋانلاشتۇرۇش ئوتتۇرا ئاسىيا تىجارەت مەركىزىگە بارغاندىن كېيىنلا، بۇ سۆزنىڭ راستلىقىغا ئىشەندى.
دۇنياۋى سودىنى راۋانلاشتۇرۇش ئوتتۇرا ئاسىيا تىجارەت مەركىزىنىڭ تور سىرتىدا مەھسۇلات تاللاش مەركىزىدە، 2500 كىۋادرات مېتىرلىق زال ئىچى كۆرگەزمە سارىيى ۋە 3500 كىۋادرات مېتىرلىق زال سىرتى كۆرگەزمە سارىيى بار، ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، زال سىرتى كۆرگەزمە سارىيى ۋاقتىنچە ئىشلىتىلمىدى. زال ئىچى كۆرگەزمە سارىيىغا كىرگەندە، مۇخبىر ھەيران قالدى، ھەر خىل شەكىلدىكى ماللار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، چوڭ تاۋار بولغان «سەنبېڭزى» (ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت)دىن كىچىك تاۋار بولغان ئاپتوموبىلنىڭ بۇرما مىخ زاپچاسلىرى ھەم مامۇق چاپان، ئويۇنچۇق ئېيىق، توك قازان، شىرنە چىقىرىش ماشىنىسى، ئاياغ قۇرۇتقۇچ قاتارلىق كىيىم- كېچەك، كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىچە كۆزنى قاماشتۇراتتى.
بۇ تاۋارلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، سۈپىتى قاتتىق سىناقتىن ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسىنىمۇ خەلق قوبۇل قىلالايدۇ، مەسىلەن: بىر ئۇزۇن مامۇق چاپان ئاران 200 − 300 يۈەنگە سېتىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە، بۇنداق جاي مال سېتىۋالىدىغان ئېسىل جاي، لېكىن بۇنىڭدا شەكىللەنگەن پەرق شۇكى، كۆرگەزمە سارىيى ئىچىدە ئويلىمىغان يەردىن خېرىدار يوق بولۇپ، بۇنى چۆلدەرەپ قېلىش دەپ سۈپەتلىسە ئازراقمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ.
دۇنياۋى سودىنى راۋانلاشتۇرۇش ئوتتۇرا ئاسىيا تىجارەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى داۋۇت مەمەتنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، مۇخبىرنىڭ قەلبىدىكى سىر يېشىلدى. ئەسلىدە بۇ تىجارەت مەركىزىنىڭ خېرىدارلىرى دۇنياۋى سودىنى راۋانلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چېگرا ھالقىغان سودا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ھەم ھىندىستان قاتارلىق جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تارقالغان، ھەممىسى يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور توپ سېتىش سودىگەرلىرى ئىكەن. خېرىدارلار تور سۇپىسىدا مال زاكاز قىلسىمۇ بولىدىكەن، تور سىرتىدىكى مال تاللاش مەركىزىگە كېلىپ، ئەمەلىي بۇيۇمنى بىۋاسىتە كۆزىتىپ، ئەۋرىشكىنى تۇتۇپ، ئالدى بىلەن سۈپىتىگە قاراپ ئاندىن سېتىۋېلىش- سېتىۋالماسلىقنى قارار قىلسىمۇ بولىدىكەن.
دۇنياۋى سودىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ئىنگلىزچە نامى BOSSGOO بولۇپ، نىڭبو چۈەنماۋ ئۇچۇر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى بىر سۇپا، مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ ئېكسپورت كارخانىلىرىغا يۈزلەنگەن، ئورۇن بېكىتمىسى دۇنياۋىلاشقان كۆپ تىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىزدەش ماركېتىڭ سۇپىسى. «2024- يىلى 8- ئايدا، دۇنياۋى سودىنى راۋانلاشتۇرۇش ئوتتۇرا ئاسىيا مەركىزى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا ماكانلىشىپ، توردا سېتىشنى ئاساس، تور سىرتىدا مەھسۇلات تاللاشنى يېتەكچى قىلىپ، ھەر ئايدا خېرىدارلارنى بۇ جايغا كېلىپ تور سىرتىدا مەھسۇلات تاللاشقا تەكلىپ قىلىدۇ»، دېدى داۋۇت.
تور سىرتىدا مال تاللاش مەركىزىنىڭ يېنىدىكى ئىش بېجىرىش رايونىدا، بىر ئەمەلىي ۋاقىت سانلىق مەلۇمات سۇپىسى بار، مۇخبىر چوڭ ئېكراندىن دۇنياۋى سودىنى راۋانلاشتۇرۇش سۇپىسىنىڭ 118 مىليون سېتىۋېلىش سودىگىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، 2024- يىلى تۈرتكە بولغان سودا سوممىسىنىڭ 39 مىليارد 537 مىليون دوللار بولغانلىقىنى، ئەڭ يېڭى تىزىمغا ئالدۇرغان سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ھىندىستان، بىرازىلىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئىرېلاندىيە قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەنلىكىنى، دۇنياۋى سېتىۋالغۇچى TOP10نىڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئامېرىكا، ھىندىستان، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، رۇسىيە، ياپونىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە، پولشا ئىكەنلىكىنى كۆردى.
«ئوتتۇرا ئاسىيا تىجارەت مەركىزىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، بۇلتۇر ماكانلىشىپ يىل ئاخىرىغىچە بولغان تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا، 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق زاكاز قوبۇل قىلدۇق». داۋۇت سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈردى، تەلەپپۇزىدىن تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق چىقىپ تۇراتتى: «ھەقىقەتەن ئويلاپ باقماپتىكەنمىز، سېتىلىشى ئەڭ ياخشى بولغىنى ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت بولدى، بۇلتۇرلا 30 مىڭدىن ئارتۇق سېتىلدى».
داۋۇت 2000- يىللاردا تۇغۇلغان تاشقى سودا خادىمى بولۇپ، بۇ ساھە بىلەن شۇغۇللانغىنىغا تېخى ئىككى يىل بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنياۋى سودىنى راۋانلاشتۇرۇش ئوتتۇرا ئاسىيا تىجارەت مەركىزىنىڭ تىجارەت باشلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ قەشقەرنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى سىياسىتىنىڭ پايدىسىدىن بولغانلىقىنى چوڭقۇر بىلەتتى.
«بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدۇ، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا- ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدۇ». داۋۇت مۇنداق دېدى: قەشقەردە قونجىراپ، قاراسۇ قاتارلىق 1- تۈردىكى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بەش پورت بار بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى مۇھىم تايانچ نۇقتا. قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم سۇپىسى بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا كىرىشىدىكى خەلقئارا ئالتۇن يولنىڭ بىرى.
«قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىن يولغا چىققان ماللار دۆلەت دەرۋازىسىغا بىۋاسىتە توشۇلىدۇ، خېرىدارلار ئەگەر بۈگۈن بىزنىڭ بۇ جايدىن بىر تۈركۈم كىيىم- كېچەكنى زاكاز قىلىپ بۇيرۇتسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ ھەپتىدە ئۇلارنىڭ دۆلىتىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئۇچىسىغا چىقىدۇ». داۋۇت مۇنداق دېدى: تۈرلۈك قولايلىق ئامىللار بولغاچقا، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ خېرىدارلىرى دۇنياۋى سودىنى راۋانلاشتۇرۇش ئوتتۇرا ئاسىيا تىجارەت مەركىزىنى ئادەتتىن تاشقىرى ياقتۇرىدۇ، «مەن گەرچە بىر تاشقى سودا يېڭى خادىمى بولساممۇ، لېكىن قەشقەرنىڭ غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم».
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)