7- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى باشلىنىدۇ
11:21:58 2025-07-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ 24 سەنئەت ئۆمىكى 52 مەيدان ئېسىل تىياتىر نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلىدۇ

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جيا چۇنشيا، ۋاڭ شىنخۇڭنىڭ 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى 7- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلۈپ، 17 كۈن داۋاملىشىدىكەن. پائالىيەتتە ئۈرۈمچى شەھىرى ئاساسىي مەيدان، ئىلى، خوتەن، ئاقسۇ، قاراماي، قومۇل، ئارال شۆبە مەيدان قىلىنىدىكەن، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ 24 سەنئەت ئۆمىكى جەم بولۇپ، 52 مەيدان سەرخىل تىياتىر نومۇرلىرىنى ئورۇنلايدىكەن، بۇلار ئۇسسۇللۇق تىياتىر، ئوپېرا، بالېت، زامانىۋى ئۇسسۇل قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

 بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا «ئۇسسۇل ئوينايلى» باش تېما قىلىنىپ، سەككىز دۆلەت ۋە دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن 26 مۇنەۋۋەر تىياتىر نومۇرى ئويۇنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، باشلىنىش- ئاخىرلىشىش مۇراسىمى، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ مۇنەۋۋەر تىياتىر نومۇرلىرى كۆرىكى، يۈرۈشلۈك پائالىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئېچىۋېتىلگەن، ئىجادىي، سىغدۇرۇشچان قەلب بىلەن، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى سەنئەتكارلار يېقىندىكىلەرنى خۇش قىلىدىغان، يىراقتىكىلەرنى جەلپ قىلىدىغان، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كاتتا بايرام بەرپا قىلىنىدۇ.

 7- ئاينىڭ 20- كۈنى كەچتە، شىنجاڭ خەلق سارىيىدا بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئارقىدىن شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى، قاراماي شەھەرلىك ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان ئۇسسۇللۇق شېئىرىي تىياتىر «يىراقتا، بۇ جايدا» ئورۇنلىنىدۇ. 8- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچتە، شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ ھەم ئىچكى موڭغۇل سەنئەت ئورنى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئىجادىي ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «ئاتلىق ئەسكەر» ئورۇنلىنىدۇ.

 بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىغا دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى داڭلىق ئۆمەك، داڭلىق تىياتىرلار ئويۇنغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىندى، قازاقىستان قورقىت مىللەتلەر ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى ۋە «ناز» دۆلەتلىك ئۇسسۇل تىياتىرخانىسى، قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئاق بۇغا ئۇسسۇل ئۆمىكى، ئامېرىكا خېسەي لىمون ئۇسسۇل ئۆمىكى، ئىتالىيە مىلان بالېت ئۆمىكى قاتارلىق چەت ئەلنىڭ سەككىز سەنئەت ئۆمىكى خاس مىللەتلەر ئۇسسۇلى ۋە زامانىۋى ئۇسسۇل ئەسەرلىرىنى نامايان قىلىدۇ. مەركىزىي بالېت ئۆمىكىنىڭ بالېت تىياتىرى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، بېيجىڭ ئوپېرا- ئۇسسۇللۇق تىياتىرخانىسىنىڭ ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «مۇز يېرىش»، گۇاڭجوۋ ناخشا- ئۇسسۇل تىياتىرخانىسىنىڭ چوڭ تىپتىكى مىللەتلەر ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «يىڭگې»، گەنسۇ ناخشا- ئۇسسۇل تىياتىرخانىسىنىڭ ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «يىپەك يولىدىكى باھار يامغۇرى»، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئوپېراسى «مۇقامغا بولغان مۇھەببەت ناخشىسى − ۋەن تۇڭشۇ»، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ناخشا- ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «كىروران توققۇز ناخشىسى» قاتارلىق دۆلەت ئىچى تىياتىر نومۇرلىرىمۇ بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا ئورۇنلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى نامايان قىلىدۇ.

 بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا «سەنئەت كاتتا مەرىكىسى، خەلقنىڭ بايرىمى» ئاساسىي مەقسەت قىلىنىپ، «سەنئەت بىلەن ئۇچرىشىش» ئۇستازلار دەرسى ۋە «ئۇسسۇل قەدىمىنى توختاتماسلىق − ئىجادىيەتچىلەر بىلەن سۆزلىشىش» ھەمبەھرىلىنىش يىغىنى، 2025- يىللىق شىنجاڭ يىپەك يولى كوچا ئۇسسۇلى كۆرىكى، «كەنتىمىزنىڭ ئۇسسۇلى» ئاممىۋى ئۇسسۇل كۆرىكى، «ئۇسسۇل ئوينايلى» جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئۇسسۇل كاتتا مەرىكىسى، ئۈرۈمچى 3- نۆۋەتلىك «يىپەك يولىدىكى شىچۈ تىياتىرىنىڭ گۈزەللىكى تىيانشاندا نامايان بولدى» شىچۈ تىياتىرى سەنئەت ھەپتىلىكى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلىدۇ.

 جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمىنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئالتە نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، جەمئىي 70 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى 138 سەنئەت ئۆمىكىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ 200 دىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر تىياتىر نومۇرى ئورۇنلاندى، ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ كۆلەم ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ماركا قىممىتى سىجىل ئېشىپ، خەلقئارا تەسىرى كۈنسايىن نامايان بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ۋاسىتە ۋە جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدىغان يارقىن نام كارتىسى بولۇپ قالدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125