«تاۋار سودا كۆرگەزمىسى قالتىس سۇپا ئىكەن»
11:23:13 2025-07-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان (2)

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ خەلقئارا تاۋارلار سارىيىغا كىرسىڭىز دۇنيا كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ: خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇۋاتقان ئېفىيوپىيە قەھۋەسى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭدار ئىران گىلىمى، تۈرلىرى مول تۈركىيە ئىرىمچىكلىرى، سېتىلىشى ياخشى بولۇۋاتقان تاجىكىستان قۇرۇق مېۋىلىرى...

 ئادەم ئېقىمى ئىنتايىن كۆپ بولغان شىنجاڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» كۆرگەزمە سارىيىدا دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن سودىگەرلەر بەس- بەستە قەدىمىنى توختىتىپ تەپسىلىي كۆردى، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، كەسىپ ئەۋزەللىكى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى، تىجارەت- سودا مۇھىتى قاتارلىقلار سۈرەت توپلاملىرىدا، سىنلاردا، ھەر قېتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئېنىق نامايان بولۇپ تۇراتتى. 

 ھەربىر مەيدان ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىشىش- ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن سودىگەرلەر قىزغىن پىكىر ئالماشتۇردى، بار- يوقنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلدى.

 ئەمدىلا ئاياغلاشقان تاۋار سودا كۆرگەزمىسى دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ماختىشىغا ئېرىشتى، كۆرگەزمىگە بەشىنچى قېتىم قاتناشقان ئىران گىلىمى سارىيىدىكى سودىگەر فېدىيەنىڭ ئېيتقىنىدەك: «كۆلىمى بارغانسېرى زورىيىۋېتىپتۇ، سودىگەرلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ، پۇرسەتمۇ بارغانسېرى موللىشىۋېتىپتۇ، تاۋار سودا كۆرگەزمىسى قالتىس سۇپا ئىكەن».

 سودىگەرلەر توپلىنىپ، شىنجاڭدىكى ئۇچرىشىشقا بىرلىكتە ئاتلاندى

 «بۇ جايدا تاغلارنىڭ ئەجدادى بولغان كوئېنلۇن تېغى، دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن تىيانشان تېغى، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولغان باغراش كۆلى بار...» شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ خاۋ شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم مەنزىرىلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى مۇقەددىمە قىلىپ، نەق مەيداندىكى ئەزىز مېھمانلارغا ھەمكارلىشىش تەكلىپى سۇندى.

 «ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار سىياسەت- تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ياخشى ھەمكارلىق ئاساسى بار، كەلگۈسىدە تېخىمۇ قويۇق بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ»، دېدى ئېفىيوپىيەنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىسى نەبىيۇ مۇھەممەد. 

 «بۇ يىل تۈركىيە دۆلەت سارىيىنىڭ كۆلىمىنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئىككى ھەسسە كېڭەيتتۇق، بۇ، بىزنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن جۇڭگو بازىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشتىكى قەتئىي ئىرادىمىزنى تولۇق ئىپادىلەيدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋزەللىكىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، يېشىل ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى پۇرسەت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېدى تۈركىيەنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ سودا مەسلىھەتچىسى ئاتاكان ئوزدېمىر كۈچلۈك ھەمكارلىق ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ.

 بۇ، 6- ئاينىڭ 27- كۈنى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى كارخانىلار ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىشىش- ئالماشتۇرۇش يىغىنىدىكى كۆرۈنۈشلەر.

 بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسى «ئاسىيا- ياۋروپا ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىش، يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش». بۇ باش تېما رامكىسىدا، تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىشىش- ئالماشتۇرۇش «دوستلار چەمبىرىكى» كۈچەپ كېڭەيتىلدى، 50 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 2800 دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە، يىغىنغا قاتناشتى، كۆلىمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئېشىپ كەتتى؛ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدىن 60 نەچچە مەيدان ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدىكى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە تونۇشتۇرۇش ھەم نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش پائالىيىتىدە، جەمئىي 169 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 213 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولدى.

 ئېفىيوپىيە، زامبىيە، كومورو، سېنېگال قاتارلىق ئافرىقا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشتى، بۇ، تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچى ۋە تەسىرىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. كومورونىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا، ئابدۇللا دەننىل راۋان جۇڭگو تىلىدا ئۆز جايىنىڭ جەۋھەر مېيىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىر- ئىككى تېمىم تېمىتىپ قويسىلا پۈتۈن ئۆينى خۇش پۇراق قاپلايدۇ». 250 بوتۇلكا ئەۋرىشكە جەۋھەر ماي ئىككى كۈندە سېتىلىپ بولدى، «سودىنىڭ بۇنداق ئاۋات بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، كېلەر نۆۋەت يەنە كېلىمىز».

 «تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە كېلىپ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق». رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئالتاي جۇمھۇرىيىتى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى سېرگېي مېيرىننىڭ نەق مەيداندا ۋاسىتىچى بولۇشى ئارقىلىق، ئالاتاۋ شەھىرى جۈرۇي سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چىن شياۋنى يېڭى ھەمكارلىق ھەمراھى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇدۇللاشتى. «تاۋار سودا كۆرگەزمىسى بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ھەمراھى تېپىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ئىنتايىن ياخشى سۇپا ھازىرلاپ بەردى»، دېدى چىن شياۋنى.

 كەلگۈسىگە نەزەر سېلىنىپ، كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ قوشۇلدى

 تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ھەم ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىشىش- ئالماشتۇرۇش سۇپىسى، ھەم كەسىپلەردە ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بولدى.

 قانداق قىلغاندا رەقەملىك ئىقتىساد تېز پويىزىغا چىققىلى بولىدۇ؟ كەلگۈسىدە قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىش كېرەك؟ 6- ئاينىڭ 26- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2025- يىللىق ئاسىيا- ياۋروپا رەقەملىك ئىقتىساد كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك تەتقىقات ساھەسى، ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، كارخانىچى قاتارلىقلار رەقەملىك ئىقتىساد كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ توغرا ھەم ئېنىق چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 «شىنجاڭ گەۋدىلىك بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە ئىگە، بىر قىسىم ساھەلەردىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتە شەرقىي قىسىم رايونلىرىدىن قېلىشمايدۇ، ھەتتا باشلامچى بولالايدۇ» «رەقەمنىڭ چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشىنى تېزلىتىپ، رەقەم كەسپىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك»... ھەربىر مەيدان نۇتۇق، ھەربىر تەكلىپ يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر، كارخانىچىلارنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە مەدەت بېرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.

 شىنجاڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» كۆرگەزمە سارىيىدا، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى ۋە يېڭى ئېنېرگىيە، يېشىل كانچىلىق ھەم پىششىقلاش، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە يېڭى ماتېرىيال، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، ئاشلىق ۋە يېمەكلىك پىششىقلاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلار، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى، تەتقىق قىلىپ ئېچىلغان يېڭى مەھسۇلاتلار بۇ جايدا توپلاندى؛ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمە رايونىدا «يېڭىلىق تەركىبى، ئەقلىي ئىقتىدار تەركىبى، يېشىل بولۇش تەركىبى» تولۇق بولغان مەھسۇلاتلار ئوخشاش بىر سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە قەتئىي قەدەم تاشلاۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى.

 «كارخانىمىز شىنجاڭ بىلەن <ئون چوڭ كەسىپ توپى> قۇرۇلۇشى جەھەتتە چوڭقۇر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ»، دېدى جىپىڭفاڭ (شېنجېن) پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى گو يەندۇڭ.

 شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»دىكى زەنجىر باشلامچىسى كارخانىلىرىدىن باشقا، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگەن دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى، جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن- تېخنىكا گۇرۇھى، خۇارۇن گۇرۇھى قاتارلىق بىر تۈركۈم مەركەز كارخانىلىرى جۇڭگودا، ھەتتا دۇنيادا ئالدىنقى سەۋىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر تۈركۈم ئىلغار تېخنىكىلار ۋە جابدۇقلارنى نامايان قىلدى.

 شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن ئۇدۇللىشىپ، كەسىپلەر توپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كوكس مېيىنى ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئايلانما ئىقتىساد كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشى (2- قارارلىق) تۈرى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە نۇقتىلىق كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر بولۇپ، شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىدا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

 دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ھەمكارلىق ساھەسى كېڭەيتىلدى

 ھازىرقى ئاسىيا- ياۋروپا ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ چېتىلىش ساھەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىق بوشلۇقىنى يەنىمۇ ئاچتى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشتى.

 6- ئاينىڭ 26- كۈنى، 2025- يىللىق يىپەك يولى خەلقئارا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە مۇلازىمەت كەسپى بويىچە ھەمكارلىشىش- ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا «ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش . گۈللىنىشنى ئورتاق يارىتىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، رايون ھالقىغان ئادەم كۈچى بايلىقى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

 «رۇسىيە جۇڭگونىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمراھى. بۇ قېتىمقى ئالماشتۇرۇش يىغىنى دەل رۇسىيە- جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى»، دېدى رۇسىيە HeadHunter گۇرۇھىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە كارخانىنى ئىدارە قىلىش باش نازارەتچىسى ماركولوف . دېمىترى. ۋالېنتىنوۋىچ.

 شۇ كۈنى يەنە 2025- يىللىق شىنجاڭ . ياۋروپا- ئاسىيا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە مۇلازىمەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە مۇلازىمەت كەسپى بويىچە كۆرگەزمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. پائالىيەت رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندىن ھەم جۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ قاتارلىق ئون ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھىرىدىن كەلگەن 31 باغچە رايونى، جەمئىيەت، كارخانىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، كېلىشىم سوممىسى 100 مىليون يۈەنگە يەتتى، 27 تۈردە ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلىندى.

 بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە يەنە تۇنجى قېتىم شىنجاڭ سۇپا ئىقتىسادى بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى.

 6- ئاينىڭ 27- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2025- يىللىق شىنجاڭ سۇپا ئىقتىسادى تەرەققىياتى بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى، «شىنجاڭ ساياھىتى» بىر كود ئارقىلىق ساياھەت قىلىش سۇپىسى، «راۋان يول OWTOT» تور سودا سۇپىسى، «دەرىجىدىن تاشقىرى شوخلا» رەقەملىك يېزا ئىگىلىك سۇپىسى قاتارلىق 13 سۇپا كۆرگەزمە قىلىندى، بۇ، ئىناۋەت گۇۋاھلىقى، مەدەنىيەت- ساياھەت، يېزا ئىگىلىكى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئاممىۋى مۇلازىمەت، كۆمۈر سودىسى قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدۇ.

 ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭ رەقەملىك ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى «2025- يىللىق شىنجاڭ سۇپا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر» ناملىق تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 60 نەچچە سۇپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىپ، تەرەققىيات تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 يېڭىلىق تۈسى يېتەرلىك بولغان ھەربىر مەيدان كۆرگەزمە قىلىش، نامايان قىلىش ۋە ئىقتىساد- سودا جەھەتتە ھەمكارلىشىش- ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە قېنىق رەڭدار تۈس قوشتى. مۇۋەپپەقىيەتلىك كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر، ئارقا- ئارقىدىن ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ شىنجاڭنىڭ تاشقى ئالماشتۇرۇش- ھەمكارلىشىشىدىكى گۈزەل يېڭى مەنزىرىنى سۈرەتلەپ بەردى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125