مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان ياشلىق سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىمىز
10:45:12 2025-07-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 14- نۆۋەتلىك كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى 28- قۇرۇلتىيىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى شىنجاڭدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى −

 مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان ياشلىق سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىمىز

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

 «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ياشلار چوڭ- چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ.» 7- ئاينىڭ 2- كۈنى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 14- نۆۋەتلىك كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى 28- قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مەن بار، دېگەن مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، كەڭ ياشلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى مۇساپىدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشىدىن زور ئۈمىد كۈتتى، يېڭى ۋەزىيەتتە ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ يەنىمۇ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

 سەمىمىي تاپشۇرۇق كىشىنى ئىلھاملاندۇردى، سەمىمىي ئۈمىد كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما، بولۇپمۇ كەڭ ياشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ھەسسىلەپ رىغبەتلەندى ۋە ئىلھام ئالدى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، پارتىيە بايرىقى ئاستىدا جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان ياشلىق سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈشكە ئىرادە باغلىدى.

 «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەبرىك خېتى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەبرىك سۆزىنى نەق مەيداندا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياش ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى خىزمىتىگە بولغان غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى مەكتەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى سەيدىئەخمەت يارمەمەت مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلب ۋە روھنى مۇجەسسەملەپ، كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلارنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرىدىن، ئاكتىپ تارقاتقۇچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەيمىز.

 ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى لىن گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيە ياشلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياشلارنى ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، قانۇنچىللىق جەھەتتىن تەربىيەلەش، تەربىيەلەش- ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىملىق قانات يايدۇرىمىز. «ياشلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ياشلارنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىمىز.

 جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاممىۋى قۇرۇلۇش مەشغۇلات بۆلۈمىنىڭ ھۈنەر- سەنئەت ئىشىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك ئىنژېنېرى خەن خۇيلياڭ مۇنداق دېدى: «نېفىتلىكتىكى ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمەن».

 (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار يەن شياۋتيەن، لى ياڭ، جاۋ شىيا، يۈ جياڭيەن، جاڭ جىلى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125