ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى
10:46:08 2025-07-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

 كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 7- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى، «<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى> قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك ھۆكۈمەت قائىدىسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)» قاراپ چىقىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دائىم غېمىدە بولۇش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك. «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن يىللىق نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىش- ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سانائەت ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەش كېرەك؛ «ئالتە مۇھىم تىزىملىك» ۋە چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشى «ئون چوڭ مېخانىزم»ىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى ئىلمىي پىلانلاش كېرەك؛ ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى قۇرۇۋاتقان تۈرلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تۈرتكە بولۇش خاراكتېرى كۈچلۈك بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كەسىپ تۈرلىرىنى يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؛ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىرقى سىياسەتلىرىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرنى يولغا قويۇش كېرەك؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، پىششىقلاش سودىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تاشقى سودا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەرگە كۈچەش كېرەك؛ ئاپتونوم رايوننىڭ «خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش»ىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى يولغا قويۇپ، تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزىقچىلىق ئىستىلى، يىغىن ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن يارىتىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر ۋە ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېشىش مىقدارىنى كېڭەيتىش كېرەك. تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىشىگە مەدەت بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

 يىغىندا «<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى> قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك ھۆكۈمەت قائىدىسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)» قاراپ چىقىلدى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار كارخانىلارغا ئالاقىدار سىياسەت- تەدبىرلەرنى دائىملىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىنماسلىق يوشۇرۇن توسۇقىنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاپ، تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغدىشى كېرەك. سىياسەت تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى يارىتىشى كېرەك.

 يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125