ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىش ئارقىلىق تۈزەپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك
10:47:26 2025-07-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 زۇمرەت ئوبۇل ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەش خىزمىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

 ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىش ئارقىلىق تۈزەپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ) 7- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىغا بېرىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەش خىزمىتى ئەھۋالىنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

 زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان مۇھىم ۋەزىپە. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە رايونلارغا كۆپ قېتىم بېرىپ مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نەتىجە ۋە ئۆزگىرىشلەرنى كۆردى، شۇنداقلا ھازىرقى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى ۋەزىپىسىنىڭ يەنىلا مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈزەش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، باش بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، ھەر مىللەت ئامما ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنىڭ زورايغانلىقىنى، پاك، توغرا كەيپىياتنىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

 زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ «مەكتەپ تامىقى»، يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇش كېرەك. قانۇن بويىچە تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نازارەتچىلىك قانۇنى، رېۋىزىيە قانۇنى قاتارلىق قانۇن- نىزاملارنى قەتئىي يولغا قويۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى بىلەن تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، نازارەت قىلىشتا ھەمتۈرتكە بولۇش، تەدبىرلەردە بىر- بىرىنى تولۇقلاش، نەتىجىلەردىن ئۆزئارا پايدىلىنىش قاتارلىق مېخانىزملارنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئوخشاش مەسىلىگە ئورتاق جاۋاب بېرىش، ماس قەدەمدە ھەرىكەتكە كېلىش، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، نازارەتچىلىك ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تۈزەش خىزمىتىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

 تيەن شياڭلى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى، ۋاڭ گوخې قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125