راۋاب بىلەن خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىمخاب بىرىكتۈرۈلدى، چاقىلىقلىق يىگىتنىڭ ماسلاشتۇرۇشتا قالتىس ماھارىتى بار
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ خەيبو
بىر مەيدان ئويۇن، ئۆمۈرلۈك چىن مۇھەببەت. چاقىلىق ناھىيەلىك كىروران سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى ئالىمجان قۇرباننىڭ چۇەنجۈ تىياتىرىدىكى چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتى بىلەن ئۇچرىشىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مەيدان ئويۇندىن باشلانغان ھەم ئۇنىڭ ئىنتىلىشى بولۇپ قالغان.
7- ئاينىڭ 2- كۈنى، چاقىلىق ناھىيەلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزىدىكى ئالىمجان چۇەنجۈ تىياتىرى چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتى ئىشخانىسىدا، ئالىمجان ئۈچ ئۆسمۈرگە قەدەم ئېلىش ئۇسۇلىنى مەشىق قىلدۇرۇۋاتاتتى. راۋابنىڭ مېلودىيەسىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ قولىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن يۈز گىرىمى كۆك رەڭدىن قىپقىزىل رەڭگە ئۆزگەردى، يېپىنچىدىكى روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىمخاب نۇسخىسى چىراغ نۇرىدا جۇلالىنىپ تۇراتتى. ئىلگىرى تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە ئۇسسۇل ئوينىغان بۇ شىنجاڭلىق ياش چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىجادىي ئورۇنداپ ۋە ئۇنىڭغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بىلەن بۇ سەنئەتنى چېگرا رايوننىڭ كەڭ تۇپرىقىدا رەڭدار نۇر چاچقۇزدى.
2022- يىلى كەچ كۈزدە، شىڭتەي شەھەرلىك يۈجۈ تىياتىرى ئۆمىكى چاقىلىق ناھىيەلىك مەدەنىيەت مەيدانىدا ئويۇن قويدى، قىزىل پەردە ئېچىلغاندا، ئالىمجان تاماشىبىنلار ئورنىنىڭ ئارقا رېتىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرغانىدى. ئويۇن قويغۇچى ۋاڭ بو بۇرۇلۇشى بىلەن يۈز گىرىمى قىزىلدىن قارىغا ئۆزگەرگەندە، ئالىمجانغا ئۆزىنىڭ يۈرەك سوقۇشى داقا- دۇمباق ئاۋازىنى بېسىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. «تېلېۋىزوردىكى يۈز گىرىمى تەكشى ھالەتتە كۆرۈنىدۇ، نەق مەيداندا كۆرگەندە جەلپكارلىقى تېخىمۇ ئېشىپ، ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان يۈز گىرىمى قەلبىمگە ئويۇلغاندەك بولدى.» ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى ئون نەچچە يىل ئۆگەنگەن بۇ يىگىت تەردىن ھۆل بولۇپ كەتكەن نومۇر تىزىملىكىنى سىقىمدىغىنىچە ئارقا سەھنىگە يۈگۈرۈپ باردى، «مۇئەللىم، مېنىڭ سىزدىن چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتىنى ئۆگەنگۈم بار!» ۋاڭ بو ئۇنىڭ سەمىمىيىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئالاقىلىشىش نومۇرىنى قالدۇرۇپ: «مەن سىزگە ئۆگىتەي»، دېدى.
كېيىنكى يىلى 6- ئايدا، ئالىمجان چاقىلىق ناھىيەلىك كىروران سەنئەت ئۆمىكى تەركىبىدە شىڭتەي شەھىرىگە بېرىپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئويۇنى قويۇپ، ئاخىر ئارزۇسىغا يېتىپ ۋاڭ بودىن چىراي ئۆزگەرتىشنى ئۆگەندى. تۇنجى قېتىم ئېغىر يۈز گىرىمى نىقابىنى تاقىغاندا، ئۇ نەپەس ئالالماي قالدى؛ ئوت پۈركۈشنى مەشىق قىلغاندا، كىرسىننىڭ پۇرىقىدا كۆڭلى ئېلىشىپ توختىماي ياندۇردى. ئەڭ قىيىن باسقۇچقا كەلگەندە، ئۇنىڭدا ئۇدا بەش كۈن ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولماي، ۋاز كەچكىلى تاس قالدى. «ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ كۈنى مەن رېپېتىتسىيە زالىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا خىيالغا پېتىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرغانىدىم، مۇئەللىم كېلىپ ھېچنېمە دېمىدى، پەقەت ماڭا بىر بوتۇلكا مۇزدەك گازلىق سۇ بەردى.» ئالىمجان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «گازلىق سۇنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ مېنى خوگو يېگىلى ئاپاردى، ماڭا سەنئەتنىڭ خۇددى مۇشۇ خوگوغا ئوخشايدىغانلىقىنى، <قايناش>قا بەرداشلىق بېرەلىگەندىلا ئاندىن تەملىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.» مۇئەللىمنىڭ «ئۈن- تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ» يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، ئالىمجان چىراي ئۆزگەرتىشنىڭ سىرىنى تەدرىجىي ئىگىلىدى. بىر ئايدىن كېيىن، ئۇ تۇنجى قېتىم «يۈز بۇراش» ئالاھىدە ماھارىتىنى تولۇق نامايان قىلغاندا، ھەتتا مۇئەللىممۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي باش بارمىقىنى چىقاردى. يېرىم يىلدىن كېيىن ئۇ ئۆگىنىشنى تاماملاپ قايتىپ كېلىپ، چاقىلىق چىلان بايرىمىدا ئوت پۈركۈش ماھارىتىنى ئورۇنلىدى، ئېتىلىپ چىققان ئوت يالقۇنىنى كۆرۈپ سەھنىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى تاماشىبىنلار ئېغىزلىرىنى تۇتۇشۇپ ھاڭ- تاڭ قېلىشتى، بۇ ئۇنىڭ يان تېلېفونىدىكى ئەڭ قىممەتلىك سىن بولۇپ قالدى. «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم كۆپچىلىككە چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتىنى كۆرسىتىشىم، سەھنىدە گەرچە جىددىيلەشكەن بولساممۇ، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ ئالقىش سادالىرىنى ئاڭلاپ، ئورۇنلىغانسېرى غەيرىتىم ئاشتى».
ئالىمجان چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتىنى شىنجاڭدا يىلتىز تارتقۇزۇپ بىخلاندۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم يەرلىكنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقىنى سىڭدۈرۈش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنەتتى. ئۇ دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، جانلىق شىنجاڭ ئۇسسۇلى، لەرزان خەلق مۇزىكىلىرىنى چۇەنجۈ تىياتىرىدىكى چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن بىر يۈرۈش كۆپ خىل مەدەنىيەت ئامىللىرى يۇغۇرۇلغان چىراي ئۆزگەرتىش نومۇرلىرىنى تەييارلىدى. بىر قېتىم كىروران مۇزېيىدا ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، ئۇنىڭ ئىلھامى تولۇق ئۇرغۇدى: «خەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە كىمخابتىكى نەپىس يېزىق ۋە نەقىشلەر چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەن، نېمىشقا ئۇلارنى ئويۇن قويۇشتا ئىشلىتىدىغان يېپىنچىغا بېسىپ چۈشۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرمەيمىز؟» شۇنىڭ بىلەن، خەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە كىمخاب نەقىشى چۈشۈرۈلگەن يېپىنچا ئۇنىڭ ئويۇنىنى تېخىمۇ قەدىمىي تۈسكە ئىگە قىلدى.
ئالىمجان يىل بويى مەكتەپ، مەھەللە، ئاساسىي قاتلامدا ئويۇن قويدى، ئۈرۈمچى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارغا باردى، يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا «@ بيەنليەن ئامۇ» نومۇرىنى ئېچىپ، ئويۇن قويغان كۆرۈنۈشلەر ۋە مەشىق سىنىنى قەرەللىك ھەمبەھرىلەپ، ھەم كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىنى نامايان قىلدى، ھەم جاپالىق مەشىق قىلغان كۈندىلىك ئىشلارنى خاتىرىلىدى.
2025- يىلىنىڭ بېشىدا، چاقىلىق ناھىيەسى بىلەن چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ ماڭيا شەھىرى ئەدەبىيات- سەنئەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى، ئالىمجاننىڭ چىراي ئۆزگەرتىش ئويۇنى ماڭيا شەھىرىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. ئارقىدىن، ماڭيا شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئارتىس ليەن سۇنىڭ بىلەن دەنجېڭ دوجيېنى تاللاپ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى. «بەزىدە ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بىز ھەرىكەتنى تېخى ئۆگىنىپ بولالمىساق، ئالىمجان مۇئەللىم بىزگە ھەمراھ بولۇپ مەشىق قىلدۇرىدۇ.» دەنجېڭ دوجيې ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «مۇئەللىم ھەمىشە زېرىكمەي- تېرىكمەي ھەربىر ھەرىكەتنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ھەتتا ئەڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەرنىمۇ تەكرار پىششىقلاپ ئۆگىتىدۇ.» بۇ خىل ھەم ئۇستاز، ھەم سىرداش دوست بولۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۇرسانتلار بىر ئاي ئىچىدىلا چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتىنى ئىگىلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، ئالىمجاننىڭ ۋارىسلىق قىلىش يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى. ناھىيە ئۇنىڭغا كەسپىي كىيىم- كېچەك، سەھنە جابدۇقلىرىنى سەپلەپ بەردى ھەمدە ئىشخانا تەسىس قىلىپ بەردى، بۇ، نۇرغۇن كۇرسانتلارنى جەلپ قىلدى. ئۇ ئۈچ كىچىك شاگىرتتىن ئەڭ پەخىرلىنىدۇ، «ئۇلار دەسلەپتە يەلپۈگۈچنىمۇ ئوڭشاپ تۇتالمايتتى، ھازىر ھەممىسى مۇستەقىل ئويۇن قويالايدىغان بولدى.» بالىلار تىلغا ئېلىنسا، بۇ قەيسەر يىگىتنىڭ كۆزلىرىدىن مۇلايىملىق نۇرى چاقنايتتى.
چاقىلىق ناھىيەلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۇڭ شىنمېڭ بىر يىلغا يېقىن جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق، يۈز گىرىمى نىقابىنى بەش قېتىم ئۇستىلىق بىلەن ئالماشتۇرالايدىغان بولدى. «بۇ يىل 8- ئايدا، بىزنىڭ ئۈچ كىچىك ھەمراھىمىز 29- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئۆسمۈرلەر شىچۈ تىياتىرى كىچىك مېيخۇا گۈللىرى جەم بولۇش مەملىكەتلىك ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.» سۇڭ شىنمېڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ بىر نەچچە ئايدا، بىز چوقۇم ئۇستازغا ئەگىشىپ كۈچەپ مەشىق قىلىپ، تىرىشىپ سەھنىدە ئەڭ ياخشى ھالىتىمىزنى نامايان قىلىمىز».
«سەنئەتنىڭ چېگراسى يوق، مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى.» ئالىمجان بۇ يىل 8- ئايدا يەنە بىر قېتىم خېبېي شىڭتەيگە بېرىپ، مۇئەللىمدىن تېخىمۇ ئېسىل بولغان «خىيالىي مەنزىرە ئۈچ ئۆزگىرىش» ماھارىتىنى ئۆگىنىشنى پىلانلىدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)