شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىلدى، كېيىنكىلەر ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىدى
10:50:05 2025-07-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىلدى، كېيىنكىلەر ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

 «14- بەش يىل»دىن بۇيان، بولۇپمۇ 9- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى مائارىپ ساھەسى بويىچە ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كۈچلۈك تىرەك بولدى.

 يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولۇش

 شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېخانىزمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش

 بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدا، قەشقەر تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى يېڭىدىن يەتتە كەسىپنى كۆپەيتىپ، 3300 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى. شاڭخەي شەھىرى ھەر تەرەپلىمە نىشانلىق يار- يۆلەك بولۇپ قۇرۇپ بەرگەن بۇ ئالىي كەسپىي مەكتەپ قۇرۇلۇپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، زاكاز شەكلىدە يېتىشتۈرۈش، ماركا نامدارلىقىدىكى سىنىپ، زامانىۋى شاگىرت تۈزۈمى، زامانىۋى كەسىپلەر شۆيۈەنى قاتارلىق كۆپ خىل ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

 ئورۇن تاللاپ پىلانلاش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى تەييارلاشتىن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى يار- يۆلەك بولۇش، كەسىپ قۇرۇلۇشىغىچە، شاڭخەي شەھىرى كۈچىنىڭ بارىچە پۈتۈن جەريانلىق قاتنىشىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 600 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، قەشقەر تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ 1- قارارلىق قۇرۇلۇشىغا مەدەت بەردى، 2- قاراردا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، كۆلەمنى كېڭەيتىش تۈرىگە يەنە 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدۇ.

 يېقىنقى ئىككى يىلدا، بېيجىڭ شەھىرى 870 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يېڭى مەكتەپ رايونىنىڭ 2- قارارلىق قۇرۇلۇشىغا مەدەت بەردى. شەندۇڭ ئۆلكىسى 70 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قەشقەر كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، كۆلەمنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بەردى، كەلگۈسى ئىككى يىلدا، شەندۇڭ يەنە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بىرتۇتاش مەبلىغى ۋە زاپاس خىراجىتىنىڭ %30تىن كۆپرەكىنى شۆيۈەن تېببىي پەنلەر بۆلۈمى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي مەشىق بىناسى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىشنى پىلانلىدى.

 شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بارلىقىنى بېغىشلىدى، كۈچىنى ئايىمىدى. بۇ ئەمەلىي ئۆزگىرىشلەر مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىن پىلانلىشى، بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشىدىن بولدى. «14- بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن جەمئىي 2000دىن ئارتۇقنى يولغا قويۇپ، 13 مىليارد 300 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجراتتى. بۇ مەزگىلدە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىلەن زىچ كېڭەشتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى كۆپ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى. 2023- يىلى 8- ئايدا، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. 2024- يىلى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن بىلەن قەشقەردە ئىستراتېگىيەلىك كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىنى قوللاشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

 ئاپتونوم رايون ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ مائارىپ تارماقلىرى بىلەن شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى. شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىپ، ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، مەبلەغ، تۈر، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتتى.

 غۇلجا ناھىيەلىك نەنتۇڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلىغا ياردەم بېرىش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بولۇپ، بۇنىڭغا جەمئىي 212 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، 1- قارارلىق قۇرۇلۇشقا 136 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىلغان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان سىنىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك تەجرىبىخانا، كۆپ ئىقتىدارلىق تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىق زامانىۋى ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى شارائىتى ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يار- يۆلەك بولۇشى بىلەن، 2024- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى 1843 يەسلىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، «14- بەش يىل»لىق ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكەت پىلانىدىكى ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچلەرنى مۇددەتتىن ئىككى يىل بۇرۇن تاماملاپ، ئۆلچەملەشكەن بىر تۈركۈم ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يېڭىدىن قۇردى، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇردى، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلىدى، نۇقتىلىق كۆزىتىپ ئۆلچەش كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپلەر %94.69نى ئىگىلىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

 بىر مەقسەتتە بولۇش 

 ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

 بۇلتۇر، «ۋەتەن مۇھەببىتى . جۇڭخۇا سەپىرى» شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلىرى يازلىق تەتىللىك تەتقىقات- ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، پوسكام ناھىيەلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى نادىرە ئابلىز مۇنداق دېدى: «مەن دۆلىتىمىزدىكى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىياتنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، مەن جۇڭخۇانى قۇدرەت تاپتۇرىمەن، بىز قىلمىساق كىم قىلىدۇ!» تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى شېنتا ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئايبىبى رەجەبشۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم يۇرتۇمدىن ئايرىلىشىم، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ- دەريالىرىدىن ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلدىم!»

 «14- بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ مەركەز مەبلىغى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىگە تايىنىپ، جەمئىي 33 مىڭ ئوقۇغۇچىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ياكى باشقا ئۆلكىلەرگە بېرىپ تۈرلۈك تەتقىقات- ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى، بولۇپمۇ 2024- يىلى 9000 ئوقۇغۇچىنى بېيجىڭ ۋە ئالاقىدار ئۆلكىلەرگە بېرىپ «ۋەتەن مۇھەببىتى . جۇڭخۇا سەپىرى» شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلىرى يازلىق تەتىللىك تەتقىقات- ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. ياش- ئۆسمۈرلەر ئالماشتۇرۇش پىلانى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى 4726 ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، 4 مىليون 546 مىڭ 400 ئوقۇغۇچى باشقا ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇش ۋە «قول تۇتۇشۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتتى.

 مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش

 ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇش

 قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 2- ئوتتۇرا مەكتەپ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ پايدىسىغا ئېرىشتى، مەكتەپ 31 نەپەر پەن باشلامچىسى، ياش تايانچ ئوقۇتقۇچىدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپىنى كۈتۈۋالدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئىككى يىلدىن بۇيان، كۆپچىلىك قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئوقۇتۇشقا ئاتلاندى.

 «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلىگەنلىكىنى كۆرسەك، ئۇلارغا سىڭدۈرگەن بارلىق ئەجرىمىزنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز»، دېدى جياڭسۇ ئۆلكىسى تەيساڭ شەھىرى مىڭدې تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدىن كەلگەن، ئۇزاق يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ئىستاژىغا ئىگە بىيولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى گاۋ كۇەنچاڭ.

 قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 2- ئوتتۇرا مەكتەپتىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، يەنە «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» رولىنى پائال جارى قىلدۇردى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەربىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ شاگىرتى بار بولۇپ، ئوقۇتۇش، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى قاتارلىق جەھەتلەردە بۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىپ، بۇ جاي ئۈچۈن ئېلىپ كەتمەيدىغان بىر ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى.

 شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىنىڭ ياشانغان ئوقۇتقۇچىسى يۈەن جۇڭشيەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭقۇر قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. 2023- يىلى، يۈەن جۇڭشيەن شۆيۈەنگە كەلگەندە، مەكتەپتە ئېنېرگىيە مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى كەسپى تەسىس قىلىنغىلى ئۇزاق بولمىغاچقا، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار كەمچىل ئىدى. شىنجاڭغا كېلىشتىن بۇرۇن يۈەن جۇڭشيەن بېيجىڭ سانائەت داشۆسىدە كۆپ يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىشى خۇددى قەھرىتان سوغۇقتا كۆمۈر يەتكۈزۈپ بەرگەندەك ئىش بولدى، ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا پەنلەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى بىلىملەرنى ئۆگىتىپلا قالماي، يەنە ياش ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئالدى. دەرس پىلانىنى لايىھەلەشتىن دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش ماھارىتىگىچە، يەنە پەن تەتقىقات تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىلمىي ماقالە يېزىشقىچە، ئۇ قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى نەتىجىسىدە، بىر تۈركۈم ياش ئوقۇتقۇچىلار تېز ئۆسۈپ يېتىلدى.

 «14- بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر جەمئىي 15 مىڭ 900 ئوقۇتقۇچىنى تاللاپ شىنجاڭغا كېلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشقا ئەۋەتتى، بۇ، 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 200گە يېقىن مەكتەپنى قاپلىدى، جانلىق ھالدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلاردىن 1452 ئادەم قېتىمنى كىرگۈزدى، ياشانغان ئوقۇتقۇچىدىن 2100 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق قوبۇل قىلدى، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى 201 مىڭ 700 ئادەم قېتىم تەربىيەلىدى.

 ئوقۇتقۇچىلار مائارىپنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسى، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەنبەسى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر شۇ جاينىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۈنۈملۈك يار- يۆلەك بولىدىغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئىلغار مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىغا تارقاتتى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭدۇڭ ئوقۇتقۇچىلار ماركىسىنى يارىتىپ، مەكتەپ مۇدىرى، سىنىپ مەسئۇلى، تايانچ ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىبارەت ئۈچ قوشۇننى كۈچلۈك قۇرۇپ، ئۇستاز- شاگىرتلار قوشماقلىشىش، ۋىلايەتتە ئوچۇق دەرس، ئۈلگە كۆرسىتىش دەرسى ئۆتۈش ۋە ئوقۇتۇشنى يېزىلارغىچە يەتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار قەشقەر ۋىلايىتىدە ھەر دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش دەرسى، ئوچۇق دەرس، لېكسىيەنى 1000 مەيدان قېتىم قانات يايدۇردى، شۇ جايدىكى 500دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى بىلەن قوشماقلاشتى؛ جياڭسۇ ئۆلكىسى «جياڭسۇ- ئىلى رىشتى . مائارىپ، سەھىيە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى»نى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى قوللىنىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويدى، تۇنجى تۈركۈمدە جياڭسۇ سىفەن داشۆدە تەربىيەلەشكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈش نىسبىتى %78كە يەتتى.

 كەسىپلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش

 ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو كانچىلىق داشۆسى قاتارلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك داشۆلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەۋزەل پەن ۋە پەن تەتقىقات كوللېكتىپلىرىغا تايىنىپ، شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەر بىلەن «شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەر غەربىي رايون ئېنېرگىيە تەرەققىيات تەتقىقات ئورنى» ھەم 20دىن ئارتۇق تەتقىقات ئورنىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى قوزغىتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇپ، مەكتەپ ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىشىگە پائال تۈرتكە بولدى.

 بۇلتۇردىن باشلاپ، شىنجاڭ داشۆ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، «پەنلەرنى ئورتاق بەرپا قىلىش»نى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. مەكتەپ دىققەتنى ماركسىزم نەزەرىيەسى، خىمىيە ھەم كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسىدىن ئىبارەت بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئۈچ پەن قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىۋاتقان 15 ئالىي مەكتەپنىڭ پەن ئەۋزەللىكى ۋە بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە «كۆپ تەرەپ بىرگە ياردەم بېرىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئۈچ پەننى يېتەكچى قىلغان، باشقا پەنلەر ماس تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ئېكولوگىيەنى شەكىللەندۈردى. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلمىي ئۇنۋان نۇقتىسىدىن 39ى يېڭىدىن كۆپەيگەن بولۇپ، قەشقەر داشۆ، شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرىش ئورنى قىلىپ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن.

 شىنجاڭ دىققەتنى ئېنېرگىيە- كانچىلىق، قۇرغاق رايون زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ۋە خەلقئارا داۋالاش قاتارلىق ئۈچ نۇقتىلىق ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ ئالىي تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇشنى باشلىدى، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك داشۆدىن 26سى بۇنىڭغا قاتنىشىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىلمىي تەتقىقات، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش- ھەمكارلىشىشنىڭ شىنجاڭ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. بېيجىڭ داشۆنىڭ قەشقەردە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىشىنى ئالغا سىلجىتتى، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك يەتتە داشۆنىڭ ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىشىنى ئالغا سىلجىتتى. پېڭ سۇپىڭ، ۋاڭ تيېگۇەن، خەن دېمىن ئاكادېمىكلار كوللېكتىپىنى كىرگۈزۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

 2023- يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا خەلقئارا يىغىن ئاچتى، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي مەكتەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مائارىپ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى.

 قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشتىن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈشكىچە، ئاساسىي مائارىپنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئالىي مائارىپنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇشقىچە، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مىسلىسىز كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق بىلەن شىنجاڭ مائارىپىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتمەكتە. يېڭى دەۋردىكى مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە دىققەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مائارىپىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، مائارىپنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى ۋە ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125