پامىرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يۈزلەندى
10:51:02 2025-07-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 «تۇشىنشيەن» شىنجاڭغا ئىستېمال ئارقىلىق ياردەم بېرىش ماركىسى كۈچىمەكتە

 پامىرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يۈزلەندى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن

 «ئىلگىرى مېۋىلەرنى ئۈزۈپ ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۆز جايىمىزدىكى بازاردا ساتاتتۇق، پايدىسى كۆپ ئەمەس ئىدى، ھازىر <تۇشىنشيەن> ماركىسىدا توردا سېتىپ، ھەر بىر قاپتىن ئون نەچچە يۈەن ئارتۇق پايدا ئالىدىغان بولدۇق.» 6- ئاينىڭ 27- كۈنى، گۈزەلنۇر تۇرغۇن ئەنجۈر سېتىپ قىلغان كىرىمىنى تىلغا ئالغاندا، كۆزلىرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى.

 گۈزەلنۇر قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرىدىكى ئەنجۈر ئۆستۈرگۈچى بولۇپ، ئىلگىرى ئۆزىنىڭ «زۇمرەت دېھقانلار ئارامگاھى»نىڭ ھويلىسىدىكى شېخى كۆتۈرەلمەي قالغان سارغۇچ يېشىل، قىزغۇچ بىنەپشە رەڭلىك مېۋىلەرنىڭ قىسقىغىنا بىرنەچچە كۈندە گۇاڭجوۋ، شېنجېن قاتارلىق جايلاردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سودا ساراي، تاللا بازارلىرىغا «ئۇچۇپ» بېرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

 «تۇشىنشيەن» بەلگىسى بېسىلغان سوۋغاتلىق قاپتىكى ئەنجۈر ’Ole تاللا بازىرىنىڭ خام، يېڭى مەھسۇلات رايونىغا تىزىلغاندا، بۇ «يېڭى» دېگەن مەنىدىكى ماركا ئاتۇشنىڭ كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى ئاستا- ئاستا ئۆزگەرتمەكتە ئىدى. 

 2023- يىلى 8- ئايدا، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ قىزىلسۇغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ ئىشتابى» دېيىلدى) كۇنشەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى شۇ جايدىكى ھەرقايسى يېزا- بازارلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ، شىنجاڭغا ئىستېمال ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە «تۇشىنشيەن» ماركىسىنى ئورتاق ياراتتى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ماركا نەچچە ئايدىلا ئاتۇشنىڭ 29 مىڭ قاپ ئەنجۈر سېتىشىغا ياردەم بېرىپ، 200گە يېقىن دېھقان ئائىلىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 3000 يۈەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان. ئەسلىدە «كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان» ئەنجۈر بۈگۈنكى كۈندە خېما شيەنشېڭ سۇپىسىدىكى بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتقا ئايلاندى − ۋۇشى شەھىرىدىكى ئىستېمالچىلار زاكاز قىلىپ 48 سائەت ئىچىدە پامىردىن كەلتۈرۈلگەن تاتلىق مېۋىنىڭ تەمىنى تېتىيالايدىغان بولدى. ئەنجۈرنىڭ «ئوڭۇشسىز شارائىتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشى»نىڭ ئارقىسىدا «تۇشىنشيەن» ماركىسى كوللېكتىپى بەرپا قىلغان پۈتۈن زەنجىرلىك كۈچ قوشۇش سىستېمىسى بار.

 «بىز يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئەنجۈر ئۈزۈپ يىغىۋېلىش ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، ئۈزگەندىن كېيىنكى ئىككى سائەت ئىچىدە ئالدىن سوغۇق بىر تەرەپ قىلىشنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق؛ شۈنفېڭ سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، شاخ ئۇچىدىن ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغىچە يېڭى پېتى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق» دەپ تونۇشتۇردى ئاتۇش تۇشىنشيەن ئېكولوگىيە يېزا ئىگىلىكى پەن- تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى يى ۋېي. 

 «تۇشىنشيەن» ماركىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاتۇش شەھىرى 2000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سېخى قۇرۇپ، ئاپتوماتلاشقان ئوراپ قاچىلاش، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزدى. بۇ خىل «داڭلىق ماركا + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى تارقاق كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەشكىللىك كەسىپ زەنجىرىگە ئايلاندۇردى. 

 مۇخبىر ئاتۇش شەھىرى يېنىك سانائەت باغچە رايونىدىكى «تۇشىنشيەن» پىششىقلاش مەركىزىگە كىرگەندە، ئاقما لىنىيە ئەنجۈرنى پىششىقلاپ ئەنجۈر قېقى، ئەنجۈر مۇرابباسى، ئەنجۈر ھارىقى قاتارلىق سەككىز خىل مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇۋاتاتتى. 

 بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى تامدىكى كەسىپ زەنجىرى خەرىتىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىز بىر تال ئەنجۈرنىڭ قىممىتىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇردۇق، يەنە ئوراش- قاچىلاش، باسما، لايىھەلەش قاتارلىق يانداش كەسىپلەرگە تۈرتكە بولدۇق».

 بۇ خىل «كۆپەيتىش ئەمىلى ئۈنۈمى» ئاتۇشتا ھەممە يەرگە كېڭەيمەكتە. «تۇشىنشيەن» ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىگە تايىنىپ، بۇ جاي ئىككى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىسىنى ماكانلىشىشقا مۇۋەپپەقىيەتلىك جەلپ قىلىپ، ئەنجۈر ئېنزىمى قاتارلىق 12 خىل يېڭى مەھسۇلاتنى ئاچتى.

 كۇنشەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى خۇاڭ ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى:«كۇنشەننىڭ يېمەكلىك تەتقىق قىلىش- ئېچىش كوللېكتىپى دائىم ئاتۇشقا كېلىپ دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ياخشىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك مېۋە نىسبىتىنى %60تىن %85كە ئۆستۈردى؛ ھەتتا ئىلگىرى تاشلىۋېتىدىغان مېۋە تىرىپىنىمۇ بىيو پەن- تېخنىكا شىركىتى سېتىۋېلىپ ئورگانىك ئوغۇت ياساپ، يېشىل ئايلىنىشنى شەكىللەندۈردى». 

 ئاتۇش شەھىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، رىياسەتچى گۈلمىرە يان تېلېفونى ئارقىلىق تورداشلارغا يېڭىلا ئىشلەپچىقىرىلغان ئەنجۈر مۇرابباسىنى كۆرسەتتى. ئۇ كامېرا ئالدىدا تەمكىن، ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا تۇرغان بولۇپ، يېرىم يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ ھەتتا كامېراغا قاراشقىمۇ پېتىنالمايدىغان يېزىلىق قىز ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس ئىدى. «تۇشىنشيەن» ماركىسى كوللېكتىپى ئۇنىڭغا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ماھارىتىنى ئۆگىتىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلارنى تاللاشتىن سېتىشتىن كېيىنكى ئىشلارغىچە بولغان مۇكەممەل تەرتىپ بەرپا قىلىشىغا ياردەم قىلدى. بۇ خىل ئۆزگىرىش دەل «تۇشىنشيەن» ئىزدىنىۋاتقان «قوش موتور» مېخانىزمىنىڭ جانلىق ئىپادىسى.

 جياڭسۇنىڭ قىزىلسۇغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت سۈپەت سۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇپ، ھەمكارلىق بازىسىغا قارىتا قاتتىق دەلىللەش ئېلىپ باردى؛ بازار ھالقىسىدا كەسپىي تىجارەت كوللېكتىپىنى كىرگۈزۈپ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق بىرىنچى قاتاردىكى شەھەرلەردە ئامباردا ساقلاش، تەقسىملەش- يەتكۈزۈش مەركىزى قۇردى.

 بۈگۈنكى كۈندە، «تۇشىنشيەن» ماركىسىنىڭ دائىرىسى داۋاملىق كېڭىيىپ، يېڭىدىن ئېچىلغان مۇناقى ئۈزۈم، بادام قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئارقا- ئارقىدىن بازارغا سېلىندى. كۇنشەندە ئۆتكۈزۈلگەن تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، پامىر تامغىسى بېسىلغان خاس مەھسۇلاتلار 20دىن ئارتۇق سېتىش سودىگىرىنى كېلىشىم ئىمزالاشقا جەلپ قىلدى. «تۇشىنشيەن» ماركىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىگە كۈچ قوشۇپ، ئاتۇشنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بازار ئېچىپلا قالماي، بۇ جاي ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. 

 كېيىنكى قەدەمدە، «تۇشىنشيەن» ماركا قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنى كېڭەيتىش ۋە سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. كۇنشەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى مىڭ ئېيتقاندەك: «بىز <تۇشىنشيەن>نى <بىردەملىك يېڭىلىق> قىلىپ قويماي، تېخىمۇ مۇھىمى جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتقان، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزىمىز».

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125