كۈچ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدۇ، بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلالايدىغان مىللەتنىڭ ئىستىقبالى بولىدۇ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلالايدىغان پارتىيە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايدۇ. جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھىغا، ئۇلۇغ كۈرەش روھىغا ئىگە خەلق. پارتىيە ۋە خەلق قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ روشەن مەنىۋى بەلگىسى.
— 2025- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى، «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىدىكى مۇقەررەر يول» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى