ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا
6- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن باشلاپ، جاڭ جۇڭ رېژىسسورلۇق قىلغان، لى شۆجيەن باش رول ئالغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تېمىسىدىكى كىنو «ئاقدالا» پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىنوخانىلار ۋە توردا ئاشكارا قويۇلدى، بۇ كىنو مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار» ناملىق رومان ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، 60 يىلنى بېسىپ ئۆتكەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇساپىسى تومۇر قىلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، ياشلىق باھارىنى بېغىشلاش ھېكايىسى نامايان قىلىنغان.
«بۇ ئەسەردە بىرنەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كېۋەزنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىپ يېتىشتۈرۈش ھېكايىسى ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىش نامايان قىلىنغان». رېژىسسور جاڭ جۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ كىنو جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ بىر قېتىملىق ئەدەبىيات- سەنئەت ئەمەلىيىتى بولدى.
يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركەزدىكى ئورۇنلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مەركەز كارخانىلىرى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، بوشاشماي تىرىشىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت- ساياھەت تۈرلىرىنى پىلانلاش، قۇرۇش، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇشقا كۈچ قوشتى.
بازىنىڭ ئۇلى مۇستەھكەملىنىپ، مەدەنىيەت ئوزۇقى ئارقىلىق چېگرا رايون ئوزۇقلاندۇرۇلدى
«مەكتەپتە <ئاقىل ئورمان> رەقەملىك كۇتۇپخانىسى بار بولغاندىن بۇيان، مەن ھەر ھەپتىدە كېلىپ <ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە>دىن بىر بۆلەكنى ئۈنگە ئېلىۋالىمەن، ئۆزۈمنى ھېكايىدىكى پېرسوناژغا ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن». 6- ئاينىڭ 30- كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 5- يىللىق ئوقۇغۇچىسى جاڭ رۇيكەي مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم مىكرو ئۈن ئېلىش ئۆيىدىن چىققان چاغدا، ئۈنگە ئالغان ھېكايىنى ساۋاقداشلىرىمغا ھەمبەھرىلەيمەن، كۆپچىلىك چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسەدىكى پېرسوناژلارنىڭ ھېكايىلىرىنى مۇنازىرە قىلىمىز، سىنىپ ئىچى كۈلكە سادالىرىغا تولۇپ كېتىدۇ.
جياڭسۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ بەرپا قىلغان بۇ «ئاقىل ئورمان» رەقەملىك كۇتۇپخانىسىدا 30 مىڭ پارچە قەغەز نۇسخىدىكى كىتاب ۋە 45 مىڭ پارچە تور كىتابى بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دېكلاماتسىيەخانا قاتارلىق رەقەملەشكەن ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن بولۇپ، مەپتۇن بولۇش شەكلىدىكى كىتاب ئوقۇش بوشلۇقى بەرپا قىلىنىپ، چېگرا رايوندىكى بالىلارنىڭ كەڭ دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشى ئۈچۈن كۆۋرۈك سېلىندى.
«جياڭسۇ ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، 7 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مۇزېي قۇرۇلۇشىنى قوللىدى، 21 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ قىزىلسۇ ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ 800 كىۋادرات مېتىرلىق ئاڭلىتىش زالىنى قۇردى ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە سارىيى، يېزا- كەنت <شىنجاڭنى بەش جەھەتتىن گۈللەندۈرۈش> كىچىك ھويلىسى ۋە كۆپلىگەن مەدەنىيەت مەيدانلىرىنىڭ ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزدى»، دېدى جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ لېي.
مەدەنىيەت بازىسى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئۈچۈن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت مۇلازىمەت پونكىتى بەرپا قىلىش، رەقەملىك كۇتۇپخانا قۇرۇش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈردى.
شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەندۇڭ ياردەم بېرىپ قۇرغان يېڭىسار ناھىيەلىك مۇزېي بۇ يىل 5- ئاينىڭ 18- كۈنى ئېچىلدى، 213 دانە يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىش ھەم چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش لايىھەسى ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان يېڭى كۆزنەك ۋە مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلغان يېڭى يەر بەلگىسىگە ئايلاندى. شەندۇڭ جىنىڭ جەمئىي 12 مىليون يۈەندىن كۆپرەك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، مەيدان- ساراي قۇرۇلۇشى، كۆرگەزمە لايىھەلەش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەم يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا ئىشلەتتى.
جياڭسۇنىڭ ئىلىغا ياردەم بېرىش ھەرقايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ قوللىشىدا، ئانارگۈلى كۆرگەزمە سارىيى، قورغاس ناھىيەلىك مۇزېي قاتارلىقلار جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى، شەھەر- يېزىلارنى قاپلىغان «ئانار دانىسى كىتاب ئوقۇش ئۆيى» «چيۇبەي بىلىم يۇرتى» ئاممىغا كىتاب ئوقۇش جەريانىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى ھېس قىلدۇردى. خېنەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە قومۇلدا مەدەنىيەت يەر بەلگە توپى بەرپا قىلدى − 33 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ زو زۇڭتاڭ مەدەنىيەت باغچىسى قۇردى، 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى قۇردى، 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ خېنەن − شىنجاڭ تارىخ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى قۇردى. فۇجيەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە بۇلتۇر مەدەنىيەت تۈرى مەبلىغىنىڭ نىسبىتىنى %8.6تىن %10.5كە ئۆستۈرۈپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا 12 «پۇقرالار كىتاب ئوقۇش ئۆيى»، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە زالى ھەم پەن- تېخنىكا سارىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەدەنىيەت بازىلىرىنى قۇردى.
شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ سىجىل كۈچ قوشۇشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى.
ئەدەبىيات- سەنئەت كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، يۇغۇرۇلۇش ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى جۇلالاندۇردى
6- ئاينىڭ 29- كۈنى كەچتە، خوتەن كىنو- تىياتىرخانىسىدا چىراغلار يوپيورۇق بولۇپ، «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىر دائىملىق قويۇلۇۋاتاتتى. بۇ تىياتىرنى بېيجىڭ ئويۇن قويۇش گۇرۇھى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان، خوتەن يېڭى قاشتېشى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، بېيجىڭ جەمئىي 10 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ ئاجرىتىپ ئۈسكۈنىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلەتتى. ئارتىس نۇربىيە مۇتەللىپ مۇنداق دېدى: «بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بىزنىڭ ئويۇن قويۇش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاماشىبىنلارغا يۈزلەندۈردى». بۇ تىياتىر بۇ يىل 30 نەچچە مەيدان قويۇلۇپ، خوتەننىڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشىدىكى ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىغا ئايلاندى.
مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى، مىللەتلەر ئىناقلىقىنىڭ روھى. مەدەنىيەتنى ۋاسىتە قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما قايتا- قايتا ئالماشتۇرۇش، ئۇچرىشىش داۋامىدا، قەلبلەر بارغانسېرى يېقىنلاشتى، مېھىر- مۇھەببەت بارغانسېرى قويۇقلاشتى، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان تۇپراقتا، مەدەنىيەت بىلەن سۇغىرىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلماقتا.
كۆركەم كۈسەن تام رەسىملىرى، قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بوز يەر ئېچىپ چېگرانى قوغداش، جۇڭگو − پاكىستان تاشيولىنى ياساش... ھەربىر تەسىرلىك كۆرۈنۈش 70 نەچچە يىلدىن ھالقىغان شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تارىخىي مەنزىرىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى. شاڭخەي سېرك ئۆمىكى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى سېرك ئۆمىكى قاتارلىق ئۆمەكلەرنىڭ ئارتىسلىرى بىرلىكتە ئورۇنلىغان سېرك تىياتىرى «تىيانشاندىكى قار» 17- نۆۋەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
«شاڭخەي بىلەن شىنجاڭ ئىككى جاي قول تۇتۇشۇپ ئىجاد قىلغان <تىيانشاندىكى قار> شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تارىخىنى چوڭقۇر قېزىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەدەبىيات- سەنئەت نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي نامايان قىلدى». «تىيانشاندىكى قار»نىڭ سەنئەت باش نازارەتچىسى يۈ يىگاڭ مۇنداق دېدى: بۇ تىياتىر پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە قويۇلۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى.
شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر مەۋقەنى رايون خاسلىقىغا قويۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى يېڭىلىق يارىتىپ قانات يايدۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى لىڭنەن مەدەنىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مەكتەپلەردە يىڭگې ئۇسسۇلى، چاۋجۈ تىياتىرى قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنى ئومۇملاشتۇردى. لياۋنىڭ ئۆلكىسى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «قوش يۆنىلىشلىك ھەمتۈرتكە بولۇش» مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ھەم لياۋنىڭ − شېنياڭ جېڭى خاتىرە سارىيىدىكى كەسپىي ئۆمەكنى تارباغاتايغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللىدى، ھەم سالىقجان ئىمىن قاتارلىق ئىلغار نەمۇنىچىلارنى لياۋنىڭغا بېرىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، قىزىل بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. جياڭسۇ ئۆلكىسى جياڭسۇ − ئىلى رىشتى. مىللەتلەر يۇغۇرۇلۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، جياڭسۇ بىلەن ئىلى ئىككى جاينىڭ كەڭ ئارىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.
ھەربىر نادىر تىياتىر مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش گۈزەل سەھىپىلىرىنى نامايان قىلماقتا، ھەربىر مەيدان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى قەلبلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بەرپا قىلماقتا، تۈرلۈك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تۇپرىقىنى سۇغارماقتا... شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر شىنجاڭغا مەدەنىيەت ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدا يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.
مەدەنىيەت- ساياھەت كۈچ قوشۇپ، ئارزۇدىكىدەك جايدا يېڭى مەنزىرە سىزىپ چىقىلدى
ياغاچ ئىشىك ئارقىسىغا مىڭ يىللىق تارىخ يوشۇرۇنغانىدى، رومبا شەكىللىك دېرىزىدىن قەدىمكى بىلەن بۈگۈننىڭ يۇغۇرۇلۇشى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كۇچا كۈسەن تار كوچىسىغا كىرگەندە، 33 خىل كەسىپ ھالىتى جېجياڭ مەدەنىيەت- ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «قوش مەرۋايىت» پىلانىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى − غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىدىن ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىغىچە، خاس يېمەك- ئىچمەكتىن ئادىمىيەت مەنزىرىسىگىچە، كۈسەن مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن بۇ تار كوچا ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ كېلىشكە جەلپ قىلدى. كۇچا شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گاۋ شيەنجى مۇنداق دېدى: جېجياڭ مەدەنىيەت- ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «قوش مەرۋايىت» پىلانىنىڭ تۈرتكىسىدە، كۈسەن تار كوچىسى يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، ئەنئەنىۋى ھويلا- ئارانلار يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى، 2024- يىلى جەلپ قىلىنغان ساياھەتچى 1 مىليون ئادەم قېتىم بولدى.
جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى تەشۋىقات- مەدەنىيەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فېڭ رېنفاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ئالغا سىلجىتقان جېجياڭ مەدەنىيەت- ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «قوش مەرۋايىت» پىلانى كۈچنى مۇجەسسەملەپ تۆمۈر دۇنيا تەبىئەت مىراسى ۋە كۈسەن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىدىن ئىبارەت ئىككى نۇرلۇق مەرۋايىت بەلبېغىنى بەرپا قىلدى. ھازىرغىچە، «قوش مەرۋايىت» شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 127سى پىلانلاپ يولغا قويۇلۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت تۈرىدىن 151نى يولغا قويۇشىغا تۈرتكە بولدى، 523 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، جەمئىيەت مەبلىغىنىڭ 3 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، كۇچا كۈسەن تار كوچىسى، توقسۇ ناھىيەسى تيەنلەي جاي مەنزىرە رايونى، ئارال شەھىرى قۇملۇق دەرۋازىسى مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تۇنجى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشتى.
قابا ناھىيەسىنىڭ چىبار بازىرىغا جايلاشقان جىلىن يېڭى كەنتى ئەسلىدىكى چارۋىچىلار ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسى بولغان ئايدار ئۇيەكى كەنتى ئىدى. جىلىننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەدىتىدە، بۇ كەنت 15 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشىپ، ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇشنى تاماملىدى ھەم مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامىنى «جىلىن يېڭى كەنتى»گە ئۆزگەرتتى، كەنت شىنجاڭنىڭ رايون خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىللە، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ساياھەت مۇلازىمىتى بىر گەۋدىلەشكەن زامانىۋى يېزا- كەنتكە ئايلاندى.
«مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ قىزغىن قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، مەنزىرە ئېلىنىدىغان ئاساسلىق جايلارنىڭ بىرى بولغان جىلىن يېڭى كەنتى تېزدىن داڭ چىقىرىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. نۆۋەتتە، بۇ كەنت ئەمەلىي نۇسخىدىكى «سەيخۇڭبۇلاق» مەنزىرە رايونى قۇرۇپ، تەبىئىي مەنزىرە، ئۆرپ- ئادەتنى ھېس قىلىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۇغۇرۇلغان ئۇنىۋېرسال ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.
شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش مەنىۋى ئوزۇق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان «يېپىشتۇرغۇچ»قا ئايلاندى. «بىز ۋۇشىغا بېرىپ ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارىتى تەجرىبىسىنى ئۆگەندۇق، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئائىلىۋى مېھمانخانا ئاچتۇق، يۇرتداشلار ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان بولدى». قورغاس ناھىيەسى كۈرە بازىرى يانبۇلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جەمىلە غوپۇر مۇنداق دېدى: جياڭسۇ ئىلىغا ياردەم بېرىش . ۋۇشى (جياڭيىن) خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە، كەنتىمىز تارىخىي مەدەنىيەت بىلەن مىللىي ئۆرپ- ئادەت بىر گەۋدىلەشكەن خاس ساياھەت نۇقتىسى قىلىپ بەرپا قىلىندى.
مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىدىكى «قاتتىق تىرەك»تىن ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتىكى «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش»قىچە، يەنە مەدەنىيەت- ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى «يېڭى قۇۋۋەت»كىچە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئىزاھلىماقتا: ھەم تارىخ مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تومۇرىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىنى كۆزلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ كۈچ قوشۇش ئارقىلىق مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)