− گۇيجوۋ، شىزاڭ، شىنجاڭ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ شىن، يۈ تاۋ، لۇ دەنياڭ
مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىدە، گۇيجوۋ، شىزاڭ، شىنجاڭ ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قاتارلىق جايلار ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى سىجىل بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش داۋمىدا ئۆگىنىش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ، ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.
ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ ئالغا سىلجىتىلدى
يېقىندا، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ بازىرى پاچچەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى توكلىغۇچ كەمچىل بولغاچقا توكلۇق ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش تەس بولۇۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسى تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمىدىن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن كېڭىشىپ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا يېڭىدىن تۆت توكلىغۇچ ئورنىتىپ، «ئىلتىماس قىلغان ھامان دەرھال بېجىرىش»تىن ئىبارەت ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىلتىماس- تەلىپىنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى.
شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرىدە، ئۆگىنىش- تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن شەھەردىكى 580 پارتىيە (باش) ياچېيكىسى جەمئىي 4730 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشنى قانات يايدۇردى؛ تىپىك دېلو مىساللىرىنى تەھلىل قىلىش ۋە ئىستىلنى ياخشىلاشنى چۆرىدەپ، 1317 مەيدان قېتىم «دېلو مىساللىرىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى» «ئىستىل توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن سۆھبەت» قاتارلىق ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئائىلىگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق خەلق رايىنى كەڭ قوبۇل قىلدى، ئاتۇش شەھىرى جەمئىي 673 پىكىر- تەكلىپ توپلىدى ھەم مەسىلە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان 1728 مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىسىدىن 95نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.
ھەرقايسى جايلار ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈش، ئوتتۇرىغا قويۇش، تۈزىتىش، ئوچۇق- ئاشكارا تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىش- تەربىيەسىدە ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.
شىزاڭ رېكازې شەھىرى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېتىبارسىز قاراش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا پەرق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چىڭ قادىلىپ، «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى قوللىنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىنى سىجىل ياخشىلىدى، ناھىيە دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار 145 تېمىنى تېما بەلگىلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلدى.
گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ گۈيياڭ شەھىرى ئۆگىنىشنى باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان «بارماق ئۇچىدىكى مەسئۇلىيەت»نى چىڭ كۆزلەپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا زىيادە ئىز قالدۇرۇش، مەجبۇرىي ئىشلىتىش قاتارلىق ئالاقىدار مەسىلە يىپ ئۇچىدىن 14نى توپلىدى. «ئېنىقلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ ئاچقۇچلۇق ھالقىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىچكى قىسىمدا ئىشلىتىلىدىغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئەمەلىي پىروگراممىسىدىن 12نى ئېنىقلاپ توختاتتى، تۆتنى يۆتكەپ بىرىكتۈردى، App سانىنىڭ %34ىنى قىسقارتتى.
خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى
مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6- شى ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى «كىچىك دائىرە» ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش- تەربىيەسى نەتىجىسىنى ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇردى.
ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، يول تار بولۇش، سۇ تۇرۇبىسى ئېقىپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر كونا ئولتۇراق رايونلاردىكى ئاھالىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. بۇ يىلدىن بۇيان، ۋۇجياچۈ شەھىرى 50 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، چىڭخۇ يولى كوچىسى، جۈنكېن يولى كوچىسى قاتارلىقلاردىكى تۆت كونا ئولتۇراق رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى يولغا قويدى، ئاساسلىقى ئولتۇراق رايوندا يېڭىدىن 9884 كىۋادرات مېتىر ئاسفالت يول ياسىدى، ئولتۇراق رايوننىڭ كىرىش- چىقىش ئېغىزىدىن 14نى ئۆزگەرتتى، 3979 مېتىر مەنزىرە سۇ تۇرۇبىسى تورىنى ئالماشتۇردى.
دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، رېكازې شەھىرى نەنمۇلىن ناھىيەلىك مەمۇرىي تەستىق ۋە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ئىدارىسى «ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىش» «بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئالدىن كېلىشىپ كەسىپ بېجىرىش» قاتارلىق خاس مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويۇپ، «بېجىرەلمىگەن ئىش»نى ئىنكاس قىلىش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، ئامما ئىنكاس قىلغان «ئىش ۋاقتىدا بېجىرىشكە چولى تەگمەسلىك، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بېجىرىدىغان ئورۇن بولماسلىق»تىن ئىبارەت ئىستىل مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، 200دىن ئارتۇق چىگىش، قىيىن مەسىلىنى ئۈنۈملۈك بېجىردى.
«مەمۇرىي تەستىق ئىسلاھاتى كارخانىلارنىڭ چوڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى». گۇيجوۋ چېنيۈەن قۇرۇلۇش ئەمگەك مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ بېجىرگۈچىسى ياڭ ئەپەندى مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.
ئۆگىنىش- تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، گۇيجوۋ گۇيئەن يېڭى رايونى مەمۇرىي تەستىق ئىدارىسى كارخانا، ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى. 6- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن باشلاپ، قۇرۇلۇش ئەمگەك مۇلازىمىتى سالاھىيەت كەسپىنى ھەر ھەپتىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قوبۇل قىلىشتىن ھەر كۈنى بېجىرىشكە ئۆزگەرتتى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىنى تۆت كۈندىن ئىككى كۈنگە قىسقارتتى. بۇ چېنيۈەن شىركىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ تۈرلۈك تۈزىتىشنى تاماملىشىغا ھەم 6- ئاينىڭ 30- كۈنى سالاھىيەت قەرەلى توشۇشتىن بۇرۇن قەرەلىنى ئۇزارتىشىغا ياردەم بېرىپ، تىجارەت كىرىزىسىنى ھەل قىلدى. نۆۋەتتە، ئۈچ كارخانا نەپكە ئېرىشىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى.
جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەر باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىندى
جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىگە دۇچ كەلگەندە، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش- ئالماسلىق، ئالدىدا مېڭىش - ماڭماسلىق ئىستىلنىڭ ساپلىقىنى سىنايدىغان سىنتاش.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شىزاڭ رېكازې شەھىرى دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى. ئاپەتكە ئۇچرىغان ھەرقايسى ناھىيەلەر ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا سىجىل يېتەكلەپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش نەتىجىلىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ئارقىلىق ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى سىنىدى.
دىڭرى ناھىيەسىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق 645 كادىر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، 519 ئاساسىي دائىرە بۆلىكىگە بۆلۈنۈپ، ئاساسىي قاتلامنى تۈزەشكە 3685 ئادەم (قېتىم) ئەۋەتىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى پىسخىكىلىق يېتەكلەش پائالىيىتىنى 472 مەيدان (قېتىم) قانات يايدۇردى؛ ساجا ناھىيەسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى «پارتىيە ئەزالىرى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش زەربىدارلار ئەترىتى»دىن 13نى تەشكىللەپ قۇردى، ئورگاندىكى 36 پارتىيەلىك كادىر ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چۆكۈپ، «قۇرۇلۇش ماسلاشتۇرغۇچى»سى بولۇپ، پۈتۈن جەرياندا ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆيلۈك يەر، قوشنىلار ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرالارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلدى.
ئۆگىنىش- تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى تۇتقا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاممىنى ھېس قىلىش ۋە مەنپەئەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولدى.
«بۇ قېتىم كەلكۈن تېشىپ كىرگەن ئۆيدىكى سۇنىڭ ئېگىزلىكى بىر مېتىردىن ئاشتى، پۇت- قولۇمنىڭ ھەرىكىتى قولايسىز بولغاچقا، لاي- لاتقىلارنى تازىلاشقا ئامالسىز قالدىم، ھېلىمۇ ياخشى ھۆكۈمەت كادىرلىرى كېلىپ ياردەم قىلدى»، دېدى گۇيجوۋ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن ئوبلاستى جىنپىڭ ناھىيەسى سەنجياڭ بازىرى شياۋجياڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياڭ زوۋۇ.
6- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن بۇيان، چيەندۇڭنەن ئوبلاستى قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلدى. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتتى. سەنجياڭ بازىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى زېڭ شيەنيى مۇنداق دېدى: «بىز نۆۋەتتە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىمىز، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياردەم بېرىمىز».
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)