ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ
«ئاڭلىسام نىيازخان ھەبىبۇللا ئاغرىپ قاپتۇ، لاۋ فېڭ كۆپچىلىكنى ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە تەشكىللەپتۇ، مەن ئەمدىلا سىرتتىن قايتىپ كەلدىم، ئۇنىڭ كېسىلى قانداقراق؟» «خېلى ياخشى بولۇپ قالدى، ھازىر شەھەردە دوختۇرخانىدا يېتىۋاتىدۇ»...
7- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋانچىڭ رايونى دۇڭگوۋ يېزىسى يۆياۋەن كەنتىنىڭ كەنت ئېغىزىدىكى بىر كىچىك دېھقان ھويلىسىدا، بىرنەچچە كەنت ئاھالىسى دەرەخ سايىسىدە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتاتتى. ھويلىنىڭ ئىگىسى فېڭ چېڭگو بىر تەرەپتىن كۆپچىلىكنى چاي ئىچىش، تاۋۇز يېيىشكە تەكلىپ قىلىپ، بىر تەرەپتىن نىيازخاننىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردى.
176 ئادەم دائىم تۇرۇشلۇق بۇ كىچىك كەنتتە، 74 ياشلىق فېڭ چېڭگو نامى چىققان قىزغىن ئادەم. ئۇنىڭ كىچىك ھويلىسىدا ھەمىشە ئادەم ئۈزۈلمەيدىغان بولۇپ، ھەر قېتىم قولۇم- قوشنىلار قىيىن ئىشقا يولۇققاندا، بۇ جاي كۆپچىلىك مەسىلىنى كېڭىشىپ ھەل قىلىدىغان جاي بولۇپ قالاتتى.
بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، بىر مەيدان ئالاھىدە قوشنىلار سەپەرۋەرلىك يىغىنى ھويلىنى يەنە بىر قېتىم ئادەم بىلەن لىق تولدۇردى.
«نىيازخان ئاغرىپ قاپتۇ، بىز ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئۇنىڭغا بىرلىكتە ياردەم قىلايلى». فېڭ چېڭگو نىيازخاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى قولۇم- قوشنىلارغا بىر- بىرلەپ ئېيتىپ بەردى. كەنت ئاھالىلىرى ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلەپ، ئاغرىپ قالغان نىيازخانغا قانداق ياردەم بېرىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى.
«ئىتتىپاقلاشقاندا كۈچ زور بولىدۇ، قانچىلىك كۈچىمىز بولسا، شۇنچىلىك كۈچ چىقىرايلى». كەنت ئاھالىسى ئابدۇسېن ياسىننىڭ سۆزىگە كۆپچىلىك دەرھال قوشۇلدى. بەزىلەر ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شۇنداق، گەرچە كەنت ئاھالە كومىتېتى يار- يۆلەك بولغان، دوختۇرخانىدا ياتسا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ يۈكى خېلى يېنىكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن قانچىلىك كۈچ چىقىرىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، بۇ كۆڭلىمىزنى ئىپادىلىگىنىمىز بولىدۇ».
10 يۈەن، 20 يۈەن، 50 يۈەن... بىردەمدىلا، ھويلىدىكى ئۈستەلگە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ئىپادىلىگەن كۆڭۈللىرى» دۆۋىلىنىپ كەتتى.
ئابدۇسېن فېڭ چېڭگوغا قاراپ مۇنداق دېدى: «لاۋ فېڭ، بۇلتۇر مەن ئېھتىياتسىزلىقتىن توكسىكلىتتىن يىقىلىپ چۈشكەندە، سىز دەرھال مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، ماڭا ياردەم قىلىپ داۋالىنىش، دورا خىراجىتىمنى تۆلەپ قويۇپلا قالماي، يەنە مېنى قايتا تەكشۈرتۈشكە ئېلىپ باردىڭىز، بۇلارنى مەن كۆڭلۈمدە ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى سىزدىن ئۆگىنىشنى خالايدۇ، كەنتىمىزدە ئادەمگەرچىلىك كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى».
سۆزلەپ تەسىرلىك يېرىگە كەلگەندە، كەنت ئاھالىسى زوۋىيقان ئوسمان ئۇنىڭ گېپىگە ئۇلاپلا مۇنداق دېدى: «ئەگەر لاۋفېڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماڭا كېپىل بولۇپ بەرمىگەن بولسا، ئۆيۈمنى سالالمىغان بولاتتىم. ھازىر كەنتتە كىمگە ياردەم كېرەك بولسا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىدۇ، چۈنكى بىز ھەممىمىز بۇ ياردەمنى قوبۇل قىلىپ باققان».
«مەن ياشىنىپ قالدىم، بالىلىرىمنىڭ ھەممىسى چوڭ بولۇپ كەتتى، چوڭ كېلىنىم، ئىككىنچى ئوغلۇم، قىزىم پارتىيەگە كىردى، مەن ھەمىشە ئۇلارغا پارتىيە ئەزاسى بولغان ئىكەنسىلەر دۇرۇس بولۇپ، يۇرتداشلارغا قۇربىڭلارنىڭ يېتىشىچە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىڭلار، دەيمەن». فېڭ چېڭگو سۆزلىگەچ چەينەكنى ئېلىپ، پىيالىلەرگە بىر- بىرلەپ چاي لىقلاپ قۇيدى.
فېڭ چېڭگونىڭ خوتۇنى ئىبادەم نايىت تۆت يىل ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە بىر قىزى بار ئىدى. ئوغۇل- قىزلىرى دائىم نەۋرىلەرنى ئېلىپ كەلگەندە، ھويلىدا ھەمىشە كەيپىيات قىزىپ كېتەتتى. بىكار تۇرۇپ قالسا ئىچى پۇشىدىغان فېڭ چېڭگو تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنتتىكى زىددىيەت، ماجىرالار مۇرەسسەچىسى بولدى، ئۇ كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان، ئىشنى ئادىل بېجىرىدىغان بولغاچقا، كەنتتىكىلەر بىرەر ئىشقا يولۇقسا، بىردەك بۇ ئاۋات ھويلىغا كېلىپ ئۇنى ئىزدەشنى خالايدۇ. كۆپچىلىك چاي ئىچكەچ پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، داۋلى سۆزلەپ، كەڭ- كۇشادە پاراڭلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆڭۈللەردىكى تۈگۈنمۇ يېشىلىدۇ.
ئالدىنقى كۈنلەردە، كەنتتە تېخى كەنت قىياپىتى مەركەزلىك ئۆزگەرتىلمىگەچكە، نۇرغۇن يۇرتداشلار تىت- تىت بولغانىدى. فېڭ چېڭگو بۇ ئوينى كەنت «ئىككى كومىتېت»ىغا ئىنكاس قىلدى. يېزا ۋە كەنتنىڭ پائال مەبلەغ غەملەۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ دەرھال ھويلىسىغا قايتىپ كېلىپ، بۇ خۇش خەۋەرنى كۆپچىلىككە يەتكۈزدى.
«شۇنداق، كەنتىمىزنىڭ تۇرۇبا سۈيى تورى، يۇندى تۇرۇبا تورى ئۆزگەرتىلگىنىگە ئەمدىلا ئىككى يىل بولدى، چوڭ ئىشلارنى بىر- بىرلەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، مەبلەغنى غەملەشكىمۇ ۋاقىت كېتىدۇ، بىز ئالدىراقسانلىق قىلساق بولمايدۇ». فېڭ چېڭگو داۋلىنى ئېنىق چۈشەندۈردى، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىدە «تۈگۈن» قالمىدى، قالغىنى پەقەت گۈزەل يېزا- كەنتكە بولغان ئۈمىدى بولدى.
ھازىر، بۇ ھويلا بارغانسېرى ئاۋاتلاشتى. يۆياۋەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئانارنىڭ دانىسىدەك تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتى.
2021- يىلى، فېڭ چېڭگو ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس بولۇپ باھالاندى. «زىددىيەتلەرنى مۇرەسسە قىلىش بولسۇن، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش بولسۇن، لاۋ فېڭ ھەمىشە ئالدىدا ماڭىدۇ». يۆياۋەن كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۇنچۈەن مۇنداق دېدى: «بىر نەمۇنىچى خۇددى بىر <قەلبلەرنى ئىللىتىش چىرىغى>غا ئوخشاش بىر جاينى يورۇتالايدۇ. كۆپچىلىك ئۆزئارا ئېجىل- ئىناق ئۆتۈپ، بىر- بىرىگە ياردەم بەرسە، كۈنلەر تەبىئىي ھالدا بارغانسېرى مەنىلىك ئۆتىدۇ».
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)