كىچىك كەنتتە ساقلانغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى، ئۈچ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرغان «ئېيىق ئۇسسۇلى» مۇھەببىتى
12:09:09 2025-07-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

 يەردە دۈم يېتىپ، بەدىنىنى ئاستا- ئاستا كېرىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۆزىنى ئېچىپ، ئاسمانغا بېقىپ قۇياشقا قاراش؛ بېلىنى سوزۇپ، پۇتى بىلەن يەرنى تىرەپ تۇرۇپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، بەش بارمىقىنى ئېچىپ، بوينىنى تولغاپ، مۈرىسىنى قىسىپ، بېغىشىنى ئۆرۈپ، بىلىكىنى سىلكىش... 6- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جېمىنەي ناھىيەسى جېمىنەي بازىرى توپان كەنتىدە، قايىربېك قابىكىن ئىككى بالىسى بىلەن ئۆيىدە قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلى «ئېيىق ئۇسسۇلى»نى ئوينىدى، دومبىرادا تەڭكەش قىلىش بىلەن مېھمانخانا سەھنىگە ئايلاندى، كىچىك ھويلا تىياتىرخانىغا ئوخشاپ قالدى. «چېگرانى بويلاپ تۈمەن چاقىرىملىق سەپەر قىلىش- ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى»نىڭ ئەزالىرى بەس- بەستە يان تېلېفون، فوتو ئاپپاراتلىرىنى ئېلىپ، بۇ ئاز ئۇچرايدىغان مەنزىرىنى خاتىرىلىدى.

 «ئېيىق ئۇسسۇلى» ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، قومۇل شەھىرىنىڭ باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا ھازىرغىچە ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلگەن، 2007- يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

 «<ئېيىق ئۇسسۇلى> قازاق مىللىتىنىڭ قەدىمىي ئوۋ ئوۋلاش مەدەنىيىتىدە يىلتىز تارتقان، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ھايۋانات تەقلىدىي ئۇسسۇلى بولۇپ، قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مۇزىكىسى بولغان <قارا جورغا> قاتارلىقلار تەڭكەش قىلىنغان، ئاساسلىق ئورۇنلىنىدىغان چالغۇ دومبىرا». جېمىنەي ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: جېمىنەي يايلىقىدا تارقالغان «ئېيىق ئۇسسۇلى»، «ئېيىقچە مېڭىش ئۇسسۇلى»، «توكۇر ئېيىق ئۇسسۇلى»، «ئېيىق سوقۇشتۇرۇش ئۇسسۇلى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، «ئېيىقچە مېڭىش ئۇسسۇلى» بىلەن «توكۇر ئېيىق ئۇسسۇلى» بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. «ئېيىقچە مېڭىش ئۇسسۇلى»نى يالغۇز كىشى ئورۇنلايدىغان بولۇپ، جانلىق، ئوماق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئېيىقنىڭ ساددا، ئوماق ھەم ھوشيار، ۋەھشىي بولغان كۆپ تەرەپلىمە ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ؛ «توكۇر ئېيىق ئۇسسۇلى»نى ئۈچ كىشى ھەمكارلىشىپ ئوينايدۇ، ئۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئېيىق، خەتەرگە يولۇققۇچى ۋە ئوۋچىنىڭ رولىنى ئېلىپ، ئېيىقنىڭ يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىش، ئادەم بىلەن ئېيىق ئېلىشىش، ئوۋچىنىڭ ئېيىق پۇتىنى ئېتىپ يارىلاندۇرۇپ خەتەرگە يولۇققۇچىنى قۇتقۇزۇش ۋەقەلىكى مۇكەممەل ئىپادىلىنىدۇ. «ئېيىق ئۇسسۇلى»نىڭ ئورۇنلىنىش ئۇسلۇبى قىزىقارلىق، ئاددىي، تۇرمۇش پۇرىقىغا تولغان بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

 «بىز بۈگۈن ئورۇنلىغىنىمىز <توكۇر ئېيىق ئۇسسۇلى>». بىر مەيدان ئۇسسۇل ئوينىغاندىن كېيىن، قايىربېكنىڭ پېشانىسىدىن تەرلەر تەپچىپ چىقتى، ئۇ قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن ئويۇن قويۇش كىيىمى ۋە ئۆتكۈر «ئېيىق تىرنىقى» بار پەلەينى سېلىۋەتتى، يەنە ئىككى بالىنىڭ ئويۇن قويۇش كىيىمىنى سېلىشىغا ياردەملەشتى، «كەنت- بازارلاردا مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەندە، دائىم تەكلىپ بىلەن ئويۇن قويىمىز، كۆپچىلىك ناھايىتى ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ، بولۇپمۇ بالىلار مېنى چۆرىدەپ ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەنسە، مەن كۆڭلۈمدە ناھايىتى خۇشال بولىمەن».

 قايىربېك بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئېيىق ئۇسسۇلى» ئوينىغانلار ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى قالىجان قايىربېك بىلەن مۇرالجان قايىربېك ئىدى. قالىجان بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، داشۆنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى، مۇرالجان ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىنى ئاخىرلاشتۇرغانىدى.

 «ئىككىلا بالام ئالتە- يەتتە يېشىدىلا ماڭا ئەگىشىپ <ئېيىق ئۇسسۇلى>نى ئۆگەنگەن، ئۇلار ياخشى ئۆگەندى، قىشلىق، يازلىق تەتىلدە دائىم مەن بىلەن كەنت- بازارلاردا ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىدۇ»، دېدى قايىربېك.

 قايىربېكنىڭ دادىسى قابىكىن مۇقاش جېمىنەي ناھىيەسىدىكى داڭلىق خەلق ئۇسسۇلچىسى بولۇپ، 2016- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ھايات ۋاقتىدا، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت تارماقلىرى ئۇنى مەخسۇس ھەر خىل ئەنئەنىۋى ئۇسسۇللارنى ئويناپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان ھەم سىنغا ئېلىپ خاتىرە قالدۇرۇپ، بۇ ئۇسسۇللارغا مۇكەممەل ۋارىسلىق قىلىنىشنى ئۈمىد قىلغانىدى.

 «مەنمۇ ئالتە- يەتتە ياش ۋاقتىمدىن باشلاپ دادامدىن ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل ئۆگەنگەن». قايىربېك مۇنداق دېدى: دادام ئىلگىرى «ئېيىق ئۇسسۇلى»نىڭ كېلىپ چىقىشىنى سۆزلەپ بەرگەن، ئەينى يىلى، بىر ئەجدادىمىز دومبىرانى ناھايىتى ياخشى چالاتتىكەن، بىر كۈنى ئۇ يايلاقنىڭ ئىچكىرىسىگە ئوۋ ئوۋلىغىلى بېرىپتۇ، كەچقۇرۇن بىر تۈپ چوڭ دەرەخنىڭ تۈۋىدە دومبىرا چېلىۋاتسا، بىر ئېيىق يېقىنلاپ كەپتۇ، مۇزىكىنى ئاڭلاپ، بۇ ئېيىق ئويلىمىغان يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بېشىنى چايقاپ ئۇسسۇل ئويناپتۇ. بىر مۇزىكا ئاخىرلاشقاندا، ئېيىق كەينىگە بۇرۇلۇپ كېتىپ قېلىپ، ئادەمگە ھۇجۇم قىلماپتۇ. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئەجدادىمىز ئېيىقنىڭ ھەرىكىتىگە تەقلىد قىلىپ، «ئېيىق ئۇسسۇلى»نى ئىجاد قىلىپتۇ.

 «مەن دادامدىن ئۆگەندىم، ئىككى بالام مەندىن ئۆگەندى، <ئېيىق ئۇسسۇلى> ئائىلىمىزدە ئۈچ ئەۋلاد داۋاملاشتى». قايىربېك مۇنداق دېدى: «ئېيىق ئۇسسۇلى»غا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، ئون نەچچە بالىنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلدىم، ھەپتە ئاخىرى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋاقتىدا دەرس ئۆتتۈم، بەزى بالىلارنىڭ ئۆگىنىۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى، ئۇسسۇلنى ناھايىتى ياخشى ئوينايدۇ.

 2021- يىلى، قايىربېك «ئېيىق ئۇسسۇلى»نىڭ ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋارىسى قىلىپ بېكىتىلدى، ئالاقىدار تارماقلار ھەر يىلى بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىڭغا ياردەم پۇل تارقىتىپ، ئۇنى بۇ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

 2024- يىلى، ئەيچىيى، تېڭشۈن سىن سۇپىسى ئىشلىگەن، تاشيولدا يۈرۈش شەكلىدىكى دالا جېنرېنشيۇ ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسى «خا- خا- خا- خا- خا»نى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى جېمىنەيگە كېلىپ، قايىربېكنى تەكلىپ قىلىپ، «ئېيىق ئۇسسۇلى» بويىچە بىر سان مەخسۇس ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىنى سۈرەتكە ئالدى، كۆرسىتىلگەندىن كېيىن تورداشلارنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

 «توپان كەنتى چوڭ ئەمەس. ئەينى چاغدا سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىمۇ بۇ كىچىك كەنتتە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان، بۇنداق بولۇش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك دەپ قارىغانىدى. ئەمما دەل ئۇلارنىڭ قارىشى بىلەن رېئاللىق ئارىسىدىكى مۇشۇ پەرق سەۋەبىدىن <ئېيىق ئۇسسۇلى> كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ تارتتى». جېمىنەي ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: جېمىنەي ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىش، قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى بارلىق كەنت، مەھەللىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى، بۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرى قوغدالدى ۋە ۋارىسلىق قىلىندى، «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز سالماقنى يەنە زورايتىپ، بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنى مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى بىلەن تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىمىز».

 «مەن يەنە ئويۇن قويۇش كىيىمىنى داشۆگە ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلىرىم ۋە ساۋاقداشلىرىمنى مەن ئوينىغان <ئېيىق ئۇسسۇلى>دىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن»، دېدى قالىجان.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125