كىتابنى ۋاسىتە قىلىپ، دۇنياغا جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش
12:15:49 2025-07-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مايگۈل ئايتقازى

 «مەن تېخى كىچىك قىز چېغىمدىلا، ئەدەبىي كىتابلارنى ئوقۇشقا تولىمۇ ھېرىسمەنىدىم، كاللامدا دائىم تۈرلۈك سوئاللار تۇغۇلاتتى». خەنشۇناس، ئىتالىيە مىلان بىكوككا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى فۇ شۆليەن ئۆزىنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىگە رىشتە باغلىغانلىقىغا دائىر كەچۈرمىشىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا خەرىتىسىگە قاراپ، مەندە ئەگەر مەن يۇرتۇمدىن ئىنتايىن يىراق بىر جايغا بارسام، ئاشۇ سوئاللارغا مۇۋاپىق جاۋاب تاپالامدىم- يوق، دېگەن ئوي پەيدا بولغانىدى. ئۇ چاغدا، مەن جۇڭگونى ناھايىتى يىراق، يەنە كېلىپ ناھايىتى چوڭ دەپ بىلەتتىم، شەرقتىكى قەدىمىي مەدەنىي دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ماڭا نىسبەتەن ئىنتايىن جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىدى، شۇڭا مەن خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشنى باشلاشنى قارار قىلدىم».

 تۈركىيەلىك خەنشۇناس، تەرجىمان جى لەينىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشى كىچىك ۋاقتىدا ئوقۇغان جۇڭگونىڭ كىلاسسىك بالىلار چۆچىكى «ما لياڭنىڭ ئاجايىپ قەلىمى»دىن كەلگەن، «بۇ چۆچەك مەندە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان، شۇڭا چوڭ بولغاندىن كېيىن، تۈركىيەدە خەنشۇناسلىق فاكۇلتېتى ئەڭ بۇرۇن تەسىس قىلىنغان ئەنقەرە داشۆگە ئىمتىھان بەردىم».

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو كىتاب ئىمپورت- ئېكسپورت (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «دۇنيا خەنشۇناسلار جۇڭگوغا نەزەر سېلىش . شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتىدە جۇڭخۇا كىتاب ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى، تەرجىمان، نەشرىياتچىلار ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىگە رىشتە باغلىغانلىقىغا دائىر ئەڭ دەسلەپكى كەچۈرمىشلىرىنى ھەمبەھرىلىدى. گەرچە ئۇلارنىڭ ھېكايىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما قەشقەر، ئىلى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇش داۋامىدا، خەنشۇناسلار ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، جانلىق جۇڭگو شىنجاڭنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى بىرلىكتە ھېس قىلدى ھەم جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى بايان قىلغۇچى، تارقاتقۇچىلاردىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 6- ئاينىڭ 24- كۈنى، «دۇنيا خەنشۇناسلار جۇڭگوغا نەزەر سېلىش . شىنجاڭ سەپىرى» ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت سەپىرىنى باشلىدى. ئۇلار شۇ جاينىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش، خاس تېرىقچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھازىرقى ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى شىبە قەدىمىي شەھىرىدە خەنشۇناسلار شىبە مىللىتىنىڭ ئوقيا ئېتىشتىن ئىبارەت بۇ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك تۈرىنى ھېس قىلدى. شۇ جايدىكى ئامما ياخشى كۆرىدىغان ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىبە مىللىتىدىن بولغان ئوقيا ئېتىش ماھىرلىرى بۇ تۈردە ئىلگىرى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، نۇرغۇن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. «جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان سىياسەت خاراكتېرلىك قوغدىشى ۋە ئىقتىسادىي سېلىنما سالمىقىنىڭ زورلۇقى مېنى ئىنتايىن قايىل قىلدى»، دېدى رۇسىيە ئوقۇرمەنلىرىگە جۇڭگو مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا كۈچ چىقارغان رۇسىيەلىك خەنشۇناس، سانكت پېتېربۇرگ دۆلەتلىك ئىقتىساد داشۆسى جۇڭگو ۋە ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىلمى مەسئۇلى مۇ فېڭلىڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

 قورغاس ناھىيەسىدىكى مەنشىن ۋاڭيوۋگۇ مەنزىرە رايونىدا، كەڭ كەتكەن ئۈستىقۇددۇس گۈلزارلىقى خۇددى بىنەپشە رەڭلىك دېڭىزغا ئوخشايدۇ، خۇش پۇرىقى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. شۇ جاي ئۈستىقۇددۇس كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، دېھقانلارنى كۆرۈنەرلىك كىرىمگە ئېرىشتۈرۈپ، ساياھەت ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى جانلىق ئىزاھلىدى. بۇ يەردە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن خەنشۇناسلار «مال سېتىۋېلىش» ئەندىزىسىنى قوزغىتىپ، ئۈستىقۇددۇستىن ياسالغان جەۋھەر ماي، گىرىم بۇيۇملىرى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى سوۋغات سۈپىتىدە ئۆز دۆلىتىگە ئېلىپ كەتمەكچى بولدى.

 ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت داۋامىدا، خەنشۇناسلار بىر- بىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئېكسكۇرسىيە تەسىراتىنى ئالماشتۇرغاندىن سىرت، يەنە ئۆز كەسپى ئۈستىدە توختالدى، قانداق قىلغاندا نەشر بۇيۇملىرى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى.

 جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ مەملىكەت سىرتىدىكى ئالقىشلىنىش دەرىجىسىنى جى لەينىڭ سۆزلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جى لەي جۇڭگونى تۈركىيەگە تونۇشتۇرۇشقا ئىزچىل كۈچ چىقارغان، «مۇھاكىمە ۋە بايان»، «جۇاڭزى» قاتارلىق نۇرغۇن جۇڭگو تىل- يېزىقىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇ تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان «سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» خەنزۇ تىلىدىن بىۋاسىتە تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان تۇنجى تەرجىمە نۇسخا ھېسابلىنىدۇ. «<سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرى> 28 قېتىم، <مۇھاكىمە ۋە بايان> ئالتە قېتىم كۆپەيتىپ بېسىلغان، <جۇاڭزى>مۇ ئۈچ قېتىم كۆپەيتىپ بېسىلغان، جۇڭگونىڭ كىلاسسىك كىتابلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى تارقىلىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى». ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: «مەن نۆۋەتتە يەنە جۇڭگو شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، يەنى ۋاڭ مېڭ ئەپەندىنىڭ <ئىلىدا> ناملىق ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشتىم».

 21 يېشىدا جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم كەلگەندە، فۇ شۆليەن جۇڭگو خەلقىنىڭ قىزغىنلىقىدىن تەسىرلەنگەنىدى. «مەن ھەر قېتىم <ياخشىمۇسىز> دېگىنىمدە، دائىم نۇرغۇن ناتونۇش كىشى كۈلۈمسىرەپ جاۋاب قايتۇردى». ئىلگىرى «قېرىنداشلار»، «يەتتىنچى كۈنى»، «ۋېنچېڭ شەھىرى»، «ئۈچ قات ئىشىك» قاتارلىق جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان فۇ شۆليەن مۇنداق بىلدۈردى: «مەن ئىزچىل تۈردە خەلق قەلبى تۇتاش، كىتاب بولسا ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك، دەپ قاراپ كەلدىم، مەسىلەن، مەن تەرجىمە قىلغان يازغۇچى يۈ خۇانىڭ ئەسەرلىرى ئىتالىيە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، بۇ ئەسەرلەر كىشىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدۇ».

 ئېكسكۇرسىيەدە بولۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، فۇ شۆليەن شىنجاڭدىكى يازغۇچىلار ۋە ئەسەرلەرگە قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشنى پىلانلىدى. «مەن شىنجاڭدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى، بولۇپمۇ ئايال يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، بۇ ئەسەرلەرنى ئىتالىيەدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇشنى ئويلىدىم»، دېدى ئۇ.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ نەشر بۇيۇملىرىنى «سىرتقا چىقىرىش» نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. 2024- يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە نەشر بۇيۇملىرىنىڭ سىرتقا بېرىلگەن نەشر ھوقۇقى ئومۇمىي سانى 15 خىلغا يەتتى. ئىلگىرى بېيجىڭ داشۆنىڭ جۇڭگو تىل- ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، كۆپ يىللاردىن بۇيان خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتى تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىرانلىق يازغۇچى، تەرجىمان مېڭ نا يازغۇچى ۋاڭ مېڭنىڭ شىنجاڭ تېمىسىدىكى «بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى» ناملىق رومانىنى تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ. «ئىلگىرى ئىراندا تەرجىمە قىلىنغان جۇڭگونىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى باشقا تىللاردىن پارس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانىدى، لېكىن يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان بارغانسېرى كۆپ ئىرانلىقلار خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە باشلىدى، خەنزۇ تىلىدىن بىۋاسىتە پارس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.» مېڭ نا مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پۇرسەتتە شىنجاڭ ئىلىغا كېلىپ، داڭلىق يازغۇچى ۋاڭ مېڭ قىزغىن سۆيىدىغان بۇ تۇپراقنى ئۆزۈم بىۋاسىتە ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئورتاقلىققا ئىگە بولدۇم. مەن مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ شىنجاڭنى ئەكس ئەتتۈرگەن تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، كۆپچىلىكنى شىنجاڭنى چۈشىنىش، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125