يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىسار ناھىيەسى چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى نىشان قىلىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، «چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش» ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، گۆش كالىسى باقمىچىلىقىنى يېتىشتۈردى ۋە زورايتتى.
يېڭىسار ناھىيەسى ساغان بازىرى قەشقەر بوجېن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ كالا فېرمىسىدا، رەت- رەت ئۆلچەملەشكەن قوتانلار كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، قوتاندىن چىقىرىلىش ئالدىدا تۇرغان 100 تۇياق سېمىز گۆش كالىلىرى يەم يەۋاتقان بولۇپ، باقمىچى ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتتىكى شاخ- شۇمبا، كۆممىقوناق دېنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان يەم- خەشەكنى ئوقۇرغا تۆكۈۋاتاتتى.
(يېڭىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى قاۋۇلجان ئابلىكىم، پىراكتىكانت نۇرلان خەۋىرى)