يېڭىسار ناھىيەسى سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، مەبلەغ ئارقىلىق يۆلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى، باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنى يۆلەپ، ياخشى سورت، ياخشى ئۇسۇللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، باقمىچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات يولىغا يېتەكلىدى.
1- ئاينىڭ 11- كۈنى، ساغان بازىرى تۆۋەن لەڭگەر كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئابدۇللا كېرەمنىڭ قوتىنىدا «دولان قويى»نىڭ قوزىلىرى مەرەپ يۈرىشەتتى، ئابدۇللا كېرەم تېخنىكنىڭ يېتەكچىلىكىدە قويلارغا ۋاكسىنا ئەملىگەچ، قوزىلارنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىۋاتاتتى.
(يېڭىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى يۈسۈپجان روزى، پىراكتىكانت ئىلياسجان تۇر)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)