ئەتلەس − شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە شايى ماتېرىيالى، 2008- يىلى، ئەنئەنىۋى ئەتلەس توقۇش ھۈنەر- سەنئىتى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، «21- ئەسىردىكى ئەڭ ئاخىرقى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى» دەپ تەرىپلەنگەن.
خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىغا جايلاشقان «جىيا گۈزىلى» ئەتلەس چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھازىرغىچە قەدىمكى دەۋردىكى ئۆسۈملۈك بويىقى ئارقىلىق بوياش تېخنىكىسى ۋە ياغاچتىن ئۆزى ياسىغان ئەتلەس توقۇش ماشىنىسىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، بوياش- توقۇش ھۈنەر- سەنئىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەم نەپىس.
(خوتەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى سەيراڭ دۇڭجۇ، رىزۋانگۈل خەۋىرى)