خوتەن شەھىرىدە ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاندى، شەھەردىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مول مەزمۇنلۇق «ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسى» ئارقىلىق يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى باشلاپ كەتتى.
جېجياڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئۆيىدە ئۆزگىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى دەرسى ئۆتۈلدى.
ئەجدىھا يىلىدىكى ئوقۇش باشلىنىشتىكى تۇنجى دەرستە «ئەجدىھا» ئامىلى كەم بولسا بولمايدۇ. جېجياڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئۆيىدە، ئۆزگىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى دەرسى ئۆتۈلدى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ چۈشەندۈرۈشى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قىزىل قەغەزنى ئەستايىدىل قاتلاپ، كۆڭۈل قويۇپ قىيىپ، جانلىق، ئوبرازلىق ئەجدىھا شەكىللىك نەقىش، بەخت خېتى ۋە ھەر خىل گۈل شەكىللىك قەغەز قىيما ئەسەرلىرىنى تاماملاپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدى.
ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان قەغەز قىيما.
ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان قەغەز قىيما.
ئوقۇغۇچىلار قەغەز قىيمىلارنى قىيىپ چىقتى.
جېجياڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى كاڭ شىنجيې مۇنداق دېدى: «مەكتەپتە ھەر قېتىم ئوقۇش باشلانغاندا ئوخشاش بولمىغان خۇشاللىق بولىدۇ، مېنىڭچە بۇنداق ئوقۇش باشلاش بىرىنچى دەرسى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، مۇئەللىم بىزگە قولمۇقول ئۆگىتىدۇ، ئۆزىمىز قول سېلىپ ھېس قىلىش ئارقىلىق، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر- سەنئىتى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىپ، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا چۆمىمىز».
جېجىياڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى بىلەن قەغەز قىيما رەسىم توغرىسىدا پىكىرلەشمەكتە.
جېجياڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى فېڭ يەنخۇا مۇنداق دېدى: «ئوقۇغۇچىلارغا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ساۋاقداشلارنىڭ ئوقۇش باشلاشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭى قىياپەت بىلەن ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى يېڭى تۇرمۇشنى باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئوقۇغۇچىلار قەغەز قىيمىلىرىنى كۆرسەتمەكتە.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت ئۆيىدە، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا نەقىشنى قانداق لايىھەلەش، سىلىقلاش، قانداق قىلىپ ئىنچىكە ئويۇش قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگەتتى.
جېجياڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى نەجمىدىن نەبىجان مۇنداق دېدى: «مەن قاپاق ئويمىچىلىقىغا بەك قىزىقىمەن، ئوقۇش باشلاشنىڭ تۇنجى دەرسىدە بۇ ھۈنەرنى ئۆگىنىپ، بەك خۇشال بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن قاپاق ئويمىچىلىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تېخىمۇ نەپىس ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىمەن».
ئوقۇتقۇچى نەجمىدىن نەبىجانغا قاپاق ئويمىچىلىقىنى ئۇگەتمەكتە.
جېجياڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ شىڭبو مۇنداق دېدى: «بىز ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپا مائارىپىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. كېيىنكى قەدەمدە، بىز يەنە ساپال بۇيۇملارنى ياساش، دانلىق زىرائەت ۋە قارا ئاشلىق رەسىمى قاتارلىق قول ھۈنەر- سەنئەت دەرسلىكلىرىنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىغا جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ بەدىئىي سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچى، مىللىي ئىشەنچنى كۈچەيتىمىز»
(خوتەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى يەن جاۋشيا، ئادىلجان، رىزۋانگۈل خەۋىرى)