ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ
كۇچا شەھىرى رەستە كوچا باشقارمىسى قوۋۇق بازىرى كوچىسى كۇچانىڭ مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى كونا شەھىرى تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ، ئىلگىرى ھۈنەرۋەنلەر بۇ يەرگە يىغىلىپ ئىشىك- دېرىزىلەرنى ياساپ ساتقاچقا، «قوۋۇق بازىرى» دەپ ئاتالغان.
«قوۋۇق بازىرى»غا كىرگىنىڭىزدە، توغراق يىلتىزى ئويمىچىلىقى ئىشخانىسى، خەلق ئىچى توقۇمىچىلىق ھۈنەرخانىسى، كونا بۇيۇملار كۆرگەزمە زالى، رەڭلىك سىزما قاپاق ھۈنەرخانىسى، ياغاچچىلىق ھۈنەرخانىسى، تۆمۈرچىلىك دۇكىنى ... قاتارلىق خاس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىلىرىنىڭ بىر- بىرىگە ياندىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز. «دۇكانلارنىڭ ھەممىسىنى كوچا باشقارمىسى شۇ جايدىكى قول ھۈنەرۋەنلەرگە ھەقسىز تەمىنلەپ بەرگەن. بۇ بىزنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەت- ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قىلغان ئازراق مىكرو ئۆزگەرتىشىمىز»، دېدى كۇچا شەھىرى رەستە كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى باۋ گوخەي.
كۇچا شەھىرى رەستە كوچا باشقارمىسى قوۋۇق بازىرى كوچىسى كونا بۇيۇملار كۆرگەزمە زالىدا كۆرگەزمە قىلىنغان كونا بۇيۇملار. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى
ئەجدىھا بېشى شەكلىدىكى كىيىم ئاسقۇچ، مودەنگۈل ئويۇلغان زىننەت بۇيۇمى، ئاق تۇرنا نەقىشى ئويۇلغان قول يۇيىدىغان چۆگۈن ... كونا بۇيۇملار كۆرگەزمە زالىدىكى كونا بۇيۇملارنى كۇچالىق مىجىت ئىمىن كۇچا، شايار، باي، توقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن يىغقان. «بۇ، ئاشلىق ساقلايدىغان كومزەك، ئۈستىدىكى جۇڭگو تۈگۈچى، تۈمەن خەتلىك نەقىشلەرنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىدىن كەلگەن، بۇ ئىشىك، دېرىزە، لىملاردىكى نەقىش ۋە رەڭلىك سىزمىلارمۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىناكارلىق ئۇسلۇبى بولۇپ، كۈسەن مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ»، دېدى مىجىت ساياھەتچىلەرگە تونۇشتۇرۇپ.
كۇچا شەھەر رەستە كوچا باشقارمىسى قوۋۇق بازىرى كوچىسىدىكى رەڭلىك قاپاق ئويمىچىلىقى دۇكىنىدىكى نەقىش ئويۇلغان قاپاقلار. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى
ئۇيغۇرلارنىڭ چىۋىق توقۇمىچىلىقى 2- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. خەلق ئىچى توقۇمىچىلىق ھۈنەرخانىسىغا ھەر خىل چىۋىقلاردىن توقۇلغان سېۋەت، قالپاقلار لىق ئېسىلغان ئىدى. ساياھەتچى فاڭ شىنرۇ سۆگەت شېخىدىن توقۇلغان قالپاقنى كۆرۈپ قولىدىن چۈشۈرمىدى. بىردەم باھا تالاشقاندىن كېيىن، قالپاقنى سېتىۋالدى.
كۇچا شەھىرى رەستە كوچا ئىش باشقارمىسى قوۋۇق بازىرى كوچىسى كونا بۇيۇملار كۆرگەزمە زالىدا كۆرگەزمە قىلىنغان كونا بۇيۇملار. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى
خەلق ئىچى توقۇمىچىلىق ھۈنەرخانىسىنىڭ مەسئۇلى قۇربان ياسىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ جايدىكى پۇقرالار ئەزەلدىن چىۋىقتىن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى توقۇشقا ئادەتلەنگەن، ئىشلەتكەن ماتېرىياللار ئاساسلىقى قارىياغاچ شېخى، يۇلغۇن شېخى، تېرەك شېخى، ئۈجمە شېخى، سۆگەت شېخى قاتارلىقلار بولۇپ، تەبىئىي خىسلىتى ساقلاپ قېلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ توقۇلما قول ھۈنەر بۇيۇملىرى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى بىر يولغا ئايلاندى، «مەن قۇرغان چىۋىق توقۇلمىلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى 30 نەچچە كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى».
كۇچا شەھىرى رەستە كوچا باشقارمىسى قوۋۇق بازىرى كوچىسى خەلق ئىچى توقۇمىچىلىق ھۈنەرخانىسىدا توقۇلغان قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى
«قوۋۇق بازىرى» ئىچىدىكى توغراق ياغىچى، توغراق يىلتىزى ئويمىچىلىقى ئىشخانىسىنى كۇچا شەھىرى ئۇزۇن بازىرىنىڭ ئاھالىسى تۇرسۇن مىجىت قۇرغان. بۇ يىل 81 ياشقا كىرگەن تۇرسۇن ياغاچ ئويما ۋە يىلتىز ئويما ئويۇشقا ماھىر بولۇپ، دۆلەت پاتېنت ھوقۇقى بەرگەن 40 نەچچە پارچە ئەسىرى بار. ئىشخانىدىكى ئەجدىھا، تۆگە، قاپلان قاتارلىق ئەسەرلەر توغراق ياغىچىدىن ياسالغان بولۇپ، ھەيۋەت ھەم جانلىق كۆرۈنىدۇ. تامدىكى رەسىملەرمۇ ئاساسلىقى ھايۋانلارنىڭ تېرىسى، ئاق رەخت، قارا دۇخاۋا بىلەن ئىجاد قىلىنغان.
باۋ گوخەي مۇنداق دېدى: رەستە كوچا باشقارمىسى ھازىر كۈسەن مەدەنىيىتىنى زىيارەت قىلىش يولى، «قوۋۇق بازىرى»، دوپپا كوچىسى قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلدى، دۇكان 300دىن ئېشىپ، 2000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.