10- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى ۋاسكېتبول باغچىسى سىرتقا ئېچىۋېتىلدى! مەيدان-سارايلارنىڭ تىجارەت ۋاقتى: دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە سائەت 19:00دىن سائەت 23:00كىچە، شەنبە، يەكشەنبە ۋە بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى سائەت 15:00تىن سائەت 23:00كىچە بولىدۇ.
سۈرەت مەنبەسى: ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرى
ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى ۋاسكېتبول باغچىسىنىڭ ئىچىگە ۋاسكېتبول مەيدانىدىن ئىككىسى، پەي توپ مەيدانىدىن ئونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى «ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرى ئارقىلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى مەيدان زاكاز قىلىش سىستېمىسىغا كىرىپ ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ. ئالدىن كېلىشىپ قويغان دوستلار غەربىي ئىشىكتىن باغچە رايونىغا كىرىپ، ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيىغا بېرىپ، تەنھەرىكەتچىلەر يولىنىڭ يان تەرىپىدىن ۋاسكېتبول باغچىسىغا كىرسە بولىدۇ.
سۈرەت مەنبەسى: ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرى