«مېنىڭ بۇ شىنجاڭلىق ساۋاقداشلىرىم بەكلا قالتىس!»
10:03:24 2025-03-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى


ھېلىقى شىنجاڭلىق ياتاقداشلىرى بىلەن ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىپ توردا تونۇلغان شەندۇڭلۇق يىگىت ياڭ زىخاۋ ئېسىڭىزدىمۇ؟ 3- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئۇ شىنجاڭدا ھاياتىدىكى ئالاھىدە بىر كۈن بولغان 19 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى، ئۇنىڭ ياتاقداشلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا تورت تەييارلاپ، ئۇنى ھەيران قالدۇرۇۋەتتى، ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا كوللېكتىپ تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتىپ بەردى، نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىن كەلگەن بۇ شەندۇڭلۇق يىگىت: «مېنىڭ بۇ شىنجاڭلىق ساۋاقداشلىرىم بەك قالتىس، خۇددى ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە توغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگەندەك بولدۇم!» دېدى. بۇ ئىللىق سىن كۆرۈنۈشى ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى، كۆپچىلىك بەس- بەستە شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە «شىنجاڭ- شەندۇڭ» دوستلۇقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.

ياڭ زىخاۋ شەندۇڭ لياۋچېڭدىن كەلگەن بولۇپ، ئىلى سىفەن داشۆسىنىڭ مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇيدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ياڭ زىخاۋ ياتاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، ئۆز ئارا ھەر قايسى جايلارنىڭ شېۋىسىنى ئۆگەندى، ھازىر ئۇ شىنجاڭنىڭ تۇرمۇشىغا پۈتۈنلەي سىڭىشىپ كەتتى. 3- ئاينىڭ 12- كۈنى، ياڭ زىخاۋ يەنە ئىلى چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئارتىسلار بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناپ، تورداشلار تەرىپىدىن «ھەقىقىي شىنجاڭلىق ئوغۇل بالا بوپتۇ» دەپ تەرىپلەندى.

ياڭ زىخاۋنىڭ ئېيتىشىچە، شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىنلىقى، ئۆزىنى ئەركىن قويۇپ ياشىشى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپتۇ. ھازىر ئۇ ئۆزىگە كەلگۈسىدە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە كامېرا ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۆرۈنۈشىنى پۈتۈن مەملىكەتكە، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا كۆرسىتىپ بېرىشتەك يېڭى نىشاننى بېكىتتى.

نازارەتچى: ليۇ يۈەنيۈەن

مۇخبىر \ سىن ئىشلىگۈچى: رىزىۋانگۈل ئابدۇرېقىپ

ماتېرىيال مەنبەسى: ئىلى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، غۇلجا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125