قۇلىستاي يايلىقىنىڭ باش كۈز مەنزىرىسى. قۇلىستاي يايلىقى تارباغاتاي ئويمانلىقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان، تارباغاتاي ئويمانلىقىنىڭ «بۆرىكى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئېمىل دەرياسى بۇ جايدىن كېسىپ ئۆتۈپ، كەڭ كۆلەمدىكى ئوتلاق سۇلۇق يېرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى پەسىل قۇشلىرى كۆچىدىغان مۇھىم ئۆتەڭدۇر. ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى
كۈز پەسلىدىكى شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى نەسىللىك كالا فېرمىسى 8- نومۇرلۇق سۇ ئامبىرىدا زۇمرەتتەك سۇلار دولقۇنلاپ، سۇ ئوت- چۆپلىرى بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، توپ- توپ كۈلرەڭ تۇرنا، يېشىل باش ئۆردەك، ئاق قوتان قاتارلىق پەسىل قۇشلىرى بۇ يەردە ئوزۇقلۇق ئىزدەپ، ماكانلىشىپ، گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مەنزىرىنى نامايان قىلدى. (ما گۇاڭيۈەن فوتوسى)
10- ئاينىڭ 22- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى كورلا شەھىرى دۇجۈەن دەرياسى بويىدا ئاق قۇلارنى تاماشا قىلماقتا. ھەر يىلى كۈزدە، بايىنبۇلاق ئوتلىقىدا ياشايدىغان ياۋا ئاق قۇلار ئارقا- ئارقىدىن كورلا شەھىرىگە ئۇچۇپ كېلىپ قىشنى ئۆتكۈزىدۇ. ۋېي يىنخې فوتوسى
10- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاققوتانلار بورتالا دەرياسى بويىدىكى سۇلۇق يەردە خۇشال ئوينىماقتا. يېقىندا، بورتالا شەھىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى قىشتىن ئۆتىدىغان پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى، ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، تۇنجى تۈركۈمدىكى پەسىل قۇشلىرىنىڭ يېتىپ كېلىش ۋاقتى يېرىم ئايدىن كۆپرەك ئالدىغا سۈرۈلدى. شاتتىق قايرات فوتوسى
توپ- توپ كۈل رەڭ تۇرنىلار مۇھاپىزەت رايونى ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلماقتا. تيەن شياڭدۇڭ فوتوسى
9- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، شىنجاڭ ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يېرى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى جەنۇبقا كۆچكەن زور بىر تۈركۈم پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى. توپ- توپ كۈل رەڭ تۇرنا، قارنا، ياۋا ئۆردەك قاتارلىقلار گاھ سۇلۇق يەردە ئوزۇق ئىزدىسە، گاھ ئېگىز بوشلۇقتا قانات قېقىپ پەرۋاز قىلاتتى، قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازى تۇرۇپ كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ پەسىيىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئونمىڭلىغان قۇش توپ- توپ پەرۋاز قىلغان ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى نامايان قىلدى.
كۈز كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىلى دەرياسى بويىدا پەسىل خاراكتېرلىك كۆچىدىغان پەسىل قۇشلىرى تەدرىجىي كۆپەيدى، دۆلەت 1- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان رەڭدار ئىبىس دەريا بويىدا پەيدا بولدى، ئۇلارنىڭ رەڭدار پەيلىرى ۋە پەرۋاز قىلغاندىكى قىياپىتى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە. (ئاپتور: سۈن جۇڭجىڭ)
يېقىندا، خوتەندىكى قۇش ھەۋەسكارى خوتەن ناھىيەسى ئەتراپىدىكى سۇلۇق يەردە توپ- توپ قارا لەيلەكنىڭ يەم ئىزدەپ، ئۇچۇۋاتقان ئاز ئۇچرايدىغان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتتى. چېن ۋېنجيې فوتوسى
قارا لەيلەك بىر خىل چوڭ تىپتىكى لەيلەك ئاياغلىقلار بولۇپ، دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قۇش تۈرى، دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. سانى ئاز بولۇپ، «قۇشلار ئىچىدىكى مۈشۈكئېيىق» دېگەن نامى بار.
كۈز كۈنلىرىدە ئېرتىش دەرياسى جىلغىسى پەسىل قۇشلىرىنىڭ گۈزەل ماكانىغا ئايلىنىدۇ، ھەر يىلى كۈزدە توپ- توپ پەسىل قۇشلىرى بۇ يەرگە يىغىلىپ ئارام ئېلىپ ئۆزىنى تەڭشەيدۇ. (ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى فۇ خاۋدۇڭ، كۇپىن نىغمەت)